xjmidi

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش
ئىزدەش
كۆرۈش: 541|ئىنكاس: 0

ئاۋاز كارتىسى توغرىسىدا ئومومىي چۈشەنچە (2)

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

升级   100%

扫一扫,手机访问本帖
    ئەمدى بىز كەسپى ئاۋاز كارتىسى توغرىسدا ئاز_تولا توختىلىپ ئۆتىمىز .
    ئاۋۋال كارتا ئىغىزىدىن سۆزلەيمىز .يەنى بىز دائىم ئىيتىدىغان:« پالانى ئاۋاز كارتىسى قانچە كىرگۈزۈش ،قانچە چىقرىش ئىغىزلىق ئىكەن » دىگەن مەسىلە ئۈسىتىدە توختىلىمىز. بىز بۇيەردە ئىيتىۋاتقان نەچچە چىقىرىش ،نەچچە كىرگۈزۈش ھەقىقى فىزىكىلىق ئىغىزنى كۆرسىتىدۇ ، ھەرگىزمۇ يۇمشاق دىتال ئىقتىدارىدىكى مەۋھۇم ئىچىكى ئىغىزنى كۆرسەتمەيدۇ .بىر ئاۋاز يولى بىر ئىغىز بولىدۇ .ئەگەر كارتىڭىز ئىككى چقىرىشلىق كارتا بولسا ،ئۇنداقتا بۇ ئوڭ ئاۋاز يولى چىقىرىش ئىغىزىدىن بىر ،سول ئاۋاز چىقىرىش يولىدىن بىرسى بار دىگەننى چۈشەندۈرۈپ بىرىدۇ .ئادەتتە بارلىق ئاۋاز كارتىلىرىدا ئىككى چىقىرىش ،ئىككى كىرگۈزۈش ئىغىزى ھازىرلانغان بولىدۇ .ئاۋاز كارتىسىنىڭ چىقىرىش _ كىرگۈزۈش ئىغىزنىڭ سانى قانچە كۆپ بولسا شۇنچە ياخشى ،كۆپ كىرگۈزۈشلۈك ئاۋاز كارتىسىدا بىرلا ۋاقىتتا كۆپ يوللۇق مۇزىكىلارنى ئۈنگە ئىلىشقا بولىدۇ .بۇ مۇزىكا ئەترىتى قۇرغانلار چوقۇم دىققەت قىلىشقا تىگىشلىك مەسىلە .ئەگەر سىزنىڭ پەقەت ئىككى مىكرافۇنىڭىزلا بولسا ،ئۇنداقتا سىزگە ئىككى كىرگۈزۈشلۈك ئاۋاز كارتىسى بولسىلا بولىدۇ .
    ئاۋاز كارتىسىغا  چىقىرىش -كىرگۈزۈش ئىغىزى سەپلەشكە ئامال بولمىغاندا زاۋۇت ئادەتتە «چاتاق سىم »ئارقىلىق چىقىرىش -كىرگۈزۈش ئىغىزى تەمىنلەيدۇ.

11.jpg


M-Audio AP192 ئاۋاز كارتىسىنىڭ «چاتاق سىمى»



    تىخمۇ كۆپ كىرگۈزۈش-چىقىرىش ئىغىز لازىم بولسا ئايرىم ئىغىز كۆپەيتىش  قىپى ئىشلىتىلىدۇ .

12.jpg

MAYA1010 ئاۋاز كارتىسىنىڭ ئايرىم ئىغىز كۆپەيتىش  قىپى


ئاۋاز كارتىسىنىڭ چىقىرىش ئىغىزى ئىككى خىل بولىدۇ ، بىرسى تەڭپۇڭ شەكىللىك ئۇلاش ئىغىزى .يەنە بىرى تەڭپۇڭ بولمىغان شەكىللىك ئۇلاش ئىغىزى .ئۇنداقتا بۇ يەردىكى تەڭپۇڭ ۋە تەڭپۇڭ بولمىغان  دىگەن ئاتالغۇنى قانداق چۈشىنىمىز ؟ سىگىنالنى سىممىتىرىك قوش لىنىيگە تەڭشەپ يوللاش تەڭپۇڭ يوللاش دەپ ئاتىلىدۇ . ئوخشاشلا قوش لىنىيدىن تاپشۇرۋالغان سىگىنالنى سىممىتىرك  قوبۇل قىلىش تەڭپۇڭ قوبۇللاش دەپ ئاتلىدۇ . ئەكسىچە بولسا تەڭپۇڭ بولمىغان يوللاش ۋە قوبۇللاش بولىدۇ . تەڭپۇڭ شەكىللىك ئۇلاش ئىغىزىنىڭ كاشىلىغا قارشى تۇرۇش ئىقتىدارى كۈچلۈك ،شاۋقۇنى تۆۋەن ،تەڭپۇڭ بولمىغان شەكىللىك ئۇلاش ئىغىزىغا قارىغاندا پەرىقلىق ياخشى .بىراق ،سىم 10مىتىردىن ئىشىپ كەتمىگەن ئەھۋال ئاستىدا ئىككى خىل ئىغىزنىڭ پەرىقى بولمايدۇ .شۇڭا ھازىرمۇ كۆپ ساندىكى ئاۋاز كارتىلىرىدا تەڭپۇڭ بولمىغان شەكىللىك ئۇلاش ئىغىزى ئىشلىتىلىۋاتىدۇ .
    بىراق ئۇزۇن ئارلىققا ئاۋاز يەتكۈزۈشتە يەنىلا تەڭپۇڭ لىنيە سىمى ۋە ئۇلاش ئىغىزنىڭ ئەۋزەللىكى يۇقىرى بولۇپ ، شاۋقۇن - .ئاۋاز كاشىلىسى تۆۋەنرەك بولىدۇ.

13.jpg


تەڭپۇڭ لىنىيە سىمىنىڭ ئۇلاش بىشى


يۇقارقى رەسىمدىن كۆرەلەيمىزىكى بىر دانە تەڭپۇڭ لىنىيە سىمىدا ئۈچ دانە ئۆزەك سىم بولۇپ ، بىرسى مۇسبەت يىرىم دولقۇن سىگىنالىغا ، يەنى بىرى مەنپىي يىرىم دولقۇن سىگىنالىغا مەسئۇل ، ئاخىرقىسى بولسا يەر سىمى، ئۇ مۇستەققىل ھالەتتە بولۇپ يىراق ئارلىققا سىگىنال يەتكۈزۈشتە ئاسانلىقچە  سىرتقى ئارىلاشما دولقۇن سىگنالىنڭ كاشىلىسغا ئۇچۇرمايدۇ.   
تەڭپۇڭسز لىنىيە سىمدا ئىككى دانە ئۆزەك سىم بار ،  بەزى تەڭپۇڭسىز ئۇلاش ئىغىزىدا يەنىلا چوڭ ئۈچ ئۆزەكلىك روزېتكا ئىشلىتىلگەن بولۇپ ، بىراق ئۇ يەنىلا تەڭپۇڭسىز سىگىنال يەتكۈزىدۇ.  ئادەتتە كۆپ ئۇچۇرايدىغان تەڭپۇڭسىز روزېتكىغا ئىككى ئۆزەكلىك RCA ئۇلاش بىشى ئىشلىتىلىدۇ.


14.jpg


ئىككى ئۆزەكلىك RCA ئۇلاش بىشى



    تەڭپۇڭ  روزېتكىغا  بولسا، چوڭ ئۈچ ئۆزەكلىك  سىم ۋە XLR كانون ( CANNON ) بېشى ئىشلىتىلىدۇ، ئۇلارنىڭ ھەممىسى ئۈچ ئۆزەكتىن تەركىب تاپىدۇ.

15.jpg


XLR چىشى باش


ئالىي دەرىجىلىك ئاۋاز كارتلىرىنىڭ ھەممىسىدە XLR ئىغىزى ئىشلىتىلىدىغان بولۇپ، ئۇلاش بىشى ياكى روزېتكا  بولسۇن ئەركەك ، چىشى دەپ ئايرىلىدۇ.

16.jpg


XLR ئەكەك باش


ئەمدى بىز باشقا ئۇلاش ئىغىزلىرىغا قاراپ باقايلى.
ھازىر بارلىق ئاۋاز كارتىلىرىدا ئاساسەن دىگۈدەك رەقەملىك كىرگۈزۈش چىقىرىش ئىغىز بار. رەقەملىك ئىغىزنىڭ ئالاھىدىكى بولسا ، ئۇنى باشقا تۈردىكى رەقەملىك كىرگۈزۈش چىقرىش ئىقتىدارى ھازىرلىغان باشقا ئۈسكىنىلەر بىلەن بىۋاستە ئۇلاشقا بولىدۇ. مەسلەن : رەقەملىك ئاۋاز تەڭشەش سۇپىسى ، رەقەملىك چىقىرىش ئىغىز بار ئاۋاز مەنبە ئاپپىراتى ، بىرىكمە چالغۇ قاتارلىقلار...
    ئەگەر سىزدىكى ئاۋاز مەنبە ئاپپىراتى ياكى بىرىكمە چالغۇدا رەقەملىك چىقىرش ئىغىزى بولسا بىۋاستە رەقەملىك ئىغىزنى ئىشلىتىپ ئاۋاز كارتىسى بىلەن چاتسىڭىز بولىدۇ. بۇنداق چىتىش شەكلىدە ئاۋاز رەقەملىك شەكىلدە ئۇزۇتۇلىدىغان بولغاچقا ،ئاۋاز سۈپىتىدە ھىچقانداق خوراش بولمايدۇ.
    رەقەملىك ئىغىزمۇ تەڭپۇڭ ۋە تەڭپۇڭسىز ئىغىز دەپ بۆلىنىدۇ . ئادەتتە ئاۋاز كارتىسىنىڭ رەقەملىك ئىغىزغا  SPDIF تەڭپۇڭسىز رەقەملىك ئىغىز ئىشلىتىلىدۇ. مەسلەن : ئوپتىك تالا ۋە ئوقداش كابېل .


17.jpg

E-mu 1212M ئاۋاز كارتىسدىكى RCA رەقەملىك ئوقداش كابېل ئىغىزى.
   
   
    يەنە بىر قىسىم ئاۋاز كارتىلىرىدا AES/EBU تەڭپۇڭ رەقەملىك ئىغىز ئىشلىتىلىدىغان بولۇپ ، ئۇنىڭ ئاۋاز سۈپىتى تىخمۇ ياخشى بولىدۇ.

    بىز بىلىمىز ، مىكرافۇن سىگىنالى كۈچەيتىشكە مۇھتاج .ئىلىكتىر سىغملىق مىكرافۇن يەنە توك بىلەن تەمىنلىنىشكە مۇھتاج .شۇ سەۋەپلىك بىر قىسىم ئاۋاز كارتلىرىغا مىكرافۇن كىرگۈزۈش ئىغىزى سەپلەنگەن بولىدۇ ۋە ياكى يەنە  مىكرافۇن كۈچەيتكۈچ ھەم توك بىلەن تەمىنلەش ئىقتىدارى ھازىرلانغان بولىدۇ . يەنە بىر قسىم ئاۋاز كارتىلىرىدا بۇ خىل قوشۇمچە ئىقتىدار ھازىرلانمىغان بولۇپ ،ئايرىم مكرافۇن كۈچەيتكۈچ سەپلەشكە توغرا كىلىدۇ . ئەمىلىيەتتە ئاۋاز كارتىسىدىكى قوشۇمچە سەپلەنگەن مىكرافۇن كۈچەيتكۈچنىڭ ئاۋاز سۈپىتى كەسپى مۇستەققىل مىكرافۇن كۈچەيتكۈچكە يەتمەيدۇ ،يەنە كىلىپ بىر قىسىم ئاۋاز كارتلىر ى مىكرافۇن كۈچەيتكۈچ ئىقتىدارىنى ھازىرلىغان بولسىمۇ ،كەسپى مىكرافۇنلارنى يىتەرلىك توك بىلەن تەمىنلەش ئىقتىدارى ھازىرلانمىغان . شۇڭا سىز ئاۋاز كارتىسى سىتىۋالغاندا ئەگەر ئاۋاز سۈپىتىگە بولغان تەلىۋىڭىز يۇقىرى بولسا ئايرىم مۇستەققىل مىكرافۇن كۈچەيتكۈچ سىتىۋىلىشنى ئويلاشسىڭىز بولىدۇ .
    مۇزىكا ئىشلەشتە يەنە تىڭشىغۇچقا ئىھتىياجىلىق بولىمىز . ئاز بولمىغان ئاۋاز كارتىلىرىدا تىڭشىغۇچ چىتىش ئىغىزى سەپلەنگەن بولىدۇ . ۋە ياكى يەنە تىڭشىغۇچنى كۈچەيتىش ئىقتىدارى سەپلەنگەن بولىدۇ .بىراق بىر قىسىم يۇقىرى قارشىلىقتىكى تىڭشىغۇچلارنى  ئاۋاز كارتىسى ئۈستىدىكى تىڭشىغۇچ كۈچەيتكۈچ ئىشقا كىرىشتۈرەلمەيدۇ . يەنە كىلىپ مۇزىكا ئەترىتىنىڭ مۇزىكىلىرىنى ئۈنگە ئالغاندا ئادەتتە بىر قانچە تىڭشىغۇچ چىتىشقا توغرا كىلىدۇ .شۇڭا كەپسى خادىملار ھەممىسى مۇستەققىل تىڭشىغۇچ كۈچەيتكۈچ ئىشلىتىدۇ .
    ناھايىتى كۆپ ئاۋاز كارتىلىرى يەنە بىر خىل كەسپى ئىغىزنى ھازىرلىغان بولىدۇ . ئۇ ADAT ئوپتىك تالا  ئىغىزىدۇر . ADAT بولسا ئامرىكا Alesis شىركىتى ئەڭ بۇرۇن ئىچىپ چىققان ADAT رەقەملىك كۆپ يوللۇق ئۈنئالغۇنىڭ ئۇلاش ئىغىزىنىڭ ئۆلچىمى . ئۇ بىر تال ئوپتىك تالا ئارقىلىق بىرلا ۋاقىتتا 8 يوللۇق رەقەملىك ئاۋاز چاستوتا سىگىنالىنى يوللىيالايدۇ .كەسپى ئاۋاز كارتىسىدىكى ADATئوپتىك تالا ئۇلاش ئىغىزى ئارقىلىق رەقەملىك ئۈنئالغۇ ۋە مۇستەققىل AD/DAئۈسكىنىلىرىنى ئۆز-ئارا ئۇلاپ ئىشلىتىشكە بولىدۇ .


18.jpg


E-mu 1212M ئاۋاز كارتىسىدىكى ADAT ئوپتىك تالا  ئۇلاش ئىغىزى


    ئەمدى midiئىغىزىغا كىلەيلى . ئادەتتە ئاۋاز كارتلىرىغا  بىر كىرگۈزۈش -بىر چىقىرىش midiئىغىزى سەپلەنگەن بولىدۇ .بەزىلىرىنىڭ  MIDI THRU ئىغىزىمۇ بولىدۇ . . MIDI IN بولسا midiچالغۇدىن كىرگەن سىگىنالنى كومپىيوتېرغا يەتكۈزۈپ بىرىدىغان ئىغىزدۇر .MIDI OUT بولسا كومپىوتېردىن چىققان midiسىگىنالىنى midiچالغۇغا ياكى سىرىتقى ئاۋاز مەنبەسىگە  يوللاپ بىرىدۇ .MIDI THRU بولسا MIDI IN دىن كىرگەن سىگىنالنى باشقا بىر كومپىيوتېر ياكى باشقا ئۈسكىنىگە يوللاپ بىرىدۇ . ئەگەر ئاۋاز كارتىڭىزدا midi ئىغىزى بولمىسا مەخسۇس لاھيلەنگەن midi كىڭەيتىش ئىغىزى سىتىۋالسىڭىز بولىدۇ ياكى بىر تال usb لىك midi سىم سىتىۋىلىپ ئىشلەتسىڭىزمۇ بولىدۇ . بىراق ئەرزان ئالدىم دەپ مۇقىمچانلىقى تۆۋەن usb لىك midiسىم ئىلىپ سالماڭ !

19.jpg


E-mu 1820M ئاۋاز كارتىسدا تەمىنلەنگەن MIDI ئىغىزى



    ئەمدى گەپنى ئاۋاز كارتىسىنىڭ ئىچىكى قانىلىغا يۆتكەيلى . ئىچكى قانال بىلەن ھەقىقى چىقىرىش ئىغىزى ئوخشاش ئەمەس .ئۇ ئاساسلىقى تۈزىلىشى ئەپچىل ئىچكى ئاۋاز چاستوتىسى ئىقىم مۇھىيتىدۇر . مەسلەن : بىر قانچە مۇزىكا يۇمشاق دىتالى ئوخشاش ۋاقىتتا خىزمەت قىلغان ۋاقىتتا ،ھەر قايسىسى ئوخشاش بولمىغان قانالدا ماڭىدۇ . بىر- بىرىگە تەسىر يەتكۈزمەيدۇ .كۆپنچە كەسپى ئاۋاز كارتىسى كۆپ يوللۇق ئاۋاز قانىلىغا ئىگە . مۇنداقچە ئىيتىشقىمۇ بولىدۇ ،قوزغۇتۇش پىروگىراممىسى بولسا ئاۋاز كارتىسىنىڭ يىتەكچى ئامىللىرىنىڭ بىرى . ھازىرقى ئاۋاز كارتىسنىڭ ئاتالمىش قوزغۇتۇش پىروگىراممىسى پەقەت بىر قوزغۇتۇش پىروگىراممىسلا بولۇپ قالماسىتىن بەلكى ئاۋاز كارتىسىنى يۇمشاق دىتال شەكلىدە ئىكران يۈزىدە كۆرسىتىپ ،كۆپلىگەن ئىقتىدارلار بىلەن تەمىنلەيدۇ .
    كەسپى ئاۋاز كارتىلىرىدا يەنە بىر تۈرلۈك ئالاھىدە ئىقتىدار بولۇپ ،ئۇ ئىچكى ئۈن ئىلىش ئىقتىدارىدىن ئىبارەت . بىر قىسىم كەسپى ئاۋاز كارتىلىرى بۇ ئىقتىدارنى قوللىمايدۇ .ئەمىليەتتە ھازىرقى مۇزىكا يۇمشاق دىتاللىرىنىڭ ھەممىسى ئاۋاز چاستوتىسىنى بىۋاستە ھىساپلاپ چىقىرىدۇ .ئىچىكى ئۈن ئىلىشقا ئىھتىياجىلىق ئەمەس .شۇڭا خىلى كۆپ ساندىكى كەسپى ئاۋاز كارتىلىرى ئىچىكى ئۈن ئىلىش ئىقتىدارىنى ھازىرلىمىغان، بىراق بۇخىل ئىقتىدارنىڭمۇ ئۆزىگە چۇشلۇق ئارتۇقچىلىقى بولغاچقا ،كۆپ ساندىكى ئاۋاز كارتىلىرىدا ئچكى ئۈن ئىلىش مەۋھۇم ئۇلاش سىمى پىروگىراممىسى تەمىنلىنىۋاتىدۇ . مەسلەن :ESI تىپىدىكى ئاۋاز كارتلىرىنىڭ DirectWIRE مەۋھۇم سىم ئۇلاش پىروگىراممىسى ۋە Creamware تىپىدىكى ئاۋاز كارتىلىرىنىڭ مەۋھۇم سىم ئۇلاش پىروگىراممىسى  قاتارلىقلار .

20.jpg

Juli@  ئاۋاز كارتىسىنىڭ DirectWIRE مەۋھۇم سىم ئۇلاش كۆزنىكى


    نۆۋەتتە ، ئاساسى ماشىنا ساندۇقى ئىچىگە ئورنىتىدىغان  PCIئاۋاز كارتىسى بازاردىن چىكىنىپ  ،  سىرتتىن ئورنىتىدىغان  كەسپى ئاۋاز كارتىسى كەڭ كۆلەمدە بازارغا سىلىنىۋاتىدۇ .سىرتتىن ئورنىتىدىغان كەسپى ئاۋاز كارتىسى USB2.0 ئۇلاش ئىغىزلىق ،  USB3.0 ئۇلاش ئىغىزلىق 1394 ئوت سىم ئىغىزلىق ، چاقماق ئۇلاش ئىغىزلىق دەپ بىر قانچە  خىلغا بۆلىندۇ . ئوت سىملىق ئاۋاز كارتىسى ئەينى ۋاقىتتا  usb لىق ئاۋاز كارتىسىغا قارىغاندا مۇقۇمچانلىقى تىخمۇ ياخشى .ئۇچۇر ئۇزۇتۇش سۈرئىتى تىخمۇ تىز بولۇپ ،ناھايىتى كۆپ مۇزىكانىتلارنىڭ ياقتۇرۇپ ئىشلىتىشىگە ئىرىشكەن .  ئەمما تىخنىكىنىڭ ئۈزلۈكسىز يىڭىلىنىشىغا ئەگىشىپ ھازىر بازاردا ئوموملاشقىنى  USB3.0 ئۇلاش ئىغىزلىق  ، چاقماق ئۇلاش ئىغىزلىق ئاۋازكارتىلىرىدۇر. 1394 ئوت سىم ئىغىزلىق ئاۋاز كارتىلىرى ئاللىقاچان دەۋرنىڭ رەھىمسىز شاللىشىغا ئۇچىراپ ئۆزنىڭ تارىخى ۋەزىپىسىنى تاماملاپ كەسپىي ئاۋاز كارتىسى ساھەسىدىن چىكىندى.
   ئەمىلىيەتتە بۇ خىلدىكى ئاۋاز كارتىلىرى ئاللىبۇرۇن «كارتا »دەپ ئاتالمايدىغان بولدى . ھازىر بۇ خىلدىكى ئاۋاز كارتىلىرىنىڭ مەھسۇلات قىپىدا «ئاۋاز چاستوتا ئۇلاش ئىغىزى» (音频接口)دىگەن مەھسۇلات نامىنى كۆرۈشكە بولىدۇ . سىرتىتن ئورنىتىدىغان ئاۋاز كارتىلىرىنىڭ ئەڭ چوڭ ئالاھىدىكى يۆتكەش ، سىم ئۇلاش قولايلىق .شۇڭلاشقا خاتىرە كومپىيوتېر ئىشلەتكۈچىلەرنىڭ ئالقىشغا ئىرىشىۋاتىدۇ . نەق مەيداندا ئۈنگە ئىلىش خىزمىتى بىلەن شۇغۇللانغۇچىلارغا نىسپەتەن بۇ خىلدىكى كارتىلار ناھايىتى ماس كىلىدۇ .  

21.jpg


MOTU 896 سىرتتىن ئورنىتىلدىغان  1394 ئوت سىم ئىغىزلىق ئاۋاز كارتىسى



بۇنىڭدىن تاشقىرى ،كەسپى ئاۋاز كارتىلىرى ئىچىدىكى بىر تۈرلۈكلىرى مەخسۇس بىر قىسىم يۇمشاق دىتاللارغا مەخسۇس لاھىيلەنگەن بولۇپ ، يۇمشاق دىتال پەقەت شۇ خىل قاتتىق دىتال ئورنىتىلغاندىلا ئاندىن نورمال خىزمەت قىلالايدۇ .  ئەگەر سىزدە مەخسۇس كارتا بولمىسا بەلگىلەنگەن يۇمشاق دىتالنى ئىشلىتىشكە بولمايدۇ .

22.jpg


ProTools ئۈچۈن لاھيىلەنگەن Digidesign Digi001 ئاۋاز كارتىسى


  ئاخىرىدا سۆزلىمەكچى بولغىنىمىز بىر تۈرلۈك كۆپ ئىقتىدارلىق ئاۋاز كارتىسى ، ئۇ ئاۋاز كارتىسىنىڭ ئىقتىدارىنى ئۆز ئىچىگە ئالغاندىن تاشقىرى ،يەنە باشقا ئىقتىدارلارنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ . مەسلەن :YAMAHA 01X  ئۇ ئەمىلىيەتتە ئوت سىملىق ئاۋاز كارتىسى بولۇپ ،ئۇ يەنە  بىر دانە رەقەملىك ئاۋاز تەڭشىگۈچ ،يۇمشاق دىتال كونتوروللىغۇچ ،ئاۋاز ئۈنۈملەش ئاپىراتى قاتارلىقلارغا باراۋەر . بۇ خىلدىكى ئۈسكىنىلەر شۈھبىسىزكى ئىشلىتىشكە ناھايىتى قولاي ،يۆتكەشكىمۇ ئەپلىك .

23.jpg


YAMAHA 01X

   Novation X-Station مۇ ئوخشاشلا  بىرىكمە چالغۇ ،ئاۋاز كارتىسى ،midiرويال ،midiكونتوروللىغۇچ ،midiئۇلاش ئىغىزى ،ئۈنۈملىگۈچ قاتارلىق ئىقتىدارىلارنى ئۆزىگە مۇجەسسەم قىلغان بولۇپ ،بىر دانە خاتىرە كومپىيوتېر بىلەن ئۇ بولسىلا بولدى .ئىلىپ يۈرۈشكىمۇ ناھايىتى ئەپلىك .

24.jpg


Novation X-Station 25

     بىز يۇقاردا ئاۋاز كارتىسى توغرىسىدا ئاز_تولا چۈشەنچە بىرىپ ئۆتتۇق . ئاۋاز كارتىسى سىتىۋىلىش ۋە ئىشلىتىش جەريانىدا تورداشلارنىڭ قىينالغان تەرەپلىرى بولسا تور بىكىتىمىز تورداشلار ئۈچۈن تەڭ ئىزدىنىشكە تەييار .

ئاۋاز كارتىسى توغرىسىدا ئومومىي چۈشەنچە (1)

بۇ تىمىنىڭ ئالدىنقى سانىنى يۇقاردىكى ئۇلانمىنى بىسىپ كۆرۈڭ

ماقالە تەييارلىغۇچى : پەرھات ئابدۇرىھىم

ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ!


ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

QQ|ئالاقىلىشش ئۇسۇلى|ياردەم|يانفۇن|قاماقخانا|شىنجاڭ midi تورى|新疆midi网   

GMT+8, 2020-4-2 01:31 , Processed in 0.024294 second(s), 10 queries , Wincache On.

Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش