xjmidi

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش
ئىزدەش
ئۇچۇر يوللاش   QQ Taobao xjmidi实名认证 
باشقا ئۈسكىنىلەر مال كۆرۈش

Juzisound Total SOLO Sampler شەخسىلەر ئاۋاز تۈسى نۇسخا ئاپپاراتى

Juzisound Total SOLO Sampler شەخسىلەر ئاۋاز تۈسى نۇسخا ئاپپاراتى
مال تۈرى:
يېڭى مال سېتىۋېلىش
كىرا ھەققى:
تورسىز سودا
قالغان ۋاقىت:
سودا پۈتتى
تاۋار سانى:
10
ئورنى:
يەكەن
جەمئىي سېتىلغىنى:
0
ھازىرقى باھاسى:

6800.00 يۈەن

مەھسۇلات نامى : Juzisound Total SOLO Sampler شەخسىلەر ئاۋاز تۈسى نۇسخا ئاپپاراتى
ماركىسى : Juzisound
مەھسۇلات تۈرى : ئاۋاز ئامبىرى ئاپپاراتى
ئىشلەپچىقارغان شىركەت : Juzisound

مەھسۇلات چۈشەندۈرلۈشى

مۇزىكا ئۇسلۇبىمىز ئۆزگىچە بولغانلىقتىن نەخمەيدان مۇزىكا چىلىش ياكى كومپىيوتېردا مۇزىكا ئىشلەش جەريانىدا دائىم ئۆزگىچە ئاۋاز تۈسلىرىگە ئىھتىياجىمىز چۈشۈپ تۇرىدۇ. گەرچە ئاۋاز نۇسخىلاش يۇمشاق دىتاللىرى ۋە ئۈسكىنىلەر ئەتراپىمىزدا ئۇچىراپ تۇرىسىمۇ، ئەمما ئۆلچەملىك ئاۋاز نۇسخىلاش خىزمىتى بىر ئاز قول تۇتىدىغان بولغاچقا كۆڭۈلدىكىدەك ئاۋاز تۈسلىرىنى نۇسخىلاپ چىقىشقا يىتەرلىك ۋاقىت چىقىرىپ بولالمايمىز. بۈگۈن مەن تونۇشتۇرماقچى بولغان Juzisound ئاپپاراتى بىزنى دەل يۇقارقى باش قىتىنچىلىقىدىن قۇتۇلدۇرىدۇ.
Juzisoundدا دۇنيادىكى ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ چالغۇ ئەسۋابلىرىنىڭ ئاۋاز تۈسى تەمىنلەنگەن بولۇپ، نۆۋەتتە يەنە نۇرغۇن چالغۇلارنىڭ ئاۋاز تۈسلىرى ئورگان تەرەپتىن تەمىنلىنىۋاتىدۇ. بۇ ئاۋاز تۈسلىرى تىخنىكىلىق بىر تەرەپ قىلىشتىن ئۆتكەن بولۇپ، شۇ چالغۇنىڭ ئاۋاز تۈسىنىڭ ئەينەنلىكى ۋە ھىسىيات ئامىللىرى، ئورۇنداش تىخنىكىلىرى ئەڭ زور دەرىجىدە نۇسخىلاش ئارقىلىق ئىشلەتكۈچىلەرنىڭ پايدىلىنشى ئۈچۈن سۇنۇلغان. نۆۋەتتە دۇنيادا چىقانداق بىر ئاۋاز ئامبىرى ئىشلەپچىقىرىش شىركىتى بۇ ئاپىراتقا ئوخشاش توپلاشتۇرۇلغان مىللى چالغۇلار ئاۋاز تۈسىنى ئىلان قىلىپ باقمىغان. چۈنكى پۈتۈن دۇنيادا بۇ تۈردىكى ئاۋاز تۈسلىرىگە ئىھتىياجلىق ئىشلەتكۈچىلەر بىر قەدەر ئاز سالماقنى ئىگىلەيدۇ، بازار ئىھتىياجى سەۋەبلىك كۆپ ساندىكى ئاۋاز ئامبىرى ياساش شىركەتلىرى پەقەت خەلىقئارادا ئوموملاشقان 1000خىلغا يىقىن ئاۋاز تۈسىنى ئاساس قىلىپ لايىھەلەش ۋە نۇسخىلاش خىزمىتى ئىلىپ بارىدۇ. ئىنتايىن ئاز ساندىكى كىشىلەر ئىھتىياجلىق ئاۋاز ئامبىرىنى كەمدىن -كەم بازارغا سالىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە باھاسى يۇقىرى ،تەمىنلەنگەن ئاۋاز تۈسلىرى سان جەھەتتىن ئاز، كۆڭۈلدىكىدەك ئاۋاز تۈسىگە ئىرىشمەك تولىمۇ تەس.
تۆۋەندىكىسى Juzisound تەرەپنىڭ نەچچە ۋاقىتتىن بىرى تور بىكىتىدە تەمىنلىگەن ئاۋاز ئامبىرى ھۆججىتىنىڭ تەپسىلاتى.

21212.png

ئاۋاز تۈسىنى باشقۇرۇش قولاي بولىشى ئۈچۈن ئورگان تەرەپ مەخسۇس يۇمشاق دىتال تەمىنلىگەن بولۇپ، قەرەلسىز تۈردە ئىقتىدارى يىڭىلىنىپ تۇرىدۇ.
samplers_bank_manager.jpg

مەزكۇر ئاپپاراتىنى ئىلىكتىرونلۇق رويال ۋە كومپىيوتېرغا چىتىش ئارقىلىق ئاپپاراتتا تەمىنلەنگەن ئاۋاز تۈسلىرىنى چېلىش ئورۇنداشقا ،midiھالەتتە خاتىرلەشكە بولىدۇ. ئورگان تەرپنىڭ تور بىتىدىن ئۆزىمىز ياقتۇرغان ئاۋاز تۈسلىرىنى ھەقسىز چۈشۈرۈپ ئىشلىتىشكە بولىدۇ. بۇ ئاپپارات Breath Controller (نەپەس ئارقىلىق midiسىگىنالىنى كونتىروللىغۇچ) نى قوللايدۇ. بىرلەشتۈرۈپ ئىشلەتكەندە كۆڭۈلدىكىدەك ئاۋاز تۈسى ئۈنۈمىگە ئىرىشكىلى بولىدۇ.
بۇ مەھسۇلاتنىڭ سېتىۋىلىش باھاسى 6800يۈئەن، ئەگەر MRTماركىلىق نەپەس كونتىروللىغۇچىنى قوشۇپ سېتىۋالسىڭىز جەمئىي  8800يۈئەنگە سېتىۋالالايسىز.

مەزكۇر Juzisoundئاپپىراتى تۆۋەندىكى قوشۇمچىلاردىن تەركىب تاپقان:
1.ئاساسىي ئاپپارات 1دانە
2.توك مەنبەسى 1دانە
3.بىر تال midi سىم
4.بىر دانە 32 گىگابايىتىلىق SD كارتا
4.چۈشەندۈرۈش قوللانمىسى 1پارچە

مەزكۇر مەھسۇلات دۆلەت ئىچىدە بازارغا سىلىنمىغان بولغانلىقى ئۈچۈن زاكاسقا ئاساسەن ئىمپورت قىلىپ تەمىنلىنىدۇ. ئىھتىياجى بار دوستلارنىڭ ۋاختىدا ئالاقىلىشىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن.
ئالاقىلىشىش

ئالاقىلىشىش تېلفۇن نۇمۇرى : 18009985538
ئۈندىدار :parhatmusic
چ چ : 1138536118
تور بىكەت : xjmidi.com

سەمىمىيلىكى

سودىگەرنىڭ ھەقىقىي ئىسمىپەرھات ئابدۇرىھىم
ساتقۇچىنىڭ ئىشەنچلىك دەرىجىسى
سېتىۋالغۇچىنىڭ ئىشەنچلىك دەرىجىسى

QQ|ئالاقىلىشش ئۇسۇلى|ياردەم|يانفۇن|قاماقخانا|شىنجاڭ midi تورى|新疆midi网   

GMT+8, 2020-6-2 09:53 , Processed in 0.017599 second(s), 10 queries , Wincache On.

Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش