xjmidi

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش
ئىزدەش
كۆرۈش: 4506|ئىنكاس: 0

گىتار ئاككورد بارماق قائىدىسى ۋە ئاككورد چېلىش

  [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

升级   100%

扫一扫,手机访问本帖
Cچوڭ كۈي ،a كىچىك كۈيلۈك ئاككوردلارنىڭ بارماق قائىدىسى سخېمىسى

گىتار گارمونيەلىك چالغۇ ، ئاككوردنىڭ ئىشلىتىلىشى گىتار مۇزىكىلىرىدا ، بولۇپمۇ ئاممىباپ گىتار مۇزىكىلىرىدا ھالقىلىق رول ئوينايدۇ . شۇنىڭ ئۈچۈن ھەر خىل ئاككوردلارنىڭ بىسىش سخېمىسىنى ئۆگىنىۋېلىش بىزنىڭ ئاساسى ماھارىتىمىز ھېسابلىنىدۇ . ئادەتتە نۇرغۇن ناخشا(ئاھاڭ)لار چوڭ كۈي ياكى كىچىك كۈيدە بولىدۇ . شۇڭا چوڭ – كىچىك كۈيلەرنىڭ ئاككوردىنى ئۆگىنىۋالساقلا ، نۇرغۇن ناخشا (ئاھاڭ)لارغا تەڭكەش چالالايمىز .

1.          Cچوڭ كۈيلۈك ئۈچ مۇھىم ئاككورد  


1.png


2.   Aكىچىك كۈيلۈك ئۈچ مۇھىم ئاككورد


2.png




ئوڭ قولدا تەڭكەش قىلىش ئۇسۇلى


3.png


1.  بۆلۈنمە ئاككورد : ئوڭ قول بارماقىلىرى بىلەن تارنى ئىلىپ چالغاندا ، نوتىدا باشمالتاقp ، بىگىز بارماقi ،ئوتتۇرا بارماق ،ئۈزۈك بارماقa بىلەن ئىپادىلىنىدۇ . ئادەتتە 6-،5-،4-تالار باشمالتاق بىلەن ، 3-تار بىگىز بارماق بىلەن ، 2-تار ئۈزۈك بارماق بىلەن ،1-تار چىمچىلاق بارماق بىلەن چېلىنىدۇ .
2.        سۈپۈرۈپ چېلىش : ئاممىباپ گىتاردا سۈپۈرۈپ چېلىش ئۇسۇلى ئىككى خىل بولىدۇ ، بىرىدە تارلار بارماق بىلەن سۈپۈرۈپ چىلىنىدۇ .يەنە بىرىدە زەخمەك ئىشلىتىلىدۇ .سۈپۈرۈپ چېلىش ئاساسلىقى بېغىشىنىڭ ھەركىتى بىلەن ئىشقا ئاشۇرۇلىدۇ .

سۈپۈرۈپ چىلىش ماھارەتلىرى ئىچىدە ئاۋاز بوغۇش دەپ ئاتىلىدىغان بىر خىل ماھارەت بار . ئاۋاز بوغۇش دىگەن ئاۋاز چىقىرىۋاتقان تارىنى تەۋرىنىشتىن توختىتىش بولۇپ ، ئۇنىڭ بەلگىسى ئىستىرىلكا ئۇچىغا قارا چىكىت قويۇش ئارقىلىق ئىپادىلىنىدۇ . 4.png

ئاۋاز بوغۇش ئۇسۇلى ئىككى خىل بولىدۇ .
(1)        سول قول بىلەن بوغۇش : بۇ ئۇسۇل چوڭ بېسىش ۋە كىچىك بىسىشتىن پايدىلىنىپ ئاككورد چالغاندا قوللىنىدۇ .ئاۋاز بوغقاندا ، سۈپۈرۈپ چالغاندىن كىينكى شۇ دەقىقىدىلا سول قول بارماقلىرىنى ئەركىن ھالدا تارلار ئۈستىگە يەڭگىلگىنە قويۇش ئارقىلىق تار ئاۋازى توختىتىلىدۇ .
(2)        ئوڭ قول بىلەن ئاۋاز بوغۇش : بۇ ئۇسۇل چوڭ بىسىش ۋە كىچىك بىسىش بارماق قائىدىلىرى ئىشلىتىلمەيدىغان ئاككوردلارنى چالغاندا قوللىنىلىدۇ .ئاۋاز بوغقاندا سۈپۈرۈپ چالغاندىن كىيىنكى شۇ دەقىقىدىلا ئوڭ قول ئالقىنىنى  تارلار ئۈستىگە يەڭگىلگىنە قويۇش ئارقىلىق تار ئاۋازى توختىتىلىدۇ .
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

QQ|ئالاقىلىشش ئۇسۇلى|ياردەم|يانفۇن|قاماقخانا|شىنجاڭ midi تورى|新疆midi网   

GMT+8, 2020-7-3 00:36 , Processed in 0.039759 second(s), 11 queries , Wincache On.

Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش