xjmidi

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش
ئىزدەش
كۆرۈش: 3885|ئىنكاس: 0

دىنامىكا تۈرىدىكى ئۈنۈمچىكلەر توغرىسىدا ئومومىي چۈشەنچە

  [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

升级   100%

扫一扫,手机访问本帖
    دىنامىكا دىگەن نىمە ؟
    دىنامىكا دىگىنىمىز ھەركەتلىنىپ تۇردىغان ،ھەركەت كۈچى بار دىگەن مەنىنى بىلدۈردىغان بولۇپ ، كومپىيوتېر مۇزىكسدا بىز دىنامىكا دىگەن بۇ ئاتالغۇنى ئاۋازنىڭ چوڭ -كىچىكلىك دائىرسىنى  بىز بەلگىلەپ قويغان سانلىق قىممەت ئاساسىدا ئاپتۇماتىك ھالدا ئۆزگەرتىپ بىرىدىغان ئۈنۈملۈگۈچلەرگە قوللىنىمىز .
    ئۇ پىرىسلىغۇچ ، كىڭەيتكۈچ ، شاۋقۇن توسمىسى ،چەكلىگۈچ ،قوزغاتقۇچ  قاتارلىقلار .
    بۇ تۈردىكى ئۈنۈملۈگۈچلەرنىڭ ئۈنۈملەش نىشانى ئاۋاز چاستوتىسىنىڭ دىنامىكىلىق دائىرسىنىڭ چوڭ _ كىچىكلىكىنى تەڭشەشتىن ئىبارەت .
دىنامىكىلق ئۈنۈمچىلەر بىلەن تونۇشۇشتىن ئاۋۋال بىز نىمىنىڭ دىنامىكىلىق دائىرە ئىكەنلىكىنى بىلىۋىلىشىمىز كىرەك .
    دىنامىكىلىق دائىرە ئۈن ئىلىش ئۈسكىنىسىنىڭ  ئەڭ تىنىچ ھالەتتىكى ئاۋاز نوختىسى  بىلەن ئاۋازنىڭ ئەسلىنى يوقىتىش چىكىگىچە بولغان  دائىرىنى كۆرسىتىدۇ .
    تۆۋەندە بىز نىمىنىڭ دىنامىكىلىق بىر تەرەپ قىلىش ئىكەنلىكىنى چۈشۈنۈپ ئۆتىمىز .
    ئادەتتە بىز ئۈنگە ئالغان ئاۋازنىڭ ئاۋاز مىقتارى ئىگىز- پەس ئۆرلەپ تۇرىدۇ . بىز بىر پۈتۈن ئاۋاز مىقتارىنىڭ يۇقىرى قىسىمى بىلەن تۆۋەن قىسمنى مۇۋاپىق ماسلاشتۇرۇپ تەڭشىسەك ،بۇ پىرىسلاپ بىر تەرەپ قىلىش دەپ ئاتىلىدۇ .
بەزىدە بىر بۆلەك ئاۋازنىڭ ئاۋاز مىقتارى تولىمۇ تەكىشى بولۇپ ، ئاۋاز مىقتارىدا ئىگىز – پەسلىك بولمغان ئەھۋال ئاستىدا ، بىز دىنامىكىلق ئۈنىمچىك ئارقىلىق مەلۇم بىر قىسىمنىڭ ئاۋازمىقتارىنى ئاپتۇماتىك يۇقرى كۆتۈرۈپ ،ئاۋازدا يۇقرى - تۆۋەنلىك تۇيغۇسى پەيدا قىلساق بولىدۇ . بۇ خىل خىزمەت كىڭەيتىپ بىر تەرەپ قىلىش دەپ ئاتىلىدۇ .
    ئانا لىنتىنى بىر تەرەپ قىلىغاندا بىز يەنە ئومومى ئاۋازنىڭ بىز بەلگىلەپ قويغان قىممەتتىن قەتئىي ئىشىپ كەتمەي چىقىشىغا مۇچىتاج بولىمىز . بۇ چاغدا بىز چەكلىگۈچ ئارقلىق بۇ خىزمەتنى ئورۇندايمىز .
چەكلىگۈچ بولسا پىرىسلىغۇچ بىلەن ناھايىتى ئوخششىپ كىتىدىغان بولۇپ ، ئىقتىدار ۋە ئىشلىتىش ئورنى جەھەتتىن ئازراق پەرىقلىنىدۇ .  ئۇنىڭدا پەقەت چىگرا قىممەت بار ،پىرىسلاش نىسپىتى يوق ، ھەر قانداق چوڭ ئاۋاز بولسىمۇ  بەلگىلەپ قويغان چىگرا قىممەتتىن ھەرگىزمۇ ئاشۇرۋەتمەيدۇ .

    داڭلىق ئۈن سىن نەشىرياتلىرى تەرپىدىن تارقىتىلغان مۇزىكىلارنى ئاڭلىغان چىغىمىزدا ئاۋاز خۇددى ياڭراتقۇغا پاتمايۋاتقاندەك بىر خىل جۇشقۇنلۇق ۋە توقلۇقنى ھىس قىلىمىز ، بۇ خىل ئۈنۈم دەل دىنامىكىلق ئۈنمچىك ئائىلىسىدىكى قوزغاتقۇچ ئۈنۈمى ئارقىلىق يارىتىلغان .
    قوزغاتقۇچ بولسا گارمۇنىك قۇرۇلمىغا ئاساسەن يىڭى چاستوتا كۆپەيتىدۇ . قوزغاتقۇچىنى   ئىشلىتىش ئارقىلىق ئاۋازنى توق ، جۇشقۇن ۋە تولۇپ تاشقان ،كۈچلۈك ھالەتكە ئەكەلگىلى بولىدۇ.
    دىنامىكىلىق ئۈنۈملۈگۈچىلەر  دىنامىكلىق ئۈنۈملەش ئىلىپ بارغاندا چاستوتا رايۇننى ئايرىپ تۇرۇپ   ئۈنۈملەش ئىلىپ بىرىش ياكى ئىلىپ بارماسلىقىغا  ئاساسەن ، يەككەبۆلەكلىك دىنامىكىلىق ئۈنۈمچىك ۋە كۆپ بۆلەكلىك دىنامىكىلىق ئۈنۈمچىك دەپ ئىككى چوڭ تۈرگە بۆلىندۇ .
    يەككە بۆلەكلىك دىنامىكىلىق ئۈنۈملۈگۈچ ئۈنۈم بىر تەرەپ قىلغاندا چاستوتا رايۇنىنى ئايرىمايلا ، بارلىق چاستوتا بۆلىكىگە نىسپەتەن بىراقلا دىنامىكىلىق بىر تەرەپ قىلىش ئىلىپ بارىدۇ .
    كۆپ بۆلەكلىك دىنامىكىلىق ئۈنۈملۈگۈچلەر بولسا تۆۋەن ، ئوتتۇرا ،يۇقىرى چاستوتا رايۇنلىرىنى ئايرىپ دىنامىكىلىق ئۈنۈملەش ئىلىپ بارالايدۇ .
ھازىرقى دىنامىكىلىق ئۈنۈمچىكلەر پەقەت بىرلا ئىقتىداردىكى ئۈنۈمچىك ھالەتتە بولىشى ناتايىن ، كۆپىنچە ھالدا ھەر خىل دىنامىلىق ئۈنۈملەش بۆلەكلىرى بىرلا ئۈنۈملەش مودىلىغا ئورۇنلاشتۇرلىدۇ .
مەسلەن : پىرىسلىغۇچ ، چەكلىگۈچ ۋە شاۋقۇن توسقۇچ ئۈنۈمچىكلىرى بىرلا ئۈنۈملەش مودىلغا ئورۇنلاشتۇرلىدۇ .

يۇقاردا بىز دىنامىكىلىق ئۈنۈملۈگۈچلەرنىڭ تۈرلىرى ،ئاساسى خىزمەت پىرىنسى ۋە قانداق خىزمەت ھالقىسغا ئىشلىتىدىغانلىقىنى سۆزلەپ ئۆتتۇق  .
  دىنامىلىق ئۈنۈملۈگۈچلەرنىڭ سانى ۋە تۈرلىرى ناھايىتى كۆپ   ، بىز  تۆۋەندە يەككە بۆلەكلىك دىنامىكىلىق ئۈنۈملۈگۈچكە  ۋەكىل خارەكتىرلىك قىلىپ waves نىڭ   ئۈنۈملەش بۆلىكى c1   نىڭ ئىشلىتىش ئۇسۇلىنى تونۇشتۇرۇپ ئۆتىمىز .
  C1   بولسا waves  شىركىتى تۈزۈپ چىققان پىرىسلاش / شاۋقۇن توسقۇچ ئۈنمچىكى  بولۇپ ، مۇرەككەپ بولغان ئۈنىملەرنى بىر تەرەپ قىلالايدۇ . ئۇ ئۈچ دانە بىركمە قىسىمدىن تەركىب تاپقان  . ئۇلار پىرىسلىغۇچ/كىڭەيتكۈچ ، شاۋقۇن توسقۇچ / كىڭەيتكۈچ  ۋە سۈزگۈچ/كىڭەيتكۈچ مودىلىدىن ئىبارەت .
تۆۋەندە بىز C1   نىڭ بارلىق ئۈنۈملەش مودىللىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان c1 compressor/gate  (سى بىر كومپېراسسېر / گەيىت ) ئۈنۈمچىكى بىلەن تەپسىلى تونۇشۇپ چىقىمىز .

ئالدى بىلەن waves   نىڭ بارلىق ئۈنۈمچىكلىرىدە كۆرىلىدىغان ئورتاق كۇنۇپكىلارنىڭ ئىقتىدارىنى  چۈشەندۈرىمىز .
سولدىن ئوڭغا قاراپ :

1111.png


Unde (ئاندت) مەشغۇلاتنى قايتۇرۇش .
مەلۇم مەشغۇلات كۆڭلىمىزگە ياقمىسا ، ياكى خاتا تەڭشەپ قويغان بولساق ، مۇشۇ كۇنۇپكىنى بىسىش ئارقىلق مەشغۇلاتنى كەينىگە بىر قەدەم ياندۇرغىلى بولىدۇ .
AB سىلىشتۇرما (يەنى نۆۋەتتىكى تەڭشەكنى ۋاقىتلىق ساقلاپ قويغىلى بولىدۇ ) ،
ئالدىن بەلگىلەنگەن سانلىق قىممەتنى يۈكلەش ،
بەلگىلەنگەن سانلىق قىممەتنى ساقلاش  ،
؟ ياردەم بەلگىسى،
نەشىر ئۇچۇرى  قاتارلىقلاردىن ئىبارەت .

Load تاللاش تۈرىنى ئاچقاندىن كىيىن ، بىر تاللاش تىزىملىكى كۆرىنىدۇ . بىرىنجى تاللاش Open Preset File (ئوپېن پىرسەنت فايېل)
ئارقىلىق قاتتىق دىسكىغا ساقلانغان ئالدىن بەلگىلەپ قويغان سانلىق قىممەت ھۆججىتىنى ئاچقىلى بولىدۇ .(فول رۈيسەت) Full Reset ئارقىلىق بارلىق سانلىق قىممەتلەرنى دەسلەپى نورمال قىممەتكە توغىرلىغىلى بولىدۇ . ،تۆۋەندىكىسى بولسا ئاچقۇچى تەرەپ تەمىنلىگەن ئالدىن بەلگىلەپ قويۇلغان سانلىق قىممەت .

ئاستىدىكى رەسىمگە قاراڭ

2222.jpg


Save تۈرىنى ئاچقاندىن كىيىن بىر تاللاش تىزىملىكى كۆرىنىدۇ . بىرىنجى تاللاش تۈرى ئارقىلق نۆۋەتتىكى تەڭشەپ قويغان سانلىق قىممەتىنى قاتتىق دىسكىغا ھۆججەت شەكلىدە ساقلاپ قويغىلى بولىدۇ . ئەڭ ئاخىردىكى(پود ئىنتيۇ پىرسەنىت مەنىي ساۋى )  Put Into Preset Menu As تاللاش تۈرى ئارقىلىق نۆۋەتتىكى تەڭشەپ قويغان سانلىق قىممەتنى سانلىق قىممەت تاللاش تۈرى ئىچىگە ساقلاپ قويغىلى بولىدۇ .

ئاستىدىكى رەسىمگە قاراڭ

3333.jpg


يۇقارقى مەزمۇنلار كىينكى دەرسلىرىمىزدە قايتا سۆزلەنمەيدۇ .

ئەمدى بىز ئۈنۈمچىكنىڭ مەشغۇلات يۈزى بىلەن تەپسىلى تونۇشۇپ چىقايلى .

پىرىسلاش /كىڭەيتش ئۈنۈمى ئىلىپ بىرىش مەشغۇلات رايۇنى  :  

4444.png

1.  Byp  (بېيپاس ) بولسا ياندىن ئۆتكۈزۈچ ۋىكلىيۇچاتىلى  ،بۇ كۇنۇپكىنى قوزغاتقاندىن كىيىن پىرسلاش /كىڭەيتكۈچ بۆلىكى ئىشلىمەيدۇ .
2.        Low Ref /Peak Ref   (لوۋ رەڧ /پىك رەڧ )بولسا ئىكىتىر كۈچى كۆرىنىشنڭ ئىككى خىل شەكلى ، مائۇس ئارقىلىق تاق چىكىپ ئىلكتىر كۆرىنىشىنىڭ شەكلىنى ئالماشتۇرۇشقا بولىدۇ .
Low Ref بولسا تۆۋەن ئىلىتىر كۈچى شەكلى  ، ئۇ پىرىسلىغۇچىدا دائىم قوللىنىلىدىغان ئىلىكتىر كۈچى كۆرىنىش شەكلى .
Peak Ref بولسا چوققا قىممەت شەكلى  .
بۇ ئىككى تاللاش تۈرى ئاۋاز ئۈنۈمىگە ھىچقانداق تەسىر كۆرسەتمەيدۇ .
3. سول تەرەپتىكى  بىرنجى تالچە بولسا ئىلىكتىرى كۈچىنىڭ ئىششىنى كۆرسىتىش تالچىسى
4. ئىككىنجىسى بولسا پىرىسلاش/كىڭەيتىش ئۈنمىنىڭ ئىلىكتىر كۈچىنى كۆرسىتىش تالچىسى.

ئەمدى ئاستىدىكى رەسىمگە قاراڭ.

5555.png


ئوڭ تەرەپتىكى  پىرىسلاش / كىڭەيتىش ئۈنۈم بىر تەرەپ قىلىش سانلىق پارامىتىر تەڭشەكلىرى تۆۋەندىكىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ .
5.  Makeup   (مىيكاپ)    [سىگىنال كۈچەيتىش]
6. Threshold (ڧىراد  شولىد ) [بوسوغا قىممەت]
7. Ratio (رەيشىيو )  [پىرىسلاش ۋە كىڭەيتىش ئۈنۈمىنىڭ نىسپەت قىممىتى ]
Ratio (رەيشىيو ) نىڭ قىممىتى 1:1 بولغاندا ئاۋاز سىگىنالى ھىچقانداق پىرسلاش ئۈنۈمىگە ئۇچۇرمايدۇ .
نىسپەت قىممەت 50:1گە يەتكەن چاغدا پىرسلىغۇچ بىر دانە سىلىق بۇرۇلۇش نۇختىسىغا ئىگە چەكلىگۈچكە ئايلىنىدۇ .
نىسپەت قىممەت 0.5:1دىن 1:1گىچە بولغان ئارلىقتا بولسا ئاۋاز سىگىنالى كىڭەيتىپ بىر تەرەپ قىلنىدۇ .
نىسپەت قىممەت 50:1دىن ھالقىپ كەتكەن چاغدا قىممەت مەنپى سانغا ئۆزگۈرىدۇ . ئۇنىڭ دائىرىسى  50:1 – دىن  0.5:1گىچە بولىدۇ  . بۇ خىل تەڭشەش شەكلى ئەمەلدىن قالدۇرۇش شەكلى دەپ ئاتىلىدىغان بولۇپ ، ئاۋاز سىگىنالىدىكى ئاۋاز مىقتارى ناھايىتى چوڭ بولۇپ كەتكەن بۆلەكنى ئىلىپ تاشلاپ  ، تىنىچراق بولغان قىسمىنى قالدۇرۇپ قويۇش ئۈچۈن ئشىلتىلىدۇ .
8. Attack  (ئې چاك) [ قوزغىلىش ۋاختى]
9. Release (روۋليس )  [ ئەسلىگە كىلىش ۋاختىنى تەڭشەش ]
10.  PDR [پىروگىرامملىق ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى تەڭشەش ]
بۇ تۈردىكى پارامىتىر ئارقىلق ئەسلىگەكىلىش ۋاختىدىكى ئۆزگۈرۈش ئەھۋالىنى كونتورول قىلشقا بولىدۇ .
پارامىتىر قىممىتى ئەڭ تۆۋەن بولغان چاغدا  ئەسلىگە كىلىش ۋاختى بىۋاستە  Release (روۋليس ) پارامىتىر كۆزنىكىدىكى  سانلىق قىممەتىنى ئاساس قىلىپ بىكىتلىدۇ .
PDR   قىممىتىنىڭ يۇقىرى بولىشىغا ئەگىشىپ ، ئاۋازدا قىسقا پەيتىلىك ئۆزگۈرۈش  بولغاندا ،پىرىسلاپ كىڭەيتكۈچىنىڭ تاقىلىش ۋاختى ناھايىتى تىز بولىدۇ .  ئاۋازنىڭ پەيىتلىك ئۆزگۈرش ۋاختى ئۇزۇنراق بولسا ، تاقىلىش ۋاختىمۇ مۇناسىپ ئۇزىرايدۇ .
10. eq mode (ئەي كىيۇ مودې) بولسا eq مودىلىنىڭ ۋىكليۇچاتىلى  بولۇپ ،پەقەت تەڭپۇك كونتوروللاش ئىقتىدارى بولغان ئۈنۈملەش بۆلىكىدىلا بۇ خىل ۋىكلىيۇچاتىل بولىدۇ .
c1 compressor (سى بىر كومپېراسسېر ) غائوخشاش ئۈنۈملەش بۆلىكىدە بۇ خىل ئىقتىدارى بولمايدۇ .
eq مودىلىنىڭ ئۈچ خىل شەكلى بولۇپ ، ئۇلار :
Wideband (ۋاي بەنىد ) [ كەڭ بەلباغ شەكىلى]
بۇ خىل ھالەتتە پىرىسلغۇچ / كىڭەيتكۈچ ئەنئەنىۋى كەڭ بەلۋاغلىق بىر تەرەپ قىلغۇچ ھالەتتە خىزمەت قىلىدۇ .
Sidechain (سايىد شەيىن) [يان زەنجىر كونتوروللاش]
بۇ خىل تەڭشەش ھالىتىدە دىنامىكىلىق بىر تەرەپ قىلغۇچ EQ نىڭ تاسقىشىدىن ئۆتكەن سىگىنالنى كونتوروللاپ ، كىرگەن سىگىنالغا نىسپەتەن دىنامىلىق بىر تەرەپ قىلىش ئىلىپ بارىدۇ .
Split (سىپىلايىت ) [چاستوتا بەلبىغى ئايرىش]
بۇ خىل خىزمەت ھالىتىدە سىگىنال ئاكتىپ قىسىم ۋە پاسسىپ قىسم دەپ  ئىككى بۆلەككە ئايرىلىدۇ .
ئاكتىپ قىسىم سۈزگۈچ تەسۋىرى كۆزنىكىدە قىزىل  سىزىق شەكلىدە كۆرىنىدۇ
پاسسىپ قىسىم بولسا كۆك سىزىق شەكلىدە كۆرىنىدۇ .
بۇ ۋاقىتتا دىنامىكىلىق بىر تەرەپ قىلىغۇچ ئاۋۋال EQ نىڭ تاسقىشىدىن ئۆتكەن Sidechain (سايىد شەيىن)  سىگىنالنى كونتوروللايدۇ ھەم ئاكتىپ قسىمغا نىسپەتەن دىنامىكىلىق بىر تەرەپ قىلىش ئىلىپ بارىدۇ . ئەڭ ئاخرىدا تىخى بىر تەرەپ قىلىشتىن ئۆتمىگەن پاسسىپ سىگىنال بىلەن ئارلاشتۇرۇلۇپ چىقرىلىدۇ .
شاۋقۇن توسمىسى /كىڭەيتش ئۈنۈمى ئىلىپ بىرىش مەشغۇلات رايۇنى  :  
شاۋقۇن توسمىسى /كىڭەيتش ئۈنۈمى ئىلىپ بىرىش قسىمى ئىككى خىل شەكىلدە خىزمەت ئىلىپ بارىدۇ .
1) بىرنجى خىل ھالەتتە سىلىق بۇرۇلۇش نۇختىلىق توۋەن توك كۈچىدىكى بىر تەرەپ قىلغۇچ سۈپىتىدە تۆۋەن توك كۈچى سىگىنالىنى ئىللىق ، يۇمشاق ھالەتكە ئەكىلىدۇ .
2)ئىككىنجى خىل ھالەتتە شاۋقۇن توسقۇچ ئۈنۈمچىك سۈپىتىدە تۆۋەن توك كۈچىدىكى سىگىنالنى چەكلەيدۇ .
شاۋقۇن توسمىسى /كىڭەيتش ئۈنۈم بۆلىكى بىر يۈرۈش پارامىتىر كونتوروللاش قىسمىغا ئىگە بولۇپ ،سول تەرەپتىكى پىرىسلاش/كىڭەيتىش بۆلىكىدىن ئايرىپ تۇرۇپ ،مۇستەققىل ھالەتتە ئىشلەتكىلى بولىدۇ .
مەشغۇلاتنىڭ تىز ۋە قولايلىق بولشىنى كۆزدە تۇتۇپ شاۋقۇن توسمىسى /كىڭەيتش ئۈنۈمى ئىلىپ بىرىش مەشغۇلات بۆلىكىنىڭ بىر قىسىم پارامىتىرلىرى بىلەن پىرىسلاش/كىڭەيتىش بۆلىكىنىڭ پارامىتىلىرىنى تۇتاشتۇرۇپ كونتوروللاش ئىقتىدار كۇنۇپكىسى سەپلەنگەن.

سول تەرەپتىكى  بىرنىجى تالچە بولسا ئىلىكتىرى كۈچىنىڭ ئىششىنى كۆرسىتىش تالچىسى
ئىككىنجىسى بولسا شاۋقۇن توسمىسى /كىڭەيتش ئۈنۈمىنىڭ ئىلىكتىر كۈچىنى كۆرسىتىش تالچىسى .
Byp  (بېيپاس ) بولسا ياندىن ئۆتكۈزۈچ ۋىكلىيۇچاتىلى  ،بۇ كۇنۇپكىنى قوزغاتقاندىن كىيىن شاۋقۇن توسمىسى /كىڭەيتش ئۈنۈمى ئىشلىمەيدۇ .
eq mode (ئەي كىيۇ مودې) بولسا eq مودىلىنىڭ ۋىكليۇچاتىلى
بۇ قىسىملارنىڭ رولى ۋە ئشلىتىش ئۇسۇلى پىرىسلاش /كىڭەيتش ئۈنۈمى ئىلىپ بىرىش مەشغۇلات رايۇنىدىكىسى بىلەن ئوخشايدۇ .

سۈزگۈچ بۆلىكى :

بۇ كونتوروللاش نوختىسىنى مائۇس ئارقىلىق يۆتكەش مەشۇلاتى ئىلىپ بىرىش ئارقىلق چاستوتا نوختىسىنى ۋە Q قىممىتىنى ئۆزگەرتكىلى بولىدۇ .

6666.png


1.ئەڭ سول تەرەپتىكىسى gate  / Expander (گەيىت / ئىكسپاندېر )كۇنۇپكىسى بولۇپ ،
Expander(ئىكسپاندېر)  تاللاش ھالىتىدە بۇ ئۈنۈملەش بۆلىكى كىڭەيتكۈچ رولىنى ئۆتەيدۇ .
gate  (گەيىت ) تاللاش ھالىتىدە بولسا بىر شاۋقۇن توسقۇچ رولىنى ئۆتەيدۇ .
2.    Floor (ڧىلور ) بولسا توك كۈچىنى كونتورللاش  تەڭشىگى بولۇپ ، شاۋقۇن توسمىسى /كىڭەيتش ئۈنۈم بۆلىكىنىڭ ئالاھىدە ئىقتىدارى ھىساپلىنىدۇ . بۇ كۇنۇپكا ئارقىلىق شاۋقۇن چىكىدىن تۆۋەن بولغان سىگىنالنى كۈچەيتىكىلى بولۇپلا قالماستىن يەنە چىكىدىن يۇقىرى بولغان سىگىنالنى ئاجىزلاشتۇرغىلىمۇ بولىدۇ .
3.   Gate open (گەيىت ئوۋپىن )  ، Gate close ( گەيىت كىلوس ) ئارقىلىق بوساغا قىممەتنى بەلگىلەشكە بولىدۇ .
4.    Gate open (گەيىت ئوۋپىن ) شاۋقۇن توسقۇچنىڭ ئىچىلش نوختىسى تەڭشەيدۇ، Gate close ( گەيىت كىلوس ) بوسوغىنى ئىتىش نوختىسى .
ئىككى خىل بوساغا قىممەتىنى تەڭشەش ئارقىلىق سىگىنال بوسوغىغا يىقىنلاشقان ۋاختىدا شاۋقۇن توسقۇچ ئارقا-ئارقىدىن ئىچىپ –ئىتلىپ كات –كات ئاۋاز پەيدا قىلىشىدىن ساقلانغىلى بولىدۇ .
Expander(ئىكسپاندېر)  تاللاش ھالىتىدە close ( گەيىت كىلوس ) ئىتىدار كۇنۇپكىسىنىڭ رولى بولمايدۇ .
Gate open (گەيىت ئوۋپىن )بوساغا قىممەت نوختىسىنى يۇمشاق بۇرۇلۇش نوختىسى قىلىدۇ ،مۇشۇ نوختىدىن تۆۋەن بولغان سىگىنال  بىكىتىلگەن نىسپەت بويىچە كىڭەيتىلىدۇ ياكى پىرىسلىنىدۇ .
5.  Attack (ئې چاك) [ قوزغىلىش ۋاختى]
شاۋقۇن توسمىسى /كىڭەيتش ئۈنۈمنىڭ قوزغىلىش  ۋاختىنى تەڭشەپ بىرىدۇ .
6.   Release (روۋليس )  [ ئەسلىگە كىلىش ۋاختىنى تەڭشەش ]
ئۈنۈملەش ئىلىپ بىرىش ئاخىرلاشقاندىن كىين  ئۈنۈملەش بۆلىكىنى تاقاپ ئەسلىىگە ئەكىلش ۋاختىنى تەڭشەش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدۇ .
7.    Hold ( خولىد ) شاۋقۇن توسۇش ئۈنۈمچىكىنىڭ ئىچىلىشىنىڭ داۋاملىشش ۋاختىنى تەڭشەش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدۇ .

ئەمدى ئاستىدىكى رەسىمگە قاراڭ.
8888.png


C1   نىڭ سۈزگۈچ بۆلىكى ئاۋاز سىگىنالىنى ئاكتىپ قسىم ۋە پاسسىپ قسىم دەپ ئىككى قىسىمغا ئايرىۋالىدۇ .
0)        بۇ كونتورول نوختىسىنى مائۇس ئارقىلىق يۆتكەش ئارقىلق چاستوتا نوختىسى ۋە Qقىممىتىنى ئۆزگەرتىكىلى بولىدۇ .
1)        قىزىل ئەگرى سىزىقتا ئىپادىلەنگەن رايۇن ئاكتىپ قسىىمدىن ئىبارەت .
2)        كۆك ئەگىرى سىزىقتا ئىپادىلەنگەن رايۇن پاسسىپ قسىمدىن ئىبارەت.
3)        ئەگەر ئىككى ئۈنۈملەش بۆلىكىنىڭ eq شەكلى  كەڭ بالباغ ھالىتىدە تاللاقلىق بولسا رەسىملىك تەسۋىر رايۇنىدا ھىچقانداق ئەگىرى سىزىق كۆرۈنمەيدۇ .
4)        سۈزگۈچىنىڭ كونتوروللاش پارامىتىرلىرىنى ئۆزگەرتىش ئارقىلىق پاسسىپ قسىىم بىلەن ئاكتىپ قسىمىنىڭ ئەگىرى سىزىقلىق ھالىتىنى ئۆزگەرتىشكە بولىدۇ .جەمئىي تۆت خىل شەكلى بولۇپ :
Band pass (بەنىد پەسس) [ بەلباغلىق ئۆتكۈزۈش ]
Band Reject (بەنىد رېجاكىت ) [بەلباغلىق قارشىلىق ]
High Pass (خاي پەسس ) [  يۇقىرى ئىقىمىلىق ئۆتكۈزۈش ]
Low Pass(لوۋ پەسس ) [قارشىلىقى تۆۋەن ئۆتكۈزۈش]
5)        Freq (ڧىرېك ) چاستوتا نوقتىسىنى تەڭشىگۈچ ، ئۇنىڭ دائىرىسى khz21 – 16غىچە
6)        Q بولسا چاستوتا كەڭلىكىنى بەلگىلەش ئۈچۈن ئىشلىتلىدۇ . ئۇنىڭ چاستوتا دائىرىسى 0.1دىن0.6گىچە . بەلۋاغلىق ئۆتكۈزمە دولقۇن سۈزگۈچ ياكى قارشىلىقلىق دولقۇن سۈزگۈچ ھالىتىدە Q قىممىتى قانچە يۇقرى بولغانسىرى چاستوتا بەلبىقى شۇنچە تار بولىدۇ .
قارشىلىقى تۆۋەن دولقۇن سۈزگۈچ ياكى يۇقىرى ئىقىملىق دولقۇن سۈزگۈچ ھالىتىدە Q قىممىتى قانچە يۇقرى بولغانسىرى كەسمە يۈزى شۇنچە تىك بولىدۇ .
7)        Look Ahead (لوك ئەھىد )  ئالدىن نەزەر سىلىش ئىقتىدارى .
ئالدىن نەزەر سىلىش ئىقتىدارى ئەمىلىيەتتە كۆپ قسىىم تەقىلىدى دىنامىلىق بىر تەرەپ قىلغۇچىلاردا يۇق . سىز پەقەت ئھتىياجىلىق بولسىڭىز ئىچىپ ياكى ئىتىپ قويسىڭىز بولىدۇ . تەڭشەكلىرى ئۇنچە چىق ئەمەس .

ئۈنۈم بىر تەرەپ تەرەپ قىلش دىئاگىرامما تەسۋىرى :
ئۈنۈم بىر تەرەپ تەرەپ قىلش دىئاگىرامما تەسۋىرى كۆزنىكدىكى ئابىسسا ئوقى ئۈستىدە كۆرسىتلگىنى كىرگەن سىگىنالنىڭ قىممىتى ،
ئوردىنات ئوقىدا كۆرسىتىلگىنى چىقرىلغان سىگىنالنىڭ قىممىتى .

9999.png


ئابىسسا ئوقى ئۈستدىكى سىرىق رەڭلىك  ئۈچ بۇلۇڭ بەلگە پىرىسلغۇچ / كىڭەيتكۈچىنىڭ بوسوغا قىممىتىنى كۆرسىتىپ بىرىدۇ .

ئىككى دانە كۆك رەڭلىك ئۈچ بۇلۇڭ بەلگە شاۋقۇن سۈزۈش بوسوغا قىممتىنىڭ باشلىنىش نوختىسى بىلەن ئۆتكەل نۇختىسىنى ئايرىپ كۆرسىتىپ بىرىدۇ .
ئۈستىدىكى سىرىق رەڭلىك پارابولا سىزىقى پىرىسلغۇچ / كىڭەيتكۈچىنىڭ ئۈنۈم بىر تەرەپ قىلىش ئەگرى سىزىقى . كىچىك كاتەكچە سىگىنالنىڭ بىر تەرەپ قىلىش ئەھۋالىنى ئەمىلى كۆرسىتىپ بىرىدۇ .
كىچىك تىك سىزىق سىگىنالنىڭ بىر تەرەپ قىلىش ئەھۋالىنى ئەمىلى كۆرسىتىپ بىرىدۇ .

كىرىش ۋە چىقىش بىلەن تىڭشاشنى تەڭشەش

10000.png


Input (ئىن پوت ) كىرگەن سىگىنالنىڭ  ئوڭ –سول ئاۋاز قانىلىنىڭ ئاۋاز مىقتارىنى يەككە ھالدا تەڭشىگىلى بولىدۇ
Output(ئەۋىت پوت)چىققان ئاۋاز سىگىنالىنىڭ ئاۋاز مىقتارىنى تەڭشىگىلى بولىدۇ .
Key mode (كىي مود )  ئۈچ خىل تاللاش شەكلى بار بولۇپ
سىتىرولۇق ئاۋاز ، سول ئاۋاز قانىلى ئوڭ ئاۋاز قانلىنى تەڭشەش ، ۋە ئوڭ ئاۋاز قانىلى سول ئاۋاز قانىلىنى تەڭشەش  قاتارلىقلاردىن ئىبارەت .
Monitor (مونىرېر ) ئۈچ خىل تاللاش شەكلى بار بولۇپ :
Audio نى تاللىغان چىغىمىزدا C1 نىڭ دىنامىكىلىق بىر تەرەپ قىلىشىدىن ئۆتكەن ئەڭ ئاخىرقى سىگىنالنى تىڭشىغىلى بولىدۇ .
Sidechain (سايىت شەيىن ) نى تاللىغان چىغىمىزدا تەڭپۇڭلاشتۇرغۇچ تەرىپىدىن بىر تەرەپ قىلنغان  Sidechain (سايىت شەيىن ) سىگىنالنى تىڭشىيالايمىز .
Passiveنى تاللىغان چىغىمىزدا پاسسپ رايۇننىڭ سىگىنالىنى تىڭشىيالايمىز .


قوشۇمچە :

دەرسلىكتە بىر قىسىم ئاتالغۇلار  ئۇيغۇر تىلىدا چۈشىنىشلىك ئىپادىلەنمەي قالدى ، ئاتالغۇلارنى  چۈشۈنۈشتە خاتالىق چىقىپ قالماسلىقى ئۈچۈن ئىنگىلىزچە نامى ۋە يىقىنلاشقان تەلەپپۇز قوشۇپ بىرىلدى.


ماقالە تەييارلىغۇچى : پەرھات ئابدۇرىھىم

ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ.


ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

QQ|ئالاقىلىشش ئۇسۇلى|ياردەم|يانفۇن|قاماقخانا|شىنجاڭ midi تورى|新疆midi网   

GMT+8, 2020-7-2 23:30 , Processed in 0.023111 second(s), 10 queries , Wincache On.

Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش