xjmidi

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش
ئىزدەش
كۆرۈش: 2660|ئىنكاس: 0

نادىر ناخشا ــ مۇزىكىلار ئانالىزى ۋە داڭلىق مۇزىكانىتلار

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

升级   100%

扫一扫,手机访问本帖
ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپ مۇزىكا دەرىسلىكىدىكى نادىر ناخشا ــ مۇزىكىلار ئانالىزى ۋە داڭلىق مۇزىكانىتلار



★ئانا قۇش
4/3 ئۇدار
، Cچوڭ كۈيلۈك
مۇزىكىسى ــ نۇرمەمەت سايىت
شېئرى ــ
بۇغدا ئابدۇللا
★Cچوڭ كۈيلۈك يەتتىنچى سىمغونىيە ‹‹ لىنىنگىراد››
4/4ئۇدار
،
شوستاكوۋىچ مۇزىكىسى
(سۆۋىت )
ئەسەر ئانالىزى :
سابىق سۆۋىت ئىتتىپاقى مۇزىكا ساھەسىنىڭ مەشھۇر ۋەكلىللىرىدىن بىرى دىمتىرى دىمتىرىيېۋىچ شوستا كوۋىچ Cچوڭ كۈيلۈك يەتتىنچى سىمغونىيە ‹‹ لىنىنگىراد›› نى 1941-يىلى گىتلىر فاشىستىلىرى تەرىپىدىن قورشىۋىلىنغان لىنىنگىراد شەھىرى ئۈچۈن ئىجاد قىلغان .
بۇ سىمغونىيە ئۇلۇغ
ۋەتەن ئۇرۇشى گەۋدىلەندۈرۈلگەن چوڭ تىپتىكى ئەسەر بولۇپ ،زور ئىجتىمائى ۋەقەلەرنى ئەكىس ئەتتۈرۈشنىڭ نەمۇنىسى ھىساپلىنىدۇ .بۇ ئەسەر ئەينى دەۋىردە سۆۋىت خەلىقىنىڭ دۈشمەنگە قارشى تۇرۇش ئىرادىسىگە زور دەرىجىدە ئىلھام بەرگەن .
ئەسەرنىڭ ئوبرازى ۋە مەزمۇنى ۋەتەن ئۇرۇشىدىن ئىبارەت
بۇ زور ۋەقەنى ئىنىق ۋە كونكىرىت ئەكىس ئەتتۈرۈپ بەرگەن .ھەمدە بۇ زور ۋەقەنىڭ دائىرسىدن ھالقىغان ھالدا يورۇقلۇق بىلەن مەدەنىيەت ،زۇلمەت بىلەن ۋەھشىيلىك ئوتتۇرسىدىكى كۆرەشنى ئۆزىگە يۈكسەك دەرىجىدە مۇجەسسەملەشتۈرگەن .
★غۇنچىلار ئارزۇسى
Dكىچىك كۈي
مۇزىكىسى ــ ئىسكەندەر سەيپۇللا
شىئىرى ــ ماخمۇت مۇھەممەت
★شىنجاڭدا باھار (ئىسكىرىپكىدا ئورۇندالغان )
ماياۋشىيەن
،لىجۇڭخەن مۇزىكىسى
★ئايگۈلەك
4/2ئۇدار
،
Dكىچىك كۈي
بايقاداموف مۇزىكىسى
(قازاقىستان )
بايمۇقاممەتوف شېئرى
(قازاقىستان )
★ۋولگا بۇرلاكلىرى ناخشىسى
روس خەلق ناخشىسى
فىدورئىۋانوۋىچ شالياپىن (1873 ~ 1938 ) ئورۇنلىغان . (روسىيىلىك تۆۋەن ئاۋازلىق ناخشىچى )
★ئەلھامراھ قەسىرى ھەققىدە ئەسلىمە (گىتتار بىلەن ئورۇندالغان )
تارېگا مۇزىكىسى (ئىسپانىيە )
★ئاھ !قۇياشىم
د .كاپۇئا مۇزىكىسى
(ئىتالىيە )
ج . كاپۇرۇ شېئرى
(ئىتالىيە )
★جۇڭگۇ خەلق ئازادلىق ئارمىيە مارشى
جىڭ لۇچېڭ مۇزىكىسى
(1976~1918) ئىلىمىز تەۋەلكىدىكى
چاۋشىيەنلىك كومپوزىتور . ئۇ نۇرغۇنلىغان ناخشا
،ئوپىرا ۋە كىنو مۇزىكىلىرىنى ئىجاد قىلغان .ئۇنىڭ
«يەنئەنگە مەدىھە » ، « جۇڭگۇ خەلق ئازادلىق ئارمىيە مارشى » ، «يىشىللىققا پۈركەنگەن ۋەتەن » قاتارلىق ناخشا –مۇزىكىلىرى ۋە «بۇلۇتقا تەلپۈنۈش »قاتارلىق ئوپىرا مۇزىكىسى ئەڭ مەشھۇر .
« جۇڭگۇ خەلق ئازادلىق ئارمىيە مارشى » 1939-يىلى 7-ئايدائىجاد قىلىنغان . ئەسلى نامى 8-ئارمىيە مارشى بولۇپ ،ئازادلىق ئۇرۇشى مەزگىلىدە « جۇڭگۇ خەلق ئازادلىق ئارمىيە مارشى » غا ئۆزگەرتىلگەن .
★توي مارشى
4/2 ئۇدار
ۋاگنېر ــ (1883~1913)گىرمانىيلىك كومپوزىتور ۋە يازغۈچى . ئۇ كۆپلىگەن سىمفونىيە ،ئوركىستېر كىرىش مۇزىكىلىرى ،پىئانىنو مۇزىكىلىرى ۋە ئوپىرا مۇزىكىلىرىنى يىزىپ قالدۇرغان .ئۇنىڭ «دىڭىزدىكى گوللاندىيلىك » ،«تانھىيسىر» ،«لوھىنگىرىن» ،نبلونگىنىڭ ئۈزۈگى »قاتارلىق ئۆلمەس ئوپىرالىرى بار .
★دەپنە مارشى
4/4 ئۇدار
شوپىن ــ (1849~1810)
پولشالىق كومپوزىتور ،پىئانىنوچى . ئۇ ،19-ئەسىردىكى رومانتىك مۇزىكا ئىقىمىدىكى كومپوزىتور بولۇپ ،«پىئانىنو شائىرى »دەپ نام ئالغان .ئەسەرلىرى پىئانىنو مۇزىكىسىنى ئاساس قىلغان بولۇپ ،تىمىسى رەڭدار ،مەزمۇنى مول ،ئەسەرلىرىدە پولشا خەلىقىنىڭ تۇرمۇشى ،تارىخى ،ۋەتەنپەرۋەرلىك روھى ئەكىس ئەتتۈرۈلگەن .
★رادېتزكى مارشى
(ئوركىستېر بىلەن ئورۇندالغان )
2/2ئۇدار
چوڭ جون سترائۇس (1804~1849)ئاۋىستىريىلىك كومپوزىتور .ئۇ ئۆمرىدە 150دىن ئارتۇق ۋالىس مۇزىكىسى ،نەچچە ئون پارچە پولكا ئۇسسۇل مۇزىكىسى ۋە مارش ئاھاڭلىرىنى يازغان . ئۇ «ۋالىس مۇزىكىلىرى پىشۋاسى » دىگەن نامى بىلەن مەشھۇر .

Cچوڭ كۈيلۈك كامانچىلىق چالغۇلار سېردىنادسى
4/4ئۇدار
، Gچوڭ كۈيلۈك

موزارت ــ (1756~1791)
ئاۋستىرىيىلىك داڭلىق كومپوزىتور .ئۇ دادىسىنىڭ كۆڭۈل قويۇپ تەربىيلىشى ئارقىسىدا تۆت يىشىدا پىئانىنو چىلىشىنى ئۈگەنگەن .بەش يىشىدىلا مۇزىكا ئىجاق قىلىپ كىشىلەرنى ھاڭ-تاڭ قالدۇرغان .ھەمدە «خىسلەتلىك بالا» دەپ ئاتالغان .
★ناخشىسىمان Andnte

(تۆت يوللۇق كامنچىلىق چالغۇلار مۇزىكىسى )
4/4ئۇدار
چايكوۋىسكى (1840~1893)روسىيلىك كومپوزىتور .


★تۇرداخون ئاكا (1881~1956)
ئۇيغۇر مۇزىكىسىنىڭ ئانىسى بولغان «12مۇقام »نى ئۈنئالغۇ لىنتىسىغا ئىيتىپ قلدۇرغان . ئۇيغۇر ئون ئىككى مۇقامىنىڭ دەۋرىمىزە تولۇق يىتىپ كىلىشىگە تەڭداشسىز تۆھپە قوشقان . مەشھۇر مۇقامشۇناش تۇرداخون ئاكىنىڭ «12مۇقام» نىڭ ئاساسى گەۋدىسىنى يادقا ئورۇنلاشتەك يىتۈك ماھارىتى دۇنيا جامائەتچىلىكىنى قايىل قىلغان . ئۇ يەنە 30 دىن ئارتۇق ناخشا – مۇزىكا ئىجاد قىلغان .ئۇنىڭ « ھەممە دىھقانلار بىر ئائىلە » ،«دوستلۇق » قاتارلىق ناخشىلىرى خەلق ئىچىگە كەڭ تارقالغان .
★قار گۈلى (مۇزىكىلىق تىياتىر «مۇزىكا ساداسى »دىن ئارىيە )
رىچارد روجىرس مۇزىكىسى
ئوسكار خاممېرشېتيىن

Ⅱشىئىرى
★ئانارگۈل بالا
(« ئانارخان» ھىكايە فىلىمىنىڭ تىما ناخشىسى )
★مەڭگۈلۈك قەلىب
( ھىكايە فىلىم «تىتانىك ناملىق پاراخوت»نىڭ تىما ناخشىسى )
جامېس خورلېر مۇزىكىسى (ئامرىكا )
★ماركونىڭ ئانىسى ئىزدىشى
(ياپونىيە كارتون فىلىمى )
★ياشايمىز بىر دۇنيادا
مايكىل جىكسون مۇزىكىسى
(ئامرىكا )
ليۇنېل رىچ شېئرى
(ئامرىكا )


★قولنى قولغا تۇتۇشايلى (24-نۆۋەتلىك ئولىمپىك تەنھەركەت يىغىنىنڭ ناخشىسى )
مورروۋبېر مۇزىكىسى ۋە شېئرى (ئامرىكا )
★نەزىر قىلىش ئۇسۇلى (ئۇسۇللۇق تىياتىر «باھاردىكى نەزىر»دىن پارچە )
ستراۋىنىسكى مۇزىكىسى (روسىيە ــ ئامرىكا )
ستراۋىنىسكى (1882-1971) ئامرىكا تەۋەلىكىدىكى روسىيلىك كومپوزىتور . ئۇ 20-ئەسىردىكى ئەڭ زور تەسىرگە ئىگە كومپوزىتورلاردىن بىرى بولۇپ ،غەرىپ ھازىرقى زامان مۇزىكىسىدىكى ۋەكىللىك شەخىس ھىساپلىنىدۇ . ئۇنىڭ ئىجادىيەت كەچۈرمىشلىرى مۇرەككەپ ،مۇزىكا ئۇسلۇبى ئۆزگىرىشچان ،تۈرلۈك دەۋىرلەردىكى ئەسەرلىرىدە ھازىرقى زامان ھەر قايسى مۇزىكا ئىقىملىرىنىڭ خىلمۇــ خىل ئالاھىدىلىكلىرىنى نامايەن قىلىنغان .ئاساسلىق ئەسەرلىرى ئۇسۇللۇق تىياتىرلاردىن «ئاتەش قۇشى » ، «پىتروشكا » ، « باھاردىكى نەزىر » ، گاچا تىياتىر «ئەسكەر ھەققىدە ھىكايە » ، ئورا تورىئو «شاھ ئودىپوس » ، خورــ ئوركىستېر مۇزىكىلىرىدىن «نەزم سىمفونىيسى » ، « Cكۈيلۈك سىمغونىيە» ، ئوپىرا «ساياننىڭ كەچۈرمىشلىرى » قاتارلىقلار .
★قەشقەر سەنىمى
جەمئى ئالتە ئۆزگىرىش ،ئۈچ خىل كۈي .
★يىپەك رومال
قەشقەر خەلق ناخشىسى
★قابا پەلەك
«غىرىپ ــ سەنەم » ئوپىراسىدىن ئارىيە
ئابدۇۋىلى جارۇللا (1910-1998)غۇلجا شەھرىنىڭ توغرا كۆۋرۈك مەھەللىسىدە دۇنياغا كەلگەن . ناخشا


★زۆھرە جانىم
4/3ئۇدار
، Fچوڭ كۈيلۈك
«تاھىر ـ زۆھرە » ئوپىراسىدىن ئارىيە
★ۋۇجۇدۇم تولدى شۇ تاپتا غەيرەتكە ـ جاسارەتكە
ئۆزلەشتۈرۈپ ئىشلەنگەن ئوپىرا «قىزىل چىراق »دىن ئارىيە
★مەي ناخشىسى
«چوغلۇق قىز » ئوپىراسىدىن ئارىيە
ۋىردى مۇزىكىسى (ئىتالىيە )
پىئاۋى شېئرى
(ئىتالىيە )
ۋىردى (1813~1901)ئىتالىيلىك كومپوزىتور بولۇپ ،ئوپىرا ئىجادىيتىگە زور تۆھپە قوشقان . «رىگولېتتو» ،«چوغلۇق قىز »قاتارلىق ئۇنىڭ ۋەكىللىك ئەسەرلىرى .
ۋىردى 1853ـ يىلى
«چوغلۇق قىز » نى تۆت ئايدىلا تاماملىغان .
بۇ ئەسەر شۇ يىلى ۋىنىتسىيدە تۇنجى قىتىم ئورۇندالغان . بۇنىڭدىن تاشقىرى ۋىردى خور ، خانا مۇزىكىسى قاتارلىق نۇرغۇن ئەسەرلەرنى ئىجاد قىلغان .
★ئوتتۇرا دىڭىز يايلاقلىرىدا
4/2ئۇدار
بوردىن مۇزىكىسى (روسىيە )
بوردىن (1833~1887)روسىيىلىك كومپوزىتور ،شۇنداقلا خىمىك . ئۇ ياش ۋاختىدا تىببى ئىلىم بويىچە دوكتۇر ئۇنىۋانىغا ئىرىشىپ تىببى ئۇنۋىرسىتىتىنىڭ پىروفىسورى بولغان . كىچىك چاغلىرىدىن باشلاپلا مۇزىكىغا قىززىققان . كىيىنچە مۇزىكا ئىجادىيتى بىلەن شۇغۇللىنىپ ،كۈچلۈكلەر گوروھىنىڭ مۇھىم ئەزاسى بولغان .ۋەكىللىك خارەكتىرلىك ئەسەرلىرى ئوپىرا «شاھزادە ئىگور » ،سىمفونىك مەنزىرە «ئوتتۇرا ئاسىيا يايلاقلىرىدا »قاتارلىقلار .
★كالا ھارۋىسى
4/2ئۇدار
،
Gچوڭ كۈيلۈك
★رەسىم كۆرگەزمىسى
(سىمغونىيلىك مەنزىرە )
موسسورگىسكي (روسىيە )
موسسورگىسكي (1839~1881) گەرچە مۇنتىزىم مۇزىكا تەربىيسى كۆرمىگەن بولسىمۇ ،ئەمما زور تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ تۈرلۈك ناچار شارائىتلاردا ئوپىرا «بورىس گودونوف » ، سىمغونىيلىك مۇزىكا «قاقاس تاغدىكى كىچە » پىئانىنو يۈرۈشلۈك مۇزىكىسى «رەسىم كۆرگەزمىسى » ، ناخشا «بۈرگە ناخشىسى » قاتارلىقلارنى ئىجاد قىلغان .
★گادامېيلىن (سىمغونىيلىك داستان )
4/4ئۇدار
سىن خۇگۇاڭ مۇزىكىسى (مۇڭغۇل خەلق ناخشىسى )
★سىپىل ناخشىسى
ئىلى خەلق ناخشىسى
4/2 ئۇدار
،
C

چوڭ كۈيلۈك
★ئاسمىنىڭدا ئاي بارمۇ؟
كۇچا خەلق ناخشىسى
4/2 ئۇدار
،
G

چوڭ كۈيلۈك


★كۆزلەرىڭ
تاتار خەلق ناخشىسى
8/6 ئۇدار ، F

چوڭ كۈيلۈك


★مۇز تىيلىش ۋالىسى
ۋالدتېئۇفىل مۇزىكىسى (فىرانسىيە )
★قىش بۇلۇتلىرى
نۇرمەمەت سايىت مۇزىكىسى
ماۋزىدۇڭ شېئرى
★ۋەتىنىمىزنى كۈيلەيمىز .
ۋاڭ شىن مۇزىكىسى ۋە شېئرى
★داھىي ماۋزىدۇڭ .
ئابلىكىم ئابدۇللا (1927~1998)غۇلجا شەھىرىدە تۇغۇلغان . ئالتە ياشتىن باشلاپ دۇتار ،تەمبۇر ، ئىسكىرىپكا قاتالىق چالغۇلارنى ئۈگەنگەن . 1935 ـ يىلى ئوقۇشقا كىرىپ باشلانغۇچ ـ ئوتتۇرا مەكتەپلەردە ئوقىغان . 1942ـ يىلى مەكتەپ پۈتتۈرگەن .1949-يىلىدىن باشلاپ جۇڭگۇ خەلق ئازادىلىق ئارمىيسى 5 ـ كورپۇس سەنئەت ئۆمىكىدە ئىشلىگەن . 1958 ـ يىلىدىن ئۆمرىنىڭ ئاخرىغا قەدەر شىنجاڭ ھەربى رايۇن سەنئەت ئۆمىكىدە مۇزىكا ئىجادىيتى بىلەن شۇغۇللانغان .
ئابلىكىم ئابدۇللا 1950 ـ يىلىدىن باشلاپ مول مەزمۇنغا ۋە يۈكسەك بەدىلىككە ئىگە نۇرغۇن ناخشا – مۇزىكىلارنى ئىجاد قىلغان .200دىن ئارتۇق خەلق ناخشا – مۇزىكىلىرىنى توپلاپ ،رەتلەپ نوتىغا ئالغان .ئۇ ئىجاد قىلغان ۋەكىل خارەكتىرلىك ئەسەرلىرىدىن
«داھىي ماۋزىدۇڭ » ، «ئۇستازىم » ، «ئۈرۈك گۈللىگەن چاغدا » ، «دەۋرىمىز گۈزەل » ، «بىزنىڭ ناخشىمىز » ، «چىگرا جەڭچىسى » ،«سىغىنىش » ، «ۋاپادارىم » قاتارلىق ناخشىلار خەلق ئارىسىغا كەڭ تارقالغان .
★ئازاد زامان .
4/2ئۇدار ، Cچوڭ كۈيلۈك
ھۈسەنجان جامى مۇزىكىسى
تىيىپجان ئىلىيوف شېئرى
★تىراكتورچى قىز
ئوسمانجان ئۆمەر مۇزىكىسى
ئوسمانجان ئۆمەر (1932~1990)غۇلجا شەھىرىدە تۇغۇلغان .ئون ئىككى يىشىدىلا دادىسىدىن دۇتار ،تەمبۇر چىلىشنى ئۆگىنىشكە باشلىغان .1948 ـ يىلدىن 1951 ـ يىلغىچە غۇلجا شەھەرلىك سەنئەت ئۆمىكىدە ئىشلىگەن . ئۇ بۇ جەرياندا روزى تەمبۇر ، ئابدۇۋىلى جارۇللا قاتارلىق خەلق سەنئەتكارلىرىنى ئۇستاز تۇتۇپ مۇزىكا ئىجادىيتىدە تونۇلىشقا باشلىغان .
1952 ـ يىلى مەركىزى مىللەتلەر ناخشا – ئۇسسۇل ئۆمىكىگە يۆتكەلگەن .1958 ـ يىلى جۇڭگۇ مۇزىكانتلار جەمئىيتىگە ئەزا بولغان .
ئوسمانجان ئۆمەرنىڭ مۇزىكا ئىجادىيتى 1952 ـ يىلى «تىراكتورچى قىز » ناملىق ناخشا بىلەن باشلانغان .ئۇ مۇزىكا ئىجادىيتى بىلەن شۇغۇللانغان 30نەچچە يىل داۋامىدا ئۇيغۇرچە ،قازاقچە ،تاجىكچە ،قىرغىزچە ،داغۇرچە نۇرغۇن ناخشا ـ مۇزىكا ،دراما ، كىنو مۇزىكىلىرىنى ئىجاد قىلىغان .ئۇنىڭ
«تىراكتورچى قىز» ، «دومبىرام » ، «مىللەتلەر ئىتتىپاقىلىقى ناخشىسى » ، « تەڭرىتىغىنىڭ باھارى » ، «ئانا دەريا» ناملىق ناخشا ـ مۇزىكىلىرى ھەمدە ئايگۈل ناملىق ئوپىراسى ئىلىمىزدىلا ئەمەس چەت ئەللەردىمۇ شۆھرەت قازانغان .
★تاڭ سەيلىسى
كوللىكىتىپ مۇزىكا
4/2 ئۇدار
، چۈشۈرۈلگەن Bچوڭ كۈيلۈك
★دۇمباق مۇزىكىسى
گانا جۇمھۇرىيتى مۇزىكىسى
★ئۆستەڭ ناخشىسى
ئىلى خەلق ناخشىسى
4/2 ئۇدار ، G

چوڭ كۈيلۈك
★شىڭشىڭشا
قۇمۇل خەلق ناخشىسى
★دولان سەنىمى
جەمئى تۆت ئاھاڭ بولىدۇ .
★تىروت بىلىقى
پىئانىنو ۋە كامانچىلىق چالغۇلاردىن بەش كىشىلىك مۇزىكىسى تۆتىنجى باپ
شوبىرت مۇزىكىسى (ئاۋىستىرىيە )
ئاساسى ئاھاڭ ـ پىئانىنو باشلاپ چالىدۇ .
1ـ ۋاريانىت ـــ پىئانىنو باشلاپ چالىدۇ .
2ـ ۋاريانىت ـــ چىللو باشلپ چالىدۇ .ئىسكىرىپكىلار ئەگىشىدۇ .
3ـ ۋاريانىت ـــ چىللو ،كونتراباس باشلاپ چالىدۇ .
4ـ ۋاريانىت ـــ مۇزىكا dكۈيگە يۆتكىلىدۇ .
5ـ ۋاريانىت ـــ چللو باشلاپ چالىدۇ
6ـ چۈشۈرگە ـــ ئىسكىرىپكا ئالىت باشلاپ چالىدۇ .
شۇبىرت (1797~1828)ئاۋستريىلىك كومپوزىتور ، رومانتىزىم مۇزىكىسىنىڭ ۋەكىللىك شەخسىلىرىدىن بىرى .11 يىشىدا چىركاۋدا خورچى بولغان . مەكتەپنىڭ ئوركېستىرىدا ئىسكىرىپكا چالغان .دىرژورلۇقمۇ قىلغان .13يىشىدا «Dكۈيلۈك 1 ـ سىمغونىيە » نى يازغان .شۇبرتنىڭ بەدىئى ناخشىلىرى كىيىنكىلەرگە ناھايىتى زور تەسىر كۆرسەتكەن . شۇڭا ئۇ «ناخشا پادىشاھى » دەپ نم ئالغان . ئۇ يەنە سىمفونىيە ،پىئانىنو مۇزىكىسى ،خانە مۇزىكىسى قاتارلىق زور مىقتاردىكى ئەسەرلەرنىمۇ ئىجاد قىلغان .
★چاقماق پولكا
تۇربىلىق
ـ كامانچىلىق چالغۇلار مۇزىكىسى
جون سترائۇس مۇزىكىسى (ئاۋسترىيە)
پولكا ـــ بوخىمىيىدە بارلىققا كەلگەن 4/2 ئۇدارلىق ،مۇۋاپىق تىز سۈرئەتتە ئورۇندىلىدىغان ئۇسسۇل مۇزىكىسى .

★چاقماق پولكا
ھاۋارەڭ تانگو
تۇربىلىق ــ كامانچىلىق چالغۇلار مۇزىكىسى
ئاندېرسىن مۇزىكىسى (ئامرىكا )
ئاندېرسىن (1908~1975)ئامرىكىلىق كومپوزىتور ،دىرىژور .ئۇ جىددى كەيپىياتلىق ، يىنك مۇزىكىلارنى يىزىشقا ماھىر بولۇپ ، «يىرىم كىلاسسىك مۇزىكلار كومپوزىتورى » دەپ نام ئالغان .
ھاۋا رەڭ تانگو 1951 ـ يىلى ياۋرۇپا ۋە لاتىن ئامرىكا تانگوسىنىڭ رىتمىدىن پايدىلىنىپ يىزىلغان .بۇ ئاندىرسىننىڭ ۋەكىللىك خارەكتىرگە ئىگە ئەسەرلىرىدىن بىرى .
تانگو ـــ ئارگىنتىنادا بارلىققا كەلگەن 4/2 ، 4/4 ئۇدارلىق ئۇسسۇل مۇزىكىسى ، ئاساسى ئالاھدىلىكى كەسمە رىتىملاردا ئىپادىلىنىدۇ .تانگو كىينچە ياۋرۇپا ۋە ئامرىكىغا تارقالغان .
★باھار
نەيدە ئورۇندالغان
ئابدۇكىرىم ئابدۇرىھىم مۇزىكىسى
★تەڭرىتاغنىڭ باھارى
يالغۇز راۋاپ ئاھاڭى
ئوسمانجان ئۆمەر مۇزىكىسى
بۇ يالغۇز راۋاب ئاھاڭى وش بۆلەكلىك ئاھاڭ شەكلىگە ئوخشاپ كىتىدىغان مۇزىكىلىق ئەسەر بولۇپ ،مىللى چالغۇلار ئوركىستېرنىڭ تەڭكەش قىلىشى بىلەن ئورۇندىلىدۇ .
1 ـ قىسمىدا تەڭرىتىغىنىڭ گۈزەل قىياپىتى ، ئۇنىڭغا بولغان مىھرى ـ مۇھاببەت چۇڭقۇر لىرىكىلىق ھىسىيات ئىچىدە ئىپادىلەنگەن .
2 ـ قىسمىدا تەڭرىتاغ باغلىرىدىكى قايناق ھايات ،بەخىتلىك تۇرمۇش ، تەڭرىتاغ ئەۋلاتلىرىنىڭ
كەلگۈسىگە بولغان ئارزۇ ـ ئۈمىدلىرى قىزغىن مەدىھلەنگەن .
★كۈن چىقتى
جىلغا يۈرۈشلۈك مۇزىكىلىرىدىن پارچە
گىروفى مۇزىكىسى (ئامرىكا )
جىلغا يۈرۈشلۈك مۇزىكىلىرى ئەسلىدە ئامرىكىنىڭ شۇ ناملىق كىنوسىنىڭ مۇزىكىسى . مۇزىكىدا جىلغىنىڭ تەبئى ، گۈزەل مەنزىرسى تەسۋىرلەنگەن .
جىلغا مۇزىكىلىرى
ــ «كۈن چىقتى » ، « قىزىل قۇملۇق » ، «چىغىر يول » ، «كۈن پاتتى » ، «بوران ـ چاپقۇن »
قاتارلىق بەش باپقا بۆلۈنگەن .كۈن چىقتى ناملىق 1 ـ باپتا سەھەر مەنزىرسى
، قۇشلارنىڭ سايراشلىرى ، گۈزەل جىلغا ، يىڭىدىن كۆتۈرلىۋاتقان قۇياشنىڭ پارلاق نۇرلىرىدىن ئىبارەت ھاياتى كۈچكە ئىگە مەنزىرە سۈرەتلەپ بىرىلگەن .
گىروفى ــ (1892 ـ 1972)ئامرىكىلىق كومپوزىتور . ئۇ جاز ئۇسلۇبىدىكى سىمغونىيلىك مۇزىكىلىرى بىلەن داڭ چىقارغان .
★قەدىردان ئۇلۇغ ۋەتىنىم
قىرغىزچە ناخشا
تۇرغان ئىشان مۇزىكىسى
تۇرغانباي قىلچبەگ شېئرى
★چىمبۇلاق
كوللىكىتىپ مۇزىكا
قۇربان ئۆمەر مۇزىكىسى
★كۇئىنلۇن باغرىدا
كوللىكىتىپ مۇزىكا
ئابلەت ئابدۇللا
جەمئى 10 بۆلەك مۇزىكا
★گۈل بار
قۇمۇل خەلق ناخشىسى
★دۇداراي
قازاق خەلق ناخشىسى
★بۇلبۇل
ئىلىكتىرونلۇق ئوركىستېردا ئورۇندالغان
يانى مۇزىكىسى (گىرېتسىيە ــ ئامرىكا )
★ئىناق دوستلار
تېلىۋىزىيە تىياتىرى «كۆۋرۈك » فىلىمىنىڭ ناخشىسى
خارىس ئاشۇرۇف مۇزىكىسى
خارىس ئاشۇرۇف ــ (1936~) ئۈرۈمچىدە ئۆزبىك غازىباي ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن . 1942- يىلىدىن 1950- يىلغىچە غەرىبى شىمال سەنئەت ئىنىستوتىنىڭ مۇزىكا فاكولتىتىدا ئوقىغان .ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن كىيىن شىنجاڭ ناخشا ــ ئۇسسۇل ئانسامبىلى
، شىنجاڭ ناخشا ــ ئۇسسۇل ــ دراما ئانسامبىلى ۋە ئوپىرا ئۆمەكلىرىدە كەسپى كومپوزىتور بولۇپ ئىشلەپ ، 800 دىن ئارتۇق ناخشا ـ مۇزىكا يازغان . «يالقۇنتاغ غەزىپى » ، « رابىيە ــ سەئىدىن » ، «نۇرخان » قاتارلىق تىياتىرلارنىڭ
، «ئارتىس بولمايدىغان قىز » ، «كۆۋرۈك » ، «گۈلگە قونغان كىپىنەك » ، كىنو ۋە تېلىۋىزىيە ــ تىياتىرلارنىڭ مۇزىكىسىنى ئىشلەشكە قاتناشقان .45پارچە ئەسىرى مەملىكەت ۋە ئاپتونوم رايون بويىچە 1- ،2 -،3 – دەرىجىلىك مۇكاپاتلارغا ئىرىشكەن . ۋەكىللىك خارەكترگە ئىگە ئەسەرلىرى «باھار ۋالىسى » ، «گۈزەل ئىلى باغلىرى » ، « گۈلباغ » ،
ئۆسمۈرلەر ناخشىلىرىدىن «گۈل ــ غۇنچە » ، «ئانا تىلىم » ، «مەرىپەت نۇرى »قاتارلىقلاردىن ئىبارەت .
★ئالمىلار پىشاي دەپتۇ
«غۇنچەم » درامىسىدىن ئارىيە
ئابلىزخان مامۇت
ئۇيغۇر خەلق قوشىقى
«غۇنچەم » درامىسىدا 20 - ئەسىرنىڭ 30- يىللىرىدىكى شىمالى شىنجاڭ يىزىلىرىنىڭ ۋەزىيتى ھەمدە شۇ چاغدىكى ئۇيغۇر دىھقانلىرىنىڭ تۇرمۇشى ئارقا كۆرۈنۈش قىلىنغان .ئۈچ پەردە ،بەش كۆرۈنۈشلىك بۇ درامىدا كەمبەغەل ،تۇل موماي زورىغان ۋە قىزى غۇنچەم
، كىچىكىدىنلا يىتىمچىلىكتە چوڭ بولغان ۋىجدانلىق يىگىت نۇرۇم ۋەكىللىكىدىكى ئىجابى پىرسوناژلارنىڭ ئۆتمۈش جەمئىيەتتە تارتقان چەكسىز ئازاپ ــ ئوقوبىتى ، قارڭغۇ ،تەڭسىز جەمئىيەتكە ،ھۆكىمىران سىنىپلارغا بولغان چۇڭغۇر نارازىلىقى ،فئودال پومشىكلار ۋە زالىم يىگىتلەرنىڭ دەھشەتلىك ئىكسپالاتسىيسىگە قارشى ئىلىپ بارغان باتۇرانە كۆرەشلىرى جانلىق ، ئوبرازلىق تەسۋىرلەنگەن .ئۆمەر شاڭيۇ ،شەرۋان ئاغچا ،سىيىت ، ھاشىمباي قاتارلىق سەلبى پىرسوناژلارنىڭ يۇقسۇللارغا دەھشەتلىك زۇلۇمى ئاچ ـ كۆزلۈكى ۋە رەزىللىكى چۇڭقۇر پاش قىلىنغان .
★جان دوستۇم
«غۇنچەم » درامىسىدىن ئارىيە
★گۈلەمخان
تېلىۋىزىيە تىياتىرى «گۈلەمخان»نىنڭ تىما ناخشىسى
تېلىۋىزىيە تىياتىرى «گۈلەمخان » دا سەھرا قىزى گۈلەمخان بىلەن ئەمگەكچان ۋە باتۇر ئەختەمنىڭ پاك مۇھەببىتى ، يۇرت زومىگىرى ئەڭگە شاڭيونىڭ بۇ بىر جۈپ ياشقا ۋە كۈلەمخان ئائىلىشىگە قىلغان قاتمۇ ــ قات زورلۇق ــ زۇمبۇلۇقلىرى يۇقىرى بەدئىيلىك بىلەن جانلىق تەسۋىرلەنگەن . ئەسەردە مىھرى ــ ۋاپا ۋە ھەققانىيەتكە مەدىھە ئوقۇلۇپ ، رەزىللىك ،زالىملىق قاتتىق قامچىلانغان .
★چىن مودەننىڭ ناخشىسى
«چىن مودەن »درامسىدىن ئارىيە
ھىكىم ھەسەن مۇزىكىسى
ساھىدىن گۆھىرى ،تۇرسۇنجان لىتىپ شېئرى
ھىكىم ھەسەن (1951~2008)يەكەندە دۇنياغا كەلگەن . 1971- يىلى ئوتتۇرا مەكتەپنى تاماملاپ ،ئۈرۈمچى تۆمۈر يول ئىدارىسىگە ئىشچىلىققا قوبۇل قىلىنغان .1972- يىلىدىن 1979- يىلغىچە شىنجاڭ ئوپىرا ئۆمىكىدە مۇزىكانىت بولغان .1979- يىلدىن 1984-يىلغىچە شاڭخەي مۇزىكا ئىنىستوتىنىڭ ئىجادىيەت ــ دىرىزورلۇق فاكولتىتىدا ئوقوغان .
ھىكىم ھەسەن ھازىرغا قەدەر «تاشۋاي » ، «نۇرخان »
، « چىن مودەن » ، « قانلىق يىللار » « مۇقام ئەجداتلىرى » ، « تۇمان » قاتارلىق دراما ــ ئوپىرالارنىڭ مۇزىكىلىرىنى ئىشلەپ جەمئىيەتتە زور تەسىر قوزغىغان .
ھىكىم ھەسەن كىنو ــ تېلىۋىزىيە فىلىملىرى مۇزىكىلىرىنىمۇ ئىشلەشتىمۇ مۇئەييەن تۆھپە ياراتقان.
ئۇ ئىجاد قىلغان «مۇھەممەت ھەققىدە پاراڭ » ، «بويتاقلار ئائىلىسى » ، «يلقۇن تاغدىن كەلگەن داپچى » ، « چۆلدە بوستان » ، «باغ » ، «تۇتقۇن قىلىنغان قاچقۇن » ، « شەيتان بىلەن ساقچى» ، «شادىمان دوستلار » قاتارلىق كىنو ــ تېلىۋىزىيە فىلىملىرىنىڭ مۇزىكىلىرى تاماشىبىنلارنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا سازاۋەر بولغان .
«چىن مودەن » درامىسىدا 18- ئەسىردە قۇمۇلنىڭ تاغلىق يىزىسى ــ باغراشتا بولۇپ ئۆتكەن بىر ۋەقە بايان قىلىنىدۇ .ئۇنىڭدا يوقسۇل دىھقاننىڭ چىۋەر ئەقىللىق قىزى چىن مودەننىڭ ئەركىن ـ ئىناق
تۇرمۇشقا تەلپۈنگنلىكى ،قۇمۇل ۋاڭىنىڭ ھىلە ـ مىكىرىگە ئالدانماي ئۆزى سۆيگەن كەمبەغەل ،ئەمما باتۇر يىگىت مەردانغا چۇڭقۇر مۇھەببەت باغلاپ ۋىجدان ،ئەقىدە ،ھۆرلۈك ۋە ئادالەت يولىدا مەردلەرچە قۇربان بولغانلىقى تەسۋىرلىنىدۇ .
★ئىلى سەنىمى
جەمئى 16 ئۆزگىرىش
★ۋاڭخولو
4/2ئۇدار
، Eچوڭ كۈي
★قىزىل ئاياللار قوشۇنى ناخشىسى
بالىت تىياتىرى «قىزىل ئاياللار قوشۇنى »دىن پارچە
ۋۇزۇچىياڭ ،دۇمىڭشىن قاتارلىقلار ئۆزگەرتكەن .
بۇ تىياتىر 1964 – يىلى ئىجاد قىلىنغان تىياتىر ۋەقەلىگى مۇنداق : 10يىللىق ئىچكى ئۇرۇش مەزگىلىدە خەينن ئۆلكىسىدىكى زومىگەر پومشىچىك نەن باتىيەننىڭ دىدىكى ۋۇ چىڭخۇا ئىزىلىشكە چىدىماي نەن باتىيەننىڭ ئائىلىسىدىن قىچىپ چىقىدۇ . ئۇ قىزىل ئارمىيە كادىرى خوڭ چاڭچىڭنىڭ يول كۆرسىتىشى بىلەن قىزىل ئاياللار قوشۇنىغا قاتنىشىدۇ .ھەمدە ئىنقىلابى قوشۇندا تەربىيلىنىپ مۇنەۋۋەر كوماندىر بولۇپ يىتىشىپ چىقىدۇ .قىزىل ئارمىيە مۇششەققەتلىك جەڭلەر ئارقىلىق ۋۇ چىڭخۇانىڭ يۇرتىنى ئازاد قىلىپ ، خەينەن ئىنقىلابى تايانىچ بازىسىنى قۇرۇپ چىقىدۇ .
★كۆرۈنۈش مۇزىكىسى
بالىت تىياتىرى «ئاققۇ كۆلى »دىن پارچە
چايكوۋىسكي مۇزىكىسى (روسىيە )
چايكوۋىسكي (1840~1893)روسىيلىك كومپوزىتور تۆت يىشىدىن باشلاپ پىئانىنو ئۆگەنگەن . 10يىشىدا پىتربورگقا بىرىپ ئوقىغان .كىينچە ئىزچىل تۈردە موسكىۋا مۇزىكا ئىنستوتىدا ئوقۇتقۇچىلىق قىلغان .ئىجادىيەت بىلەن شۇغۇللانغان .ۋەكىللىك خارەكتىرگە ئىگە ئەسەرلىرى سىمغونىيلىك مۇزىكا «ھەسرەت » ، بالىت تىياتىرى «ئاققۇ كۆلى » ، « Dچوڭ كۈيلۈك ئىسكىرىپكا كونسىرتى » ، ئوپىرا
«يىۋگىنى ئونگىن » ، تۇربىلىق ـ كامانچىلىق چالغۇلار مۇزىكىسى «1812- يىل مۇقەددىمىسى » كامانچىلىق چالغۇلار تۆت كىشىلىك مۇزىكىسى «ناخشىسىمان Andante

» قاتارلىقلار . «ئاققۇ كۆلى »نىڭ ۋەقەلىكى روس رىۋايىتىدىن ئىلىنغان . قارا نيەت جادۇگەر
مەلىكە ئوۋىتا ۋە ئۇنىڭ دىدەكلىرىنى بىر توپ ئاققۇغا ئايلاندۇرۋىتىدۇ . بۇ ئاققۇلار پەقەت كىچىدىلا ئادەملىك قىياپىتىگە قايتالايدۇ .شاھزادە ھەققانىيەت ئارقىلىق رەزىللىك ئۈستىدىن غالىپ كىلىپ ،جادۇگەرنىڭ جادۇسىنى بىكار قىلىدۇ .ئاققۇلار قايتىدىن ئادەمگە ئايلىنىدۇ . ئوۋىتا بىلەن شاھزادە مۇرات ـ مەخسىدىگە يىتىدۇ .
★كۈسەندە قۇياش
شۇ ناملىق ئۇسسۇللۇق تىياتىر مۇزىكىسىدىن ئارىيە
ھىكىم ھەسەن مۇزىكىسى
بۇ ئەسەردە بۇدىزىم دەۋرىدىكى كۇچا ناخشا ــ مۇزىكىسى ھەمدە ھازىرقى زامان كۇچا ناخشا ــ مۇزىكىسى ھەمدە ھازىرقى زامان كۇچا ناخشا ـ مۇزىكىسىدىن ئىبارەت ئۈچ مۇزىكىلىق مەزمۇننى ئەكس ئەتتۈرىدۇ .
★ھەيرانە سىمغونىيەسى (94-سىمغونىيە )
ھايدىن مۇزىكىسى
ھايدىن (1732~1809)ئاۋىستريىلىك كومپوزىتور ،كىلاسسىزىم مۇزىكىسىنىڭ ۋەكىللىرىنىڭ بىرى .ئالاھىدە مۇزىكا ئىقتىدارى كىچىكىدىنلا بايقالغان .ئۇ دەسلەپتىلا چىركاۋدا خورچى بولغان .ئۇنىڭ ۋەكىللىك خارەكتىرگە ئىگە ئەسەرلىرىدىن تىياتىر مۇزىكىسى « ئەسر يارىتىش » ،سىمغونىيلىك مۇزىكا «لوندون »قاتارلىقلار بار .ئۇ ياۋرۇپا مۇزىكا تارىخدا سىمغونىيە ئاتىسى دەپ نام ئالغان .
★ئەللەي ناخشىسى
بىرامس مۇزىكىسى
بىرامىس (1833~1897)گىرمانىيلىك كومپوزىتور . لىزىت ،شۇمان قاتارلىق سەنئەتكارلار بىلەن بىر دەۋىردە ياشىغان .شۇمان ئۇنى «مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە يىڭى تالانىت ئىگىسى » دەپ ئاتىغان .بىرامىس ئۆز ھاياتىدا نۇرغۇن ئەسەرلەرنى ئىجاد قىلغان بولۇپ ،ئۇلار تۆت سىمغونىيە ، نۇرغۇن كونسىرىت ۋە تۇربىلىق ــ كامانچىلىق چالغۇلار مۇزىكىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ .
★ۋەتەنگە مەدىھە
ھۈسەنجان جامى مۇزىكىسى
تىيىپجان ئىلىيوف شېئرى
ھۈسەنجان جامى 1930ـ يىلى غۇلجا شەھىرىدە دۇنياغا كەلگەن . 70 ـ يىللاردا 12 مۇقامنى رەتلەشكە قاتنىشىپ زور تۆھپە قوشقان . ماھىر تەمبۇرچى بولۇپلا قالماستىن تالنتلىق كومپوزىتور . ئۇنىڭ ۋەكىل خارەكتىرلىك ئەسەرلىرىدىن « ئازاد زامان» ، «باھار سەيلىسى» ، «خۇشاللىق» قاتارلىقلار بار .
★ۋولتاۋا دەرياسى
سمتانا مۇزىكىسى
سىمتانا (1824~1884) «چىخ مۇزىكىلىرىنىڭ ئاكىسى » ، «چىخيىنىڭ گىلىنكاسى » دىن ئىبارەت شەرەپلىك ناملارغا ئىرىشكەن بولۇپ ،ئۇنىڭ سىمفونىك يۈرۈشلۈك مۇزىكىسى «ۋەتىنىم » ھەمدە كامانچىلىق چالغۇلاربىلەن ئورۇندالغان تۆت كىشىلىك مۇزىكىسى « مىنڭ ھاياتىم » ئەڭ داڭلىق .
★ئىسكەندەر سەيپۇللا
1935 –يىلى تۇرپاندا تۇغۇلغان . ئۇنىڭ ۋەكىل خارەكتىرىلىك ئەسەرلىرىدىن
«تارىم » ، «سىنى ئەسلەيمەن » ، «يارىيار » قاتارلىقلار ،بالىلار ناخشىلىرىدىن
«كىپىنەك »
،« باھار چىرايلىق » قاتارلىقلار بار . ئۇ يەنە دۇنيادىكى مەشھۇر كىشىلەر قامۇسىغا كىرگۈزۈلگەن .
★تەقدىر (5- سىمفونىيە )
بىتخوۋىن مۇزىكىسى
بىتخوۋىن (1770~1827)گىرمانىيلىك مەشھۇر مۇزىكانىت
★كارايان (1908~1989)
ئاۋستىريىلىك دىرىژور

يىڭى قۇرۇقلۇق (9- سىمفونىيە )
دۋوراك مۇزىكىسى (چىخىيەلىك )
★ئاي نۇرى
پىئانىنو مۇزىكىسى
دېبۇسسى فىرانسىيلىك كومپىوزىتور ،شۇنداقلا تەسىراتچىلار ئىقىمنىڭ باشلامچىسى . ئۇنىڭ «دىڭىز » «پوپنىڭ چۈشتىن كىيىنكى چاغلىرى » ،
«ئاي نۇرى » ، « تەسەۋۋۇر » ، «سۇدىكى شولا » قاتارلىق ئەسەرلىرى تولىمۇ مەشھۇر .
★خۇشتار كۈيى
شىرئەلى ھاشىم مۇزىكىسى
شىرئەلى ھاشىم (1982~1996)قەشقەردە تۇغۇلغان .ئۆزبىگىستان مۇزىكا ئىنستۇتىدا ئوقىغان .ئۇ ئۇيغۇر مىللى مۇزىكا مائارىپىغا ئىلمى ئاساس سالغۇچى پىشقەدەم ئۇستازلارنىڭ بىرى .
★گۈلى رەنا
فۇرقەت مۇزىكىسى شېئرى
(ئۆز بىگىستان )
★قازاق ۋالىسى
لەتىپ خەمىدى مۇزىكىسى
(قازاقسىتان)
سابىت مۇقانوف شېئرى
(قازاقسىتان)
★بۇلبۇللار
قىرغىزچە ناخشا
ماشان داداي مۇزىكىسى
ئوروزباي سەمەت شېئرى
★كۆك دوناي ۋالىسى
تۇربىلىق كامانچىلىق چالغۇلار مۇزىكىسى
جون سىترائۇس (1825~1899) ئاۋىستىرىيلىك كومپوزىتور .كىچىكىدىن باشلاپ مۇزىكىغا ئىشتىياق باغلىغان . نۇرغۇن ۋالىس ناخشىلارنى ئىجاد قىلىپ
«ۋالىس پادىشاھى » دىگەن پەخىرلىك
نامغا مۇيەسسەر بولغان .
كۆك دوناي ۋالىسى ، ۋىنا ئورمانلىقىدىكى ناخشا ،شاھ ۋالىسى ،شەپەرەڭ قاتارلىقلار ئۇنىڭ ۋەكىل خارەكتىرلىك ئەسەرلىرى ھىساپلىنىدۇ .
★بولېرو
تۇربىلىق ــ كامانچىلىق چالغۇلار مۇزىكىسى
راۋېل (1875~1937)فىرانسىيلىك تەسىراتىچىلار ئىقىمىغا تەۋە كومپوزىتور . راۋېلنىڭ ئاساسلىق ئەسەرلىرى «ئىسپان ئۇسسۇل مۇزىكىسى » ، «ئانا غاز ھەققىدە يۈرۈشلۈك مۇزىكا » ، بالىت تىياتىرى
«دافنى ۋە كلوئى » ، ئۇسسۇل مۇزىكىسى «بولېرو »قاتارلىقلار .
★تاشۋاي
قۇربان ئىبىراھىم مۇزىكىسى
قۇربان ئىبىراھىم (1920~1998)ئاتۇشتا تۇغۇلغان .ئۇيغۇر مىللى چالغۇلىرىنىڭ ھەممىسىنى دىگۈدەك ئۆگەنگەن . قۇربان ئىبىراھىم ئاپتونۇم رايۇنىمىز بويىچە ئۇيغۇر يىرىك مۇزىكا ئىجادىيتىگە ئاساس سالغان كومپوزىتورلارنىڭ بىرى بولۇپ ، «كۈن ۋە تۈن » ، «تاشۋاي » ، «غەلبە كۈيى » ، « تاڭ سەيلىسى » ، « زەپەر مارشى » ، « مىنڭ راۋابىم » قاتارلىق يىرىك مۇزىكا ئەسەرلىرىنى ياراتقان .
تاشۋاي (1880~1914)قەشقەردە ئۆتكەن ئاتاقلىق راۋاپچى ، ئۇ ھايات ۋاختىدا « تاش پەدە » ناملىق بۇ مۇزىكىنى سۆيۈپ ئورۇندىغان . كىيىن كىشىلەر تاشۋاينى ئەسلەش يۈزىسىدىن بۇ مۇزىكىغا «تاشۋاي » دەپ نام بەرگەن . ئەپسۇس ،ئەينى دەۋىردە نوتا خاتىرلەش ئۇسۇلى ياكى ئۈن ئىلىش ئۈسكىنىلىرى بولمىغاچقا ،بۇ مۇزىكا ئەل ئارىسىدا ھەر خىل ۋاريانىتتا ساقلىنىپ كەلگەن . قۇربان ئىبىراھىم خەلق ئارىسىدا تارقىلىپ يۈرگەن
« تاشۋاي » مۇزىكىسىنىڭ
ئاھاڭىنى قايتا رەتلەپ ،ئىش قوشۇشى ئارقىسىدا بۇ مۇزىكا چوڭ ـ كىچىك ھەممەيلەن ياقتۇردىغان داڭلىق راۋاپ مۇزىكىسىغا ئايلانغان .
★يۇرتۇم
سىمفونىك داستان
نۇسرەت ۋاجىدى مۇزىكىسى
نۇسرەت ۋاجىدى
(1951~) لەنجۇدا تۇغۇلغان بولۇپ ،مۇزىكا ئىجادىيتى داۋامىدا ئۇيغۇر 12 مۇقامىنى سىمغونىيەلەشتۈرۈشنىڭ ئاساسىنى ياراتقان .
★گۈللەلە
سۇلايمان ئىمىن مۇزىكىسى
سۇلايمان ئىمىن (1944~) قەشقەرنىڭ ئوپال يىزىسىدا تۇغۇلغان .
ئۇنىڭ يالغۇز غىجەك مۇزىكىسى «سۆيۈملۈك ئانا » ، راۋاب مۇزىكىسى «سەيلىدە » ، «خور «ئىتتىپاقلىق كۈيى » ،
قىزلار خورى «باھار ئىلھامى » ،ئىسكىرىپكا كونسىرتى «سىغىنىش » ،پىئانىنو مۇزىكىسى «گۈللەلە » قاتارلىقلار بار .
★دوستلۇق مەڭگۈ ئۆلمەس
ئامرىكا فىلىمى «كۆرۈكتە ئۈزۈلگەن روھ » نىڭ تىما ناخشىسى
شوتلاندىيە خەلق ناخشىسى
★سەھەر مەنزىرسى
ئوركىتېر مۇزىكىسى
گىرېگ مۇزىكىسى (نورۋىگىيە )
★ئۆيگە قايتىش
يالغۇز ساكسىفون مۇزىكىسى
كەي لىجىن مۇزىكىسى
4/4ئۇدار ، Gكۈيلۈك
★خۇشال كۈن
سابىق سوۋىت ئىىتىپاقى ھىكايە فىلىمى «بىرلىنغا ھۇجۇم »نىڭ قىستۇرما مۇزىكىسى
شوستاكوۋىچ مۇزىكىسى (سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى )
دولماتوۋىسكي شېئرى




كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

QQ|ئالاقىلىشش ئۇسۇلى|ياردەم|يانفۇن|قاماقخانا|شىنجاڭ midi تورى|新疆midi网   

GMT+8, 2020-7-7 22:29 , Processed in 0.050438 second(s), 7 queries , Wincache On.

Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش