xjmidi

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش
ئىزدەش
كۆرۈش: 4315|ئىنكاس: 0

Q تۈرىدىكى تەڭپۇڭلاشتۇرغۇچ قىستۇرمىسىنى ئىشلىتىش

  [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

升级   100%

扫一扫,手机访问本帖
مەزكۇر دەرىسلىك تور بىكىتىمىز تۈزۈپ چىققان كومپىيوتېردا مۇزىكا ئىشلەش ئۇنۋىرسال دەرىسلىكىنىڭ تولۇقلىما قىسىمى .

تەڭپۇڭلاشتۇرغۇچ (Equalizer)بولسا ئاۋازنىڭ ھەر قايسى چاستوتا قىسمىنىڭ ئاۋاز مىقتارىنى ئايرىم-ئايرىم تەڭشەش ئۈچۈن ئىشلىتىدىغان ئۈسكىنە بولۇپ ، ئوخشاش بولمىغان چاستوتا بۆلىكىدىكى ئىلىكتىر سىگىنالىنى تەڭشەش ئارقىلىق ياڭراتقۇ ۋە ئاۋاز مەيدانىدىكى كەمچىلىكىنى تولۇقلاشقا ، ئاۋازنى  تۈزەش  ۋە ئالاھىدە ئۈنۈم ھاسىل قىلىشقا بولىدۇ . بىزگە دائىم ئۇچىرايدىغان ئۈسكىنىلەردىن ئاۋاز تەڭشەش سۇپىسىدا Equalizer ئىقتىدارى تەمىنلەنگەن بولۇپ بوم ، ئوتتۇرا ، زىل ئاۋاز چاستوتا بۆلەكلىرىنى ئايرىم -ئايرىم ھالدا تەڭشەشكە بولىدۇ .
1.jpg


بۈگۈنكى دەرسىمىزدە بىز ئۇنۋىرسال ئۈنۈم قسىتۇرمىسى waves دا تەمىنلەنگەن  Q تۈرىدىكى تەڭپۇڭلاشتۇرغۇچ قىستۇرمىسىنى ئىشلىتىش توغرىسىدا توختىلىمىز .
Q تۈرىدىكى تەڭپۇڭلاشتۇرغۇچ قىستۇرمىسىنىڭ ھەممىسىنىڭ ئاساسى پىرىنسىپى ئوخشاش ، ۋاقتىنى تىجەش ئۈچۈن بىز پەقەت Q10 نۇسقىسىنىلا مىسال ئىلىپ چۈشەندۈرىمىز .
1.jpg

waves نىڭ قىستۇرمىلىرى Mono (تاق ئاۋاز قانىلى ) ، Stereo (قوش ئاۋاز قانىلى ) ، 5.1 ئاۋاز قانىلى قاتارلىق بىر قانچە نۇسقىلاردىن تەركىب تاپقان بولۇپ ، ئىشلەتكەندە ئاۋاز چاستوتا يولىنىڭ خارەكتىرىگە ئاساسەن ماس بولغان قىستۇرما نۇسقىسىنى ئىشلىتىمىز . ئادەتتە ،ئادەم ئاۋازىغا Mono نۇسقىدىكى قىستۇرمىلارنى ، تەڭكەش مۇزىكا ۋە غول لىنىيگە Stereo نۇسقىدىكى قىستۇرمىلارنى ئىشلىتىمىز .

Q10 قىستۇرما كۆرۈنمە يۈزى ئاستى -ئۈستى ئىككى قىسمدىن تەركىب تاپقان بولۇپ ، ئۈستىنكى قىسمى گىرافىك ھالەتتە كۆرۈنىدۇ  ،ئاستىنقى قىسمى بولسا پارامىتېر تەڭشەش شەكلىدە كۆرۈنىدۇ . ئەمىلىيەتتە ئاستى-ئۈستى ئىككى قىسىمى باغلىنىشلىق بولۇپ ،بىرنى تەڭشىسەك يەنە بىرى ماس ھالەتتە ئۆزگۈرىدۇ .

تەڭپۇڭلاشتۇرغۇچنىڭ رولى ناھايىتى چوڭ ، ئاۋازنىڭ ئالاھىدىلىكىنى نامايەن قىلىپ بىرەلەيدۇ ۋە يوشۇرۇپ قالالايدۇ ، تەڭشىگەن چاغدا چوقۇم ئىھتىياتچان بولۇش كىرەك . ئاۋازنى ئاڭلىماي تەييار قىلىپ ،ياكى پارامىتېر سانىغا ئاساسلىنىپلا تەڭشەش ئىلىپ بارماسلىق لازىم ، چۈنكى ئاۋاز مەنبەسى ئوخشىمىسا تەڭشەشكە تىگىشلىك بولغان پارامىتېرمۇ ئوخشاش بولمايدۇ . ئوخشاش بولغان بىر قۇرلۇش ھۆججىتىنى سەۋىيەسى ئوخشاش بىر قانچە كىرىشتۈرگۈچىگە تاپشۇرسىڭىز بۇلارنىڭ ئوپمۇ -ئوخشاش كىرىشتۈرۈپ چىقىشى مۈمكىن ئەمەس . مۇزىكا ھېسسىي بولىدۇ ، چوقۇم ئەقلىمىزنى ئىشقا سىلىشىمىز كىرەك .

2.jpg

قىزىل رەڭلىك كاتەكچە ئىچىدىكى قىسىم بولسا ئاۋاز مىقتارىنى كۆرسىتىپ بىرىدىغان شىكالا بولۇپ ، بىرلىكى db ، دىستىبىل (Decibel) بولسا ئاۋازنىڭ نىسپى ياڭراقىلىق بىرلىكى ، رەقەملىك مۇزىكىدىكى ئاۋاز مىقتارى بىرىلىكى بىلەن ئەمىلىيەتتىكى ئاۋاز مىقتارىنىڭ بىرلىكى ئوخشاش بولمايدۇ . ئەمىلىيەتتىكى db نىڭ ئىپادىلەيدىغىنى دەل ئاۋاز مىقتارىنىڭ چوڭ -كىچىكلىكى بولۇپ ، 20db قولاققا پىچىرلىغان ئاۋازنىڭ مىقتارى ، 50db بولسا نورمال گەپ قىلغان چاغدىكى ئاۋازنىڭ مىقتارى ، 75db ئادەم قۇلىقى ئازادە ھالەتتە ئاڭلىيالايدىغان ئاۋاز مىقتارىنىڭ ئەڭ يۇقىرى چىكى ، 105db نىڭ يۇقىرسىدىكى ئاۋاز ئادەمنىڭ ئاڭلاش سىستىمىسىنى زاخمىلەندۈرىدۇ  ، 130db ئايرۇپىلان ھاۋاغا كۆتۈرلىۋاتقان چاغدا چىقارغان ئاۋاز مىقتارى . ھالبۇكى ، رەقەملىك مۇزىكا ساھەسىدىكى ئاۋاز مىقتارى پەقەتلا ئاۋاز مىقتارى بولۇپ قالماستىن ،بەلكى نىسپى ئاۋاز مىقتارىدۇر  . 0db كىرگەن ئاۋازنىڭ قانچىلىك چوڭ بولسا ،چىقىدىغان ئاۋاز شۇنچىلىك چوڭ بولىدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ . شۇڭا رەقەملىك مۇزىكىدىكى ئاۋاز مىقتارى مەنپى سان بولىدۇ ، مەسلەن : 10dbبولسا كىرگەن ئاۋازدىن چىققان ئاۋازنىڭ مىقتارى 10db يۇقىرى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ  . 20db-بولسا كىرگەن ئاۋاز دىن چىققان ئاۋاز مىقتارىنىڭ 20dbكىچىك ئىكەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ .

3.jpg

ئاستىدىكى بولسا چاستوتا شىكالىسى بولۇپ ، بىرلىكى Hz
ھېرتس بولسا چاستوتىنىڭ بىرلىكى ، 1Hz بولسا ھەر مىنۇتتا بىر قىتىم تەۋرىندىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ . K بولسا 1000ھەسىسسى بولۇپ ، 20KHz=20000Hz ، پىئانىنونىڭ مەركىزى C ئاۋازنىڭ تەۋرىنىش چاستوتىسى 440Hz ، يەنى پىئانىنونىڭ مەركىزى C ئاۋازىئىڭ تارىسى  ھەر سىكىنۇتتا 440 قىتىم  تەۋرىنىدۇ ، قىممەت قانچە كىچىك بولسا ئاۋاز شۇنچە بوم بولىدۇ ، قىممەت چوڭ بولغانسىرى ئاۋاز شۇنچە زىل بولىدۇ .

4.jpg

ئوتتۇرا قىسمىدا جەمئىي 10 دانە چاستوتا نۇختىسى بار ، ھەر بىرى ئاستىدىكى پارامىتېر جەدىۋىلى بىلەن باغلىنىشلىق بولۇپ ، ئىشلەتمەكچى بولساق يۇمىلاق نوختىنى چەكسەك بولىدۇ ، يۇمىلاق نوختىنى ئاستى -ئۈستىگە سۈرۈش ئارقىلىق  شۇ دائىردىكى چاستوتا قىسمىنىڭ ئاۋاز مىقتارىنى تەڭشەشكە بولىدۇ.

5.jpg

ئاستىنقى قىسىم ئەڭ سول تەرەپتىكى Input بولسا كىرگەن ئاۋازنىڭ مىقتارنى تەڭشىگۈچ ، بۇ تەڭشىگۈچنى ئادەتتە ئىشلەتمەيمىز .
بۇ زاپچاس بۆلىكىنىڭ نامىنى بۇرۇن ‹‹ ئىتتىرىش دەستىسى ›› دەپ ئىشلەتكەن ئىدۇق . يەنە  ‹‹سۈرگۈچ كۇنۇپكا›› ، ‹‹ سىيرىلما كۇنۇپكا ›› قاتارلىق ئاتالغۇلارنىمۇ ئويلاشتۇق ، دوسلار يەنە مۇۋاپىق كۆرگەن ئاتالغۇ بولسا ئويلىشىپ كۆرسەك بولىدۇ .

6.jpg

ئاستىقى قىسىم ئوتتۇرا تەرەپتىكىسى  پارامىتېر ئارقىلىق تەڭپۇڭلاشتۇرغۇچىنى تەڭشەش قىسىمى بولۇپ ، ئۈستىدىكى گىرافىك قىسىم بىلەن ماس قەدەمدە ئۆزگۈرىدۇ .  
1دىن تارتىپ 10غىچە بولغان رەقەم 10دانە چاستوتا نوختىسى بولۇپ ،ئىشلەتمەكچى بولسا سان بار كاتەكچىنى چەكسەكلا بولىدۇ .

7.jpg

Type بولسا تەڭپۇڭلاشتۇرغۇچنى تەڭشەش شەكلى ، جەمئىي بەش خىل شەكلى بار .


Band Pass كۆپ كۆرۈلىدىغان تەڭپۇڭلاشتۇرغۇچىنى تەڭشەش شەكلى  ،ئاۋاز تەڭشەش سۇپىسىدا دەل مۇشۇ خىل تەڭشەش شەكلى قوللىنىلغان . Band Pass تەڭشەش شەكلىدە تاللانغان چاستوتا نوختىسىنىڭ ئىككى تەرىپىدىكى چاستوتا بۆلىكى قىسمەن تەسىرگە ئۇچىرايدۇ .
Low Shelf تۆۋەن چاستوتىنى ئۆتكۈزۈش شەكلى  ، Band Pass تەڭشەش شەكلىدە تاللانغان چاستوتا نوختىسىنىڭ ئوڭ تەرىپدىكى چاستوتا قىسمى مۇئەييەن تەسىرگە ئۇچىرايدۇ .
Hi Shelf يۇقىرى چاستوتىنى ئۆتكۈزۈش شەكلى ، Hi Shelf تەڭشەش سەكلىدە تاللانغان چاستوتا نوختىسىنىڭ سول تەرىپىدىكى چاستوتا قىسىمى مۇئەييەن تەسىرگە ئۇچىرايدۇ .
Low Pass يۇقىرى چاستوتنى سۈزۈش شەكلى ، ئادەتتە يۇقىرى چاستوتا ئاۋاز رايۇننى سۈزىۋاتمەكچى بولساق مۇشۇ تەڭشەش شەكلىنى ئىشلىتىمىز .
Hi Pass تۆۋەن چاستوتىنى سۈزۈش شەكلى ، تۆۋەن چاستوتا ئاۋاز رايۇنىنى سۈزىۋەتمەكچى بولساق مۇشۇ تەڭشەش شەكلىنى ئىشلىتىمىز .
يۇقۇرقى بەش خىل تەڭشەش شەكلى كومپىيوتېردا مۇزىكا ئىشلەش ئۇنۋىرسال دەرىسلىكىمىزدە مۈجۈمەل بولۇپ قالغان . دوسلارنىڭ مۇشۇ ماقالىدىكى چۈشەندۈرۈشنى ئاساس قىلىشىنى سورايمىز .

8.jpg

Gain بولسا چاستوتا نوختىسىنىڭ ئاۋاز مىقتارىنى تەڭشەش قىسمى ، دائىرىسى +18دىن -18گىچە .
Freq بولسا چاستوتا نوختىسىنىڭ چاستوتا قىممىتىنى تەڭشەش قىسىمى ، ئادەم پەرق قىلالايدىغان چاستوتا دائىرىسى 20Hz-20KHz دائىرىسىدا بولىدۇ .
Q بولسا Q قىممىتىنى تەڭشەش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدۇ . Q تەڭشىمەكچى بولغان دائىرنى ئىپادىلەيدۇ . Band Pass تەڭشەش شەكلىدە Q قىممىتى قانچە كىچىك بولسا تەڭشەيدىغان دائىرە شۇنچە چوڭ بولىدۇ ، Q  قىممىتى كىچىك بولسا تەڭشەيدىغان چاستوتا دائىرسى شۇنچە كىچىك بولىدۇ .


9.jpg

ئەڭ ئاخىرقى بىر قىسىم Output (چىقىش )
سول تەرەپتىكى سۈرگۈچ كۇنۇپكا بولسا چىققان ئاۋازنىڭ مىقتارىنى تەڭشەش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدۇ . تەڭشەش دائىرىسى +12دىن -24گىچە بولىدۇ . ئوڭ تەرەپتىكى ئىلىكتىر دەرىجىسىنى ئۆلچىگۈچنىڭ ئۈستىدىكى كىچىك چىراق ئاۋاز چەكتىن ئىشىپ كەتكەندە ئاگاھلاندۇرۇش بىرىدۇ .
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

QQ|ئالاقىلىشش ئۇسۇلى|ياردەم|يانفۇن|قاماقخانا|شىنجاڭ midi تورى|新疆midi网   

GMT+8, 2020-9-27 12:44 , Processed in 0.051562 second(s), 10 queries , Wincache On.

Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش