xjmidi

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش
ئىزدەش
كۆرۈش: 1290|ئىنكاس: 2

Overloud BREVERB رەقەملىك سادا ئۈنۈمچىكىنى ئىشلىتىش دەرىسلىكى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

升级   100%

扫一扫,手机访问本帖
Overloud BREVERB بولسا Overloud  شىركىتىنىڭ رەقەملىك سادا ئۈنۈم قىستۇرمىسى بولۇپ ، كونۋولۇتسىيە ئىمپۇلىس تىخنكىسى ئاساسىدا تۈزۈلگەن نۇسقىلانغان سادا ئۈنۈم قىستۇرمىسى . نۇرغۇن ئۈن تىخنىكلىرى بۇ دىتالغا ياخشى باھا بەرگەن .Overloud BREVERB  داڭلىق مۇزىكا ئىشلەش دىتالى sonar x2 غا توپلاشتۇرۋىتىلگەن بولۇپ ،سىزدە sonar x2 بولسىلا   بۇ قىستۇرمىنى بەھۇزۇر ئىشلىتەلەيسىز . ئەگەر سىز باشقا تۈردىكى مۇزىكا سىستىمىسى ئىشلىتىۋاتقان بولسىڭىز
Overloud BREVERBنىڭ    VST RTAS/TDM   فورماتىدىكى نۇسقىلىرىنى قاچىلاپ ئىشلەتسىڭىز بولىدۇ .

ئۇنداقتا بۇ قىستۇرما توغرىسىدىكى دەرسىمىزنى باشلاپ كىتەيلى .
ئاۋۋال بۇ يەردىن سادا نۇسقىسىنى تاللىۋالىمىز . مەسلەن ،ROOM ئۆي ئىچى ساداسى ،HALL زال ساداسى دىگەندەك ..... ،بۇ سادا نۇسقسىدا نۇرغۇن تارماق تۈرلەر بولۇپ ،ھەر خىل چالغۇلارنىڭ بىز تاللىغان مۇھىت ئىچىدىكى ساداسىدىن ئىبارەت .
(ئاستىدىكى رەسىمگە قاراڭ )


بۇ جايدىن ئۆزىمىز بىر تەرەپ قىلماقچى بولغان ئۈن ھۆججىتىگە ئاساسەن سادا تۈرىنى تاللايمىز . سادا تۈرىنى قانداق تاللاشنى بىلمىسىڭىز ئىنگىلىزچە -ئۇيغۇرچە لوغەتلەردىن پايدىلىنىپ سۆز بويىچە تەرجىمە قىلىپ ئۆزىڭىزگە لازىملىق تۈرنى تاللىۋالسىڭىز بولىدۇ . مەسلەن ،مەن تاللىغان  HALL زال ساداسى تۈرى ئىچىدىكى Odd Vocal Verb نىڭ مەنىسى :
« ئەسلەش ئۇسلۇبىدىكى ئادەم ئاۋازى ساداسى » .(  Odd ئۆتمۈش ، Vocal ئادەم ئاۋازى  ،Verb سادا )
دىمەك  مەن تاللىغان بۇ سادا تۈرى تەھىرىرلىمەكچى بولغان ئۈن ھۆججىتىمگە زال ئىچىدىكى ئادەم ئاۋازىنىڭ ساداسنىڭ ئۈنۈمىنى قوشالايدۇ .
(ئاستىدىكى رەسىمگە قاراڭ )
  


ئوڭ تەرەپتىكى DRY قۇرۇق ئاۋازنىڭ چىقىرىش مىقتارى ، يەنى ئەسلىدىكى ئۈن ھۆججتنىڭ چىقىرىش مىقتارى .
WETبولسا نەم ئاۋازنىڭ چقىرىش مىقتارى ، يەنى سادانىڭ چىقىرىش مىقتارى . ئەگەر AUX SAND ياردەمچى ئۇزۇتۇش ئارقىلىق سادا يوللانسا ،WET نىڭ قىممىتىنى ئەڭ چوڭ ھالەتتە تەڭشەيمىز .
OUT بولسا ئاۋاز مىقتارىنىڭ چىقش دەرىجىسىنى كۆرسىتىپ بىرىدۇ . ئەگەر مىقتارى ئارتىپ كەتسە ،كۆرسەتكۈچ چىراق قىزىل رەڭلىك ينىپ ئاگاھلاندۇرۇش بىرىدۇ .
(ئاستىدىكى رەسىمگە قاراڭ )



سول تەرەپتىكى IN بولسا كىرىۋاتقان ئاۋازنىڭ مىقتارىنى كۆرسىتىپ بىرىدۇ .
INئىتتىرىش دەستىسى ئارقىلىق ئاۋاز مىقتارىنىڭ كىرىشىنى بەلگىلەشكە بولىدۇ . يەنى مۇشۇ قىستۇرما ئىچىگە كىرىۋاتقان ئاۋاز مىقتارىنى تەڭشەشكە ، كونتورول قىلىشقا بولىدۇ .
(ئاستىدىكى رەسىمگە قاراڭ )

ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

升级   100%

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2012-8-10 21:32:20 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قۇرۇق ئاۋاز ۋە نەم ئاۋازنى تەڭشەش دەستىسىنىڭ ئاستىدىكىسى بولسا Panorama ،ئۇ يەنە Pan دەپمۇ ئاتىلىدۇ . ئاۋاز تەسۋىرىنى تەڭشەش ئۈچۈن ئىشلىتىمىز .
DRYنىڭ ئاستىدىكسى ئەسلىدىكى ئاۋازنىڭ ئوڭ-سول ئاۋاز تەسۋىرىنى تەڭشەش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدۇ .
WETنىڭ ئاستىدىكىسى سادانىڭ  ئوڭ-سول ئاۋاز تەسۋىرىنى تەڭشەش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدۇ . ئەگەر ئاۋاز تەسۋىرى ئوتتۇرغا تەڭشەلسە ،بىزنىڭ ئىگە بولىدىغىمىز تاق يوللۇق سادادىن ئىبارەت .

(ئاستىدىكى رەسىمگە قاراڭ )



ئەمدى ئاستىنقى قىسمدىكى پارامىتېرلارغا قاراڭ .
قىزىل سىزىق بىلەن تۇتاشتۇرۇلغان بۇ ئىككى ئىتتىرىش دەستىسنڭ ئىقتىدارى  ئۈستىدىكى DRYۋە WET بىلەن ئوخشاش .(ئاستىدىكى رەسىمگە قاراڭ )



TIME  ئىتتىرىش دەستىسى ئارقىلىق قالدۇق سادانىڭ ۋاقتىنى تەڭشەشكە بولىدۇ .

قالدۇق سادانىڭ ۋاقتى  دىگىنىمىز -سادا ئۈنۈمى شەكىللەنگەندىن باشلاپ ، تاكى 60دىستىبىلغا كىمەيگىچە بولغان ئارلىقتىكى كىرەك بولىدىغان دەقىقە سانىدىن ئىبارەت .
قانچە يۇقىرى قىممەتتە تەڭشىسەك بىر قەدەر ئۇزاق داۋاملاشقان سادا‹‹ قۇيرىقى ››غا ئىگە بولالايمىز .
ئۈستىدىكى TIME  بۇرۇغۇچ كۇنۇپكىسى بىلەن TIME  ئىتتىرىش دەستىسى ماس قەدەم ماڭىدۇ . يەنى ئىككىسىنىڭ ئىقتىدارى بىر دىگەن گەپ .
(ئاستىدىكى رەسىمگە قاراڭ )



LOWئارقىلىق تۆۋەن چاستوتىلىق سادانى كىمەيتىكىلى بولىدۇ . يەنى سادانىڭ چاستوتا دائىرىسىنى تەڭشەشكە بولىدۇ .
HIGH ئارقىلىق يۇقىرى چاستوتىلىق سادانى كىيمەتكىلى بولىدۇ .
بۇ ئىككى ئىتتىرىش دەستىسى FREQ كۆزنىكىدىكى LOW ۋە HIGH بىلەن ماس قەدەم ماڭىدۇ .
(ئاستىدىكى رەسىمگە قاراڭ )



DIFFUSION تارقىتش گىرادۇسىنى  ئىپادىلەيدۇ . ئىتتىرىش دەستىسىنى قانچە يۇقىرغا كۆتۈرسەك تارقىتىش گىرادۇسى ئاشىدۇ .  تارقىتش گىرادۇسى ئاشقانسىرى  ئۆي تىمى شۇنچە قوپال ، يىرىك بولىدۇ . ھاسىل بولغان سادا سىلىق ، تەكشى بولىدۇ .
ئۇنىڭ ئەكسىچە تارقىتىش گىرادۇسىنى كىمەيتسەك ،ئۆي تىمى شۇنچە سلىق بولىدۇ ، سادانىڭ قايتىشى شۇنچە روشەن بولىدۇ . سادا ئۈنۈمى بىر قەدەر قوپالراق ئۆزگىرىدۇ .
بۇ پارامىتېر GENEBAL كۆزنىكىدىكى DIFFUION پارامىتېرى بىلەن ماس قەدەم ماڭىدۇ .(ئوخشاش ئىقتىدارغا ئىگە )
(ئاستىدىكى رەسىمگە قاراڭ )



GENEERALكۆزنىكىدىكى پارامىتېرلار ناھايىتى مۇھىم .
TIME :  قالدۇق سادانىڭ ۋاقتى ،بايام چۈشەندۈرۈپ بولدۇق .
SIZE: ئۆينىڭ چوڭ - كىچىكلىكى ،سادا ھاسىل بولغان ئۆينىڭ ياكى بوشلۇقنىڭ چوڭ -كىچىكلىكىنى كۆرسىتىدۇ .
DIFFUSION:تارقىتىش گىرادۇسى ، بۇنىمۇ بايام بىر قىتىم سۆزلەپ بولدۇق .
SHAPE :ئۆي ياكى بوشلۇقنىڭ شەكلى
SPREAD :سادانى سىترولۇق كىڭەيتىش .
(ئاستىدىكى رەسىمگە قاراڭ )



PRE كۆرنىكدىن سادانىڭ قايىتىشىغا مۇناسىۋەتلىك پارامىتېرلارنى تەڭشەشكە بولىدۇ .
PREDELAY : قايتىش ۋاقتى
REGEN L : سول قانالدىكى سادانىڭ بىرنجى قىتىم قايىتىپ كىلىپ يەنە قايتىپ چىكەتكەن ئومومى مىقتارى .
REGEN R:ئوڭ قانالدىكى سادانىڭ بىرنجى قىتىم قايىتىپ كىلىپ يەنە قايتىپ چىكەتكەن ئومومى مىقتارى .
بۇ ئىككى پارامىتېر ئارقىلىق پەقەت بىرنجى قىتىم قايتقان سادانىڭ مىقتارىنى تەڭشەشكە بولىدۇ .
MOTION : قايتقان سادانىڭ سۈرئىتنى تەڭشەش ئۈچۈن ئىشلىتىدۇ . بىرلىكى يۈز پىرسەنىت .
DEPTH:قايتقان ئاۋازنىڭ چۇڭقۇرلىقىنى تەڭشەش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدۇ .
(ئاستىدىكى رەسىمگە قاراڭ )



FREQكۆزنىكىدىن سادانىڭ تەسىر قىلىدىغان چاستوتىسىغا تەڭشەش ئىلىپ بارغىلى بولىدۇ .
LOW : تۆۋەن  چاستوتىنىڭ كىمىيىش دەرىجىسىنى تەڭشەش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدۇ ، سولغا بۇرىغانسىرى كىمىيىدۇ .
LOW FREQ: تۆۋەن چاستوتىنىڭ چاستوتا نوختىسىنى تەڭشەش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدۇ . بىرلىكى HZ
HIGH :يۇقىرى چاستوتنىڭ  كىمىيىش دەرىجىسىنى تەڭشەش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدۇ ، سولغا بۇرىغانسىرى كىمىيىدۇ .
HIGH :يۇقىرى چاستوتىنىڭ چاستوتا نوختىسىنى تەڭشەش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدۇ . بىرلىكى HZ
DAMPING :سادا توسالغۇسىنى تەڭشەش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدۇ .
LOW CUT:تۆۋەن چاستوتىغا نىسپەتەن سۈزۈش ئىلىپ بارغىلى بولىدۇ . مەخسۇس بىزەلمىگەن ئۆيدە ئاۋاز ئالغاندا ،ئۈنگە ئىلىنغان ئاۋازدا تەبئىي تۆۋەن چاستوتىلىق سادا ئارلاشقان بولىدۇ . شۇڭا ، بۇ يەردىن تۆۋەن چاستوتىنى كىسىش ياكى سۈزۈش مەشغۇلاتى ئىلىپ بىرىش زۆرۈر . 80HZ-120HZ ئارلىقتا تەڭشىگەندە يامان ئەمەس ئۈنۈمگە ئىرىشكىلى بولىدۇ .
(ئاستىدىكى رەسىمگە قاراڭ )



升级   100%

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2012-8-18 12:01:31 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
EQكۆزنىكىدىن سادانىڭ چاستوتا تەڭپۇڭلىقىغا تەڭشەش ئىلىپ بارغىلى بولىدۇ . بۇ كۆزنەكتىكى كىچىك بەلگىنى مائۇستا چەكسەك سىرىق رەڭگە ئۆزگۈرىدۇ ۋە EQ ئىقتىدارى ئىشقا كىرىشىدۇ .
بۇ كۆزنەكتە بىردانە ئىككى بۆلەكلىك تەڭپۇڭلاشتۇرغۇچ بولۇپ ،  P1 ۋە P2 دەپ ئىككىگە بۆلىنىدۇ.

P1 GAIN ئارقىلىق ئاۋاز مىقتارىنى ئاشۇرغىلى ۋە كىمەيتىكىلى بولىدۇ .
P1 FREQ ئارقىلىق ئاۋاز مىقتارىنى ئاشۇرۇش ۋە كىمەيتىش ئىلىپ بارماقچى بولغان چاستوتا ئورننى كونتورول قىلىشقا بولىدۇ . (بىز قىسقارتىپ چاستوتا سۈپۈرۈش نوختىسى دەپ چۈشەنسەك بولىدۇ .)
P1 Q بولسا مۇشۇ چاستوتا سۈپۈرۈش نوختىسىنىڭ Q قىممىتى . ( كەڭلىك قىممىتى دەپ چۈشەنسەك بولىدۇ .)

P2 GAINئارقىلىق ئاۋاز مىقتارىنى ئاشۇرغىلى ۋە كىمەيتىكىلى بولىدۇ .
P2 FREQئارقىلىق ئاۋاز مىقتارىنى ئاشۇرۇش ۋە كىمەيتىش ئىلىپ بارماقچى بولغان چاستوتا ئورننى كونتورول قىلىشقا بولىدۇ . (بىز قىسقارتىپ چاستوتا سۈپۈرۈش نوختىسى دەپ چۈشەنسەك بولىدۇ .)
P2 Q بولسا مۇشۇ چاستوتا سۈپۈرۈش نوختىسىنىڭ Q قىممىتى . ( كەڭلىك قىممىتى دەپ چۈشەنسەك بولىدۇ .)
(تۆۋەندىكى رەسىمگە قاراڭ )



GATE كۆزنىكى بولسا ئەمىلىيەتتە بىر ئىشىك ئۈنۈمچىكىدىن ئىبارەت . سىنبەلگىنى تاق چەككەندىن كىين بۇ ئۈنۈمچىك قوزغىلىدۇ .

THRESHOLD : ئىشىك ئۈنۈمچىكىنىڭ بوسوغا قىممىتىنى تەڭشەش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدۇ .
ATTACK:قوزغىلىش ئارلىقى ۋاختى
RELEASE: بوشۇتۇش ئارلىقى ۋاختى
HOLD :داۋام قىلىش ۋاختى
SHAPE : ئۆينىڭ  بوشلۇق شەكلى
SLOPE : يانتۇلۇق دەرىجىسى

ئادەتتىكى ئەھۋالدا بۇ ئۈنۈم بۆلىكى ئىشلىتىلمەيدۇ .
(ئاستىدىكى رەسىمدىن كۆرۈڭ )


ماقالە تەييارلىغۇچى :

پەرھات ئابدۇرىھىم

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

QQ|ئالاقىلىشش ئۇسۇلى|ياردەم|يانفۇن|قاماقخانا|شىنجاڭ midi تورى|新疆midi网   

GMT+8, 2020-7-6 06:15 , Processed in 0.041206 second(s), 9 queries , Wincache On.

Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش