xjmidi

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش
ئىزدەش
كۆرۈش: 1936|ئىنكاس: 0

[ئۇنۋىرسال ئۈنۈم] 10 Waves Complete ئۇنۋىرسال ئۈنۈم قىستۇرمىسى (2019.10.23)

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

升级   100%

扫一扫,手机访问本帖
دىتال نامى : 10 Waves Complete ئۇنۋىرسال ئۈنۈم قىستۇرمىسى (2019.10.23)
P2P ھەقسىزلەشتۈرگەن نۇسقىسى
سىغىمى :  4.6 GB  چالغۇ قىستۇرمىسىنىڭ ئاۋاز ئامبىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالمىغان نۇسقىسى
قىستۇرما فورماتى : WiN32 - EXE/VST, WiN64 - EXE/VST
قىستۇرما تۈرى: ئاۋاز ئۈنۈمى ھاسىللاش | ئۈنۈم قىستۇرمىسى| ئۈنبىزەك
مەشغۇلات مۇھيىتى : WIN  
ئىلان قىلىنغان ۋاقىتى : 2019.10.23

912.jpg



قىسقىچە چۈشەندۈرۈش:


بۇ Waves شىركىتى تۈزۈپ چىققان ئۇنۋىرسال تۈردىكى ئۈنۈم قىستۇرمىسى بولۇپ، 400دىن ئارتۇق ئۈنۈم قىستۇرمىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئەڭ ئالدىنقى قاتاردىكى ئۇنۋىرسال ئۈنۈم قىستۇرمىسى توپلىمىدىن ئىبارەت. Waves شىركىتى ئۈنۈم قىستۇرمىسى لاھىيەلەش جەھەتتە ئۆزگىچە تەپەككۇرغا ئىگە شىركەت بولۇپ، دۇنيادىكى ھەر قانداق كومپىيوتېردا ئاۋاز لايىھەلىگۈچى بۇ قىستۇرمنى چوقۇم ئىشلىتپ باققان دەپ ئىيتالايمىز.  چۈنكى ئۇنىڭ ئۆز ئىچىگە ئالغان ئۈنۈم قىستۇرمىلىرى مەيلى كىنو تېلىۋىزىيە ئاۋاز ئۈنۈملەش خىزمىتى بولسۇن ياكى ئويۇن تاماشا ساھەسىدىكى چوڭ -كىچىك ئويۇن پىروگىراممىلىرىنىڭ ئاۋاز ئۈنۈمىنى تەھرىرلەش خىزمىتىدە بولسۇن چىتىلىدىغان ساھەسى ئىنتايىن كۆپ. 2017-يىلدىن بۇيان ئۈن تىخنىكىسى ساھەسىدە 3d ، VR / 360  ئۇقۇملىرى كۆپلەپ تىلغا ئىلىنىۋاتىدۇ. ئاۋاز ياڭراتقۇ ئارقىلىق ئاۋازنىڭ ھەقىقىي مۇھيتتىكى تارقىلىش ۋە قوبۇل قىلىنىش نوقتىسىنى توغرا تەسۋىرلەپ بىرىشتا قاتتىق دىتالدىن باشقا يۇمشاق دىتالنىڭ تەھرىرلەش خىزمىتى جەريانىدىكى رولى تولىمۇ مۇھىم. ھازىر بىز بىر دانە مەخسۇس باش ھەركىتىنى ئىز قوغلاپ ھەركەت ھالىتىنى كومپىيوتېرغا يوللاپ بىرەلەيدىغان تىڭشىغۇچ ئارقىلىق Waves ئارقىلىق ئۈچ ئۆلچەملىك ئاۋاز ئۈنۈمى ، مەۋھۇم رىياللىق ئاۋاز ئۈنۈمى ، 360 ئايلانما ئاۋاز ئۈنۈمى قاتارلىق كەسپىي ساھەدىكى سېتىرو ئۆلچىمىدىن ھالقىغان ئاۋاز ئۈنۈمىنى ھاسىل قىلىشقا بولىدۇ.  بىز بۇ تىرىشچان شىركەتنىڭ تىخمۇ كۆپ نادىر قىستۇرمىلارنى ئىجاد قىلىپ ئاۋازنىڭ گۈزەللىكىنى ئىنسانلارغا تىخمۇ نامايەن قىلىپ بىرىشىنى ئۈمىد قىلىمىز.
WaVES Version9 ئۇنۋىرسال ئۈنۈم قىستۇرمىسى 64 خانىلىق قوللاش، تېخىمۇ تېز تەسۋىر يېيىش سۈرئىتى، تېخىمۇ تېز يۈك قوشۇش سۈرئىتى ۋە تېخىمۇ تېز بىر تەرەپ قىلىش سۈرئىتىگە ئىگە بولۇپ، نۇرغۇن يېڭى ئىقتىدار بىلەن تەمىنلىدى.

Waves شىركىتى يۇقىرى پەن -تىخنىكا شىركىتى بولۇپ ،مەخسۇس ئاۋاز ئۈنۈمى ھاسىل قىلىدىغان قاتتىق دىتال ۋە مۇشۇ تۈردىكى يۇمشاق دىتاللارنى ئىچىشنى ئاساس قىلغان . كومپىيوتېردا مۇزىكا ئىشلەيدىغان ،ئۈن ئالىدىغان ۋە كىرىشتۈردىغان دوستلارنىڭ ھەممىسى Waves نىڭ ئۈنبىزەك قىستۇرمىلىرىنى ئىشلىتىشنى ناھايىتى ياخشى كۆرىدۇ . بۇ ناھايىتى كىلەڭسىز ئەمما تاللاش ئەركىنلىكى كۈچلۈك قىستۇرما دىتال بولۇپ ئۆز ئىچىگە ئالغان قىستۇرما بۆلىكى 400دىن ئىشىپ كەتتى . Waves نىڭ گەرچە قىستۇرما بۆلەكلىرى بەك كۆپ بولسىمۇ ، بىر مەزگىل ئىشلىتىپ ئازراق چۈشەنچىگە ئىگە بولغان دوستلار Waves نىڭ ئەمىلىيەتتە ئۇنچە مۇرەككەپ ئەمەسلىكىنى ھىس قىلالايدۇ . Waves شىركىتى پەقەت ئىشلەتكۈچىلەرنىڭ تاللاش ئەركىنلىكىگە كۆپرەك يول قويغان . مەسلەن : ئاۋاز چاستوتىسىنى تەڭپۇڭلاشتۇرۇش ئۈچۈن ئىشلىتىدىغان EQ تۈرىدىكى بۆلەكلەرنى سانايدىغان بولساق نەچچە ئوندىن ئىشىپ كىتىدۇ . ئۇنىڭ ئۈستىگە EQ ئىقتىدارىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بىرلەشمە ئۈنۈم بۆلەكلىرىمۇ خىلى بار . سىز پەقەت كۆرۈنمە يۈزى چىرايلىق ، مەشغۇلات جەھەتتە سىزگە قولايلىق ئىلىپ كىلىدىغان مەلۇم بىرسىنىلا ئۆگىنىۋالسىڭىز قالغانلىرىنىمۇ ئاسانلا ئىگەللىۋالالايسىز . بىر دوستۇم بار ،EQ ئىشلەتمەكچى بولسا چوقۇم GEQ Graphic Equalizer گىرافىك شەكلىدىكى 30 دانە چاستوتا نوقتىسىنى تەڭشىگىلى بولىدىغان كىلەڭسىز EQ بۆلىكىنى ئىشلىتىمەن دەپ تۇرۋالىدۇ . ئۇنداق قىلما ، كۆپىنچە ئاۋاز يوللىرىنى 3 ، 5 ، 8 ، 10 دانە چاستوتا نوقتىسىنى تەڭشىگىلى بولىدىغان EQ بۆلىكىدىمۇ ياخشى تەڭشىگىلى بولىدۇ دەپ نەچچە ئون قىتىم ئەسكەرتىپ كەتتىم . بىراق ئۇنىڭ زادى ئۆزى بىلىدىغان 30نوقتىلىق EQ بۆلىكىنى ئاچقىنى ئاچقان . ئەسلى مەن دىگەندەك قىلسا cpu بايلىقىنى بۇنداق بىزەپ قىلىۋەتمەيتى .

ۋاۋىس شىركىتى كونا قائىدە بويىچە بۇرۇنقى قىستۇرما بۆلەكلىرىنىڭ ئىقتىدارىنى تىخمۇ ئىنچىكىلەپ يۇقىرى كۆتۈرۈش بىلەن بىر ۋاقىتتا ، قىستۇرمىنىڭ ئىجرا بولۇش سۈرئىتىنى تىخىمۇ تېزلەتتى.

بۇ تېمىدا چۈشەندۈرۈلگەن قىستۇرما بۆلەكلىرى  2014-يىلى 10-ئاينىڭ 10-كۈنىدىن كىيىن Waves Complete قا يېڭىدىن قوشۇلغان ئۈنۈم بۆلەكلىرىدىن ئىبارەت.

EMI TG12345 قانال قىستۇرمىسى:
بۇ ئۈنۈم بۆلىكىنى Waves  ۋە Abbey Road Studios بىرلىكتە تۈزۈپ چىققان بولۇپ، 60-يىللاردا  EMI  كونتىرول سۇپىسىدا ئىشلىتىلگەن EMI TG12345 نىڭ  پۈتكۈل مودىلىنى قىستۇرما شەكىلدە تەمىنلىگەن. ئۈنۈم بۆلىكىدە ئۈچ بۆلەكلىك تەڭپۈڭلاشتۇرغۇچ، پىرىسلىغۇچ قاتارلىقلار تەمىنلەنگەن.


تەقلىدىي 160 بېسىم چەكلىگۈچ قىستۇرمىسى:

160 ئۈن ئىلىش  ئۆيى ۋە نەق مەيداندا ئىشلىتىلىدىغان قىستۇرما بۆلىكى بولۇپ، ئۇنىڭدا MS ماترىسسا ، ئارىلاشما ۋە شاۋقۇننى كونترول قىلىش ئىقتىدارى بار. ئۇنىڭدىن باشقا يەنە بىر دانە ستېرېئو ئاۋاز بۆلەكچىسىمۇ بار.
ئۇ تارىختىن بۇيانقى ئەڭ ياخشى دۇمباق پىرىسلىغۇچنىڭ بىرى دەپ قارالغان. ئەسلىدىكى  dbx® 160  ئوئوخشاش تۈردىكى مەھسۇلاتلارنىڭ ئىچىدە ئالدىنقى ئورۇندا تۇرىدۇ. ئاۋازى ناھايىتى يارقىن ھەم ئومۇمىي گارمونىك تەركىبلىرىنى ئىنتايىن تۆۋەن دەرىجىدە بۇزغۇنچىلىققا ئۇچىرتىدۇ. خەلىقئارادا 70 − يىللىرىنىڭ ئاخىرى 80 - يىللارغا كەلگەندە dbx 160 پىرىسلىغۇچ ئۈنۈم ئاپپاراتى ئۈن ئىلىش ساھەسىدىكى ئەڭ مۇھىم ئۆلچەمگە ئايلانغان. dbx بىلەن Waves بىرلىشىپ ئىچىپ چىققان بۇ قىستۇرما بىزنى ھەقىقىي dbx 160 پىرىسلىغۇچ ئۈنۈم ئاپپاراتىنىڭ يۇمشاق دىتال شەكلىدىكى نۇسقىسىنى ئىشلىتىپ ھوزۇرىنى سۈرۈشكە مۇيەسسەر قىلدى.


Butch Vig Vocals قىستۇرمىسى:

Waves نىڭ ئىمزالىق قىستۇرما تۈرى Signatures Series دە يېڭىدىن بۇ قىستۇرما قوشۇلغان بولۇپ، Butch Vig يېقىنقى نەچچە ئون يىلدىن بۇيانقى ئەڭ تەسىر كۈچكە ئىگە بولغان تولغىما ئۇسسۇل ئىشلىگۈچىلەرنىڭ بىرى بولۇپ، ھازىرقى زامان تولغانما مۇزىكا ئاۋازىنى ئۇ ئىجاد قىلغان. ئۇ ناخشا ساھەسىدىكى ياۋا ئاۋازدا ناخشا ئىيتىش ئۇسلۇبىنى تەرەققىي قىلدۇرغۇچى.
Butch Vig Vocals بولسا دەل مۇشۇ ئۇسلۇبتىكى ئاۋازلارنى ئەينەن ئىپادىلەپ ، لايىھىلەش ئىشلىتىلىدۇ . ئۇنىڭدا ئاددى ھەم قولايلىق ئۇسۇلدا ناخشا ئاۋاز يولىغا قارىتا بىر تەرەپ قىلىش ئىلىپ بارغىلى بولىدۇ. ئاۋازغا ياۋىلىق ۋە نەپەس ،ھاۋا ئىقىمى ئارلاشقان چاستوتا قوشۇشقا بولىدۇ.

H-Reverb ئارلاشما سادا ئۈنۈم قىستۇرمىسى:

بۇ ئەڭ يىڭى تىخنىكا Finite Impulse Response  (بەلگىلەنگەن ئىمپۇلس ئىنكاسى ) ئاساسىدا تۈزۈپ چىقىلغان سادا ئۈنۈم قىستۇرمىسى بولۇپ، تېخىمۇ مول ھەم قويۇق بولغان سادا قۇيرىقى بىلەن تەمىنلەن، ئاۋازغا خۇددى يىڭى ھاۋادا نەپەس ئالغاندەك بىر خىل راھەت ،يېقىملىق تۈس قوشالايدۇ.
FIR ماتورى تېخنىكىسى قوللىنىلغان بۇ قىستۇرمىدا ئۆلچەملىك ئورالما سىزىق ئارقىلىق كونتىرول قىلىش ئۇسۇلى ئارقلىق ئارلاشما سادانىڭ قويۇقلىقى ۋە داۋاملاشقان سادا قۇيرىقىنى مۇكەممەل ھالەتتە كونتىرول قىلىشقا بولىدۇ. ئاۋازنى تۇتۇقلاشتۇرۇپ قويمايدۇ. H-Reverb نىڭ تېخىمۇ مۇكەممەل بولۇشى ئۈچۈن Waves ئەڭ ئىلغار تەقلىدىي مودېل قۇرۇلمىسى ۋە قوزغاتقۇچ كونترولى قوللانغان بولۇپ، ئىنتايىن ئىلغار قاتتىق دىتال سادا ئاپىراتىدىلا ئۇچراتقىلى بولىدىغان يادىرولۇق تېخنىكىلار قوللىنىلدى شۇنداقلا ئەڭ قابىل ئۈن ئىلىش تېخنىكلىرىنى تەكلىپ قىلىپ قوللىنىشچان ئالدىن تەڭشەلگەن پارامىتېر ھۆججىتى ئامبىرى تەمىنلىدى.


Cobalt Saphira  ئاۋاز كۈچەيتىش ئۈنۈم قىستۇرمىسى:

بۇ قىستۇرما ئەسلىدە بار بولغان ئاۋاز دولقۇنىدىكى گارمۇنىك تەركىبلەرنى كۈچەيتىپ بىرەلەيدۇ، EQ بۆلىكى ئارقىلىق گارمۇنىك تەركىبلەرنىڭ تەڭپۇڭلىقىنى تەڭشەشكە بولىدۇ. جەمئىي 7 خىل گارمۇنىك تەركىبلەرنى كۈچەيتىش شەكلى تەمىنلەنگەن بولۇپ، پۈتۈنلەي رەقەملىك شەكىلدە كونتىرول قىلىشقا بولىدۇ.


eMo D5 دىنامىكىلىق بىر تەرەپ قىلغۇچ ئۈنۈم قىستۇرمىسى:
بۇ قىستۇرمنى قوللىنىش ئاسان ، كۆرۈنمە يۈزىدە بەش خىل ئىقتىدار بىرلەشتۈرۈلگەن بولۇپ، سۈزۈشنى كونتىروللاش، توك دەرىجىسىنى كۆرسەتكۈچ، چىش تاۋۇشنى يوقاتقۇچ، پىرىسلىغۇچ ۋە چەكلىگۈچ قاتارلىق ئۈنۈم مودىللىرى توپلاشتۇرۇلغان. بۇ قىستۇرما سىزنىڭ ئاۋاز ئۈنۈملەشتىكى جانلىق قۇرالىڭىز بولالايدۇ، ئەمەلىي ئۈنۈملەش خىزمىتى جەريانىدا مۇشۇ بىر قىستۇرما ئارقىلىق ئاۋاز يولىغا نىسبەتەن دىنامىكا تۈرىدىكى بىر قانچە خىل مەشغۇلاتلارنى بىراقلا تاماملاشقا بولىدۇ. بۇنداق بولغاندا يەككە ئۈنۈم بۆلەكلىرىدىن بىر قانچىنى ئىچىپ ئۇششاق - چۈشەك تەڭشەش ئىلىپ بارغانغا قارىغاندا ۋاقىتنى كۆپ تىجىگىلى بولىدۇ. ئۇنىڭ CPU نى خورىتىشى تۆۋەن ، سىگىنال كىچىكىشى 0 ، نەخ مەيداندا ئىشلىتىشكە ، مەخسۇس ئۈن ئىلىش ئۆيىدە ئىشلىتىشكە تولىمۇ ماس كىلىدۇ.


Greg Wells VoiceCentric ئادەم ئاۋازى ئۈنۈملەش قىستۇرمىسى:
بۇ سەنئەتكار Greg Wellsتۇنجى ئىمزا قويغان قىستۇرما بۆلىكى بولۇپ ، Waves  ۋە Greg Wells بىرلىكتە تۈزۈپ چىققان. بۇ قىستۇرما A دەرىجىلىك ناخشا ئاۋازى ئۈنۈملەشنى ئارزۇ قىلىۋاتقان كەسىپكارلار ئۈچۈن مەخسۇس لاھيىلەنگەن، بۇ قىستۇرما بىزنى ئەڭ تېز سۈرئەتتە خەلىقئارا دەرىجىدىكى ناخشا ئاۋازىنى بىر تەرەپ قىلىش لايىھىسى بىلەن تەمىن ئىتىدۇ. بۇ قىستۇرمىنى ئىشلىتىش ئاسان بولۇپ، بىر دانە ئاساسى كونتىرللىغۇچ ۋە ئۈچ دانە ۋېللس بەلگىلىگەن كىچىكىش، ھەسسىلەندۈرگۈچ، ۋە سادا قاتارلىقلارنى بەلگىلەيدىغان قوشۇمچە كونتىروللىغۇچلاردىن تەركىب تاپقان.
Greg Wells بىر قانچە نۆۋەت گراممېي مۇكاپاتىدا ئىسمى ئاتالغان سەنئەتكار، كىرشتۈرگۈچى .


Sub Align سەھنە ياڭراتقۇلىرىنى مۇۋاپىق ئورۇنلاشتۇرۇش قىستۇرمىسى
بۇ يىڭى قىستۇرما مەخسۇس نەخ مەيدان سەھنىلىرىدە ئىشلىتىشكە لاھىيلەنگەن بولۇپ، بۇ يىڭىچە بىر خىل قوللىنىشچان قىستۇرما.
ئادەتتە چوڭ تىپتىكى نەخ مەيدان مۇزىكا كىچىلىكلىرىدە سەھنە ياڭراتقۇلىرىنى تىزىش ۋە ئورۇنلاشتۇرۇش بىر ئاز ئاۋارچىلىق، سەھنە ياڭراتقۇ سىستىمىلىرىنى ئورۇنلاشتۇرۇشتىمۇ ھەم ئۇنۋىرسال ھەل قىلىش لاھىھەسىمۇ يوق. ئوخشىمىغان سەھنە شارائىتىدا ئوخشاش بولمىغان تىزىش شەكلى قوللىنىشى مۈمكىن.  ئۈستى قىسىم ۋە ئاستى قىسىمنىڭ فىزىكىلىق ئورنى ھەم ئارلىقى  سەھنە ياڭراتقۇ سىستىمىسىنىڭ ئومومى سۈزۈكلىكى ۋە سوقۇلۇش  كۈچىنىڭ قانداق بولۇشىغا تەسىر كۆرسىتىدىغان بولۇپ، ياڭراتقۇلارنى خالىغانچە تىزىپلا قويساق ياكى بىر جايغا دەستىلەپ قويساق ئاۋاز سىستىمىسىنىڭ ئاۋازنى توغرا ، ئەينەن يەتكۈزۈپ بىرىشىگە بۇزغۇنچىلىق قىلغان بولىمىز.  ئەگەر بىز سەھنە ياڭراتقۇلىرىنى Sub Align ئارقىلىق ئورۇنلاشتۇرساق ياڭراتقۇلارنى كۆڭۈلدىكىدەك ئورۇنلاشتۇرالايمىز.

Greg Wells PianoCentric پىئانىنو ئاۋازىنى ئۈنۈملەش قىستۇرمىسى
پىئانىنو بولسا ئۈنۈملەش خىزمىتدە بىر قەدەر مۇرەككەپ دەپ قارىلىدىغان چالغۇ، ئىژىنىر Greg Wells بۇ ساھەدە نۇرغۇنلىغان تەجىربىلەرگە ئىگە بولۇپ، ئۇ بىزگە ئىنتايىن قولايلىق بولغان پىئانىنو ئۈنۈملەش قۇرالىنى Waves شىركىتى بىلەن بىرلىكتە تۈزۈپ چىقتى. بۇ قىستۇرما ئارقىلىق پىئانىنو ئاۋازنى ئۈنۈملەش ناھايىتى قولايلىق بولۇپ ، تىز سۈرئەتتە ئەڭ يىقىلىق ئۈنگە ئىلىنغان پىئانىنو ئاۋازغا ئىرىشەلەيمىز.

Element 2.0 Virtual Analog 2.0 مەۋھۇم بىرىكمە چالغۇ قىستۇرمىسى
بۇ بىرىنجى بولۇپ مەۋھۇم ئىلكتىر بىسىمى تىخنىكىسى (Virtual Voltage technology)قوللىنىلغان بىرىكمە چالغۇ بولۇپ، بۇ خىل تىخنىكنى Waves مۇستەققىل ئىچىپ چىققان. Element 2.0 كۆپ خىل قولايلىق ئىقتىدارلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولۇپ، توپلاشتۇرۇلغان ئۈنۈم، قەدەملىمە ساقلىغۇچ، بارلىق كونتىرول تاللاشلارنى MIDIئارقىلىق ئەكىس ئەتتۈرۈش، كۆپ مىقتداردىكى تەڭشەشكە بولىدىغان پارامىتىر ھۆججىتى قاتارلىقلار Element 2.0 نى ئاچسىڭىزلا كۆز ئالدىڭىزدا نامايەن بولىدۇ. ئىلھام كەلگەندە كۆزنەكلەرنى ئىچىش ۋە ئاۋاز تەڭشەش ئاۋارچىلىقىدىن خالىي. Element 2.0 دىكى ئالدىن تەييارلانغان ئاۋاز تۈسلىرىنى دەرھال ئىچىپلا پايدىلىنىشقا بولىدۇ. مەيلى نەخ مەيدان ،مەيلى سىتودىيە بولسۇن شۇنداق قولايلىق.

Waves Nx  مەۋھۇم ئۈن ئىلىش ئۆيى قىستۇرمىسى
بۇ قىستۇرما ئارقىلىق سىز بىر دانە ياخشى تىڭشىغۇچ ئارقىلىق ھەقىقىي  ئۆلچەملىك ئۈن ئىلىش ئۆيىدىكى ئاۋاز ئۈنۈمىنى ئاڭلىيالايسىز. سىزگە ئاڭلىنىۋاتقان ئاۋاز ھەقىقىي ئۈن ئىلىش ئۆيىدىكى ئاۋاز ياڭراتقۇدىن چىقىۋاتقان دەرىجىدە بولۇپ، تەبىئىي ئەكىس ئاۋاز، پۈتۈن مۇھىتتىكى سىتىرولۇق تۇيغۇنى ھىس قىلالايسىز .
سىز ھازىر نەدە بولۇڭ پەقەت سىزدە ياخشىراق تىڭشىغۇچ بولسىلا ئۆزىڭىزدە ئىشەنچىلىك ئۈنۈملەش ۋە تىڭشاش قۇرالى بولغان بولىدۇ. Waves Nx تىڭشىغۇچ ئاۋازىنىڭ چۈمپەردىسىنى ئىچىپ تاشلاپ ،بىزگە ھەقىقىي ئاۋازنى ئاڭلىتىپ بىرەلەيدۇ، قانداقتۇر رەڭلەنگەن  ئاۋاز ئەمەس. Waves Nx ئارقىلىق  5.1 ئايلانما ئاۋاز ئۈنۈملەش ھىچقانچە مەسىلە ئەمەس،  Waves Nx نەخ ۋاقىتتىكى باش قىسمىنى ئىز قوغلاش، كومپىيوتېر كامىراسى ۋە ياكى Waves Head Tracker ئۈسكىنىسى ئارقىلىق مەۋھۈم ئۈن ئىلىش ئۆينىڭ چىنلىق دەرىجىسىنى يۇقىرى كۆتۈرەلەيسىز.

Abbey Road Reverb Plates ئۈنۈم قىستۇرمىسى
يىرىم ئەسىر ئىلگىرى تاختاي شەكلىلىك سادا ھاسىل قىلغۇچ ئۈن ئىلىشتىكى مۇھىم ئۈسكىنىنىڭ بىرگە ئايلانغان. Waves ھازىر 60-يىللاردا ئەڭ كۆپ ئىشلىتىلگەن Abbey Road سىتودىيەسىنىڭ 4 دانە  EMT 140  ئەسلى سادا ئۈنۈم ھاسىل قىلىش تاختىنى قىستۇرما شەكىلدە لاھىيلەپ چىقتى.




چۈشۈرۈش مەنزىلى :


https://pan.baidu.com/s/1-zYlQse4yOvZPQHvHZQzag
ئىلىش كودى:6rjm


ئەسكەرتىش:


تور بىكىتىمىزدە  تەمىنلەنگەن بارلىق يۇمشاق دىتاللارنىڭ بىر قىسىمى ئىنتىرنىت تورىدىن كەلگەن ، بىر قىسىمى تورداشلار يوللىغان مەنبەلەر بولۇپ ، مەيلى قايسى خىلدىكىسى بولمىسۇن بۇ يۇمشاق دىتاللارنىڭ ئىگىلىك ھوقوقى شۇ دىتالنى ئىشلىگەن شىركەت ۋە شەخسكە تەۋە . ئەگەر سىز تور بىكىتىمىز ئارقىلىق ئىرىشكەن يۇمشاق دىتاللارنى ياقتۇرۇپ قالغان بولسىڭىز ئەسلى نەشىرىنى سىتىۋىلىپ ئىشلىتىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز . تور بىكىتىمزدە تەمىنلەنگەن مەنبەلەرنى ئىشلىتىش جەريانىدا كىلىپ چىققان ھەر قانداق زىيانغا تور بىكىتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ .
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

QQ|ئالاقىلىشش ئۇسۇلى|ياردەم|يانفۇن|قاماقخانا|شىنجاڭ midi تورى|新疆midi网   

GMT+8, 2020-9-21 18:04 , Processed in 0.048966 second(s), 10 queries , Wincache On.

Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش