xjmidi

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش
ئىزدەش
كۆرۈش: 521|ئىنكاس: 0

ئاۋاز مەنبەسى ، بىرىكتۈرگۈچ ۋە ئاۋاز ئۈلگىسى ئاپپاراتى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

升级   100%

扫一扫,手机访问本帖
    ھەممەيلەن بىلىمىز ، ئاۋاز ئاۋاز دولقۇنى شەكلىدە تارقىلىدۇ . ئاۋاز دولقۇنى ئۈچ خىل شەكلىدە بولۇپ ئۇلار : ئۇچ بۈرجەك دولقۇن (triangle)، كاتەكچە دولقۇن (square)، ھەرە چىشى دولقۇن (sawtooth)دىن ئىبارەت.

1.jpg

  ئۈچ خىل گارمونىك  دولقۇن تەركىبى قىتىلغان دولقۇن شەكلى


    ئۈچ بۇلۇڭلۇق دولقۇن بىلەن  سىنۇسلۇق دولقۇن ( Sine wave — چاستوتا تەركىبىدىكى ئەڭ كىچىك سىگىنال بىرلىكى  ) بىر بىرىگە ئەڭ ئوخشىشىپ كىتىدۇ. ئەمما ئۇچبۇلۇڭلۇق دولقۇن ئۇنچە «ساپ» ئەمەس ، ئۇ يەنە گارمۇنىك دولقۇن تەركىبلىرىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان.   كاتەكچە دولقۇندا بولسا بۇنداق گارمۇنىك تەركىب تىخمۇ كۆپ بولىدۇ. ھەرە چىشى دولقۇنى بولسا بارلىق گارمۇنىك دولقۇننى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.  بىز دائىم ئاڭلاپ تۇردىغان مىس تۇربىلىق چالغۇلارنىڭ باس ئاۋاز رايۇنى دەل مۇشۇنداق تەركىبنى ئۆز ئىچىگە ئالغان.
يەنە بىر خىل تەركىب بولسا شاۋقۇن . بۇ تەركىبلەر  مۇرەككەپ بولغان دولقۇننىڭ «ئەسلى ماتىرىيالى» نى قوراشتۇرىدۇ.
    ئەلۋەتتە يەنە باشقا شەكلىدە ئاۋاز دولقۇنى ھاسىل قىلىش تامامەن مۈمكىن .ھازىرغىچە ئىسىمدە  ،ئەينى يىلى korg i30 دا پىئانىنو ئاۋازنىڭ دولقۇن شەكلىنى ئۆزگەرتسەم شۇنداق مۇڭلۇق ساتارنىڭ ئاۋازىغا ئايلانغان ئىدى .
    ئەمىلىيەتتە ئاۋازنى بىرىكتۈرۈش ئۇسۇلى كۆپ خىل. مەسلەن : لىنىيەلىك  ئارىفىمىتىكىلىق (L/A)، فىزىكىلىق ئۇسۇلدا تەقلىد قىلىش،  VAST、Z تەكشىلىكى  , RS-PCM قاتارلىقلار .
     بىزنىڭ ھازىر سۆزلىمەكچى بولغىنىمىز «بىرىكمە چالغۇ» بولۇپ ، بۇ ئىككىگە بۆلىنىدۇ .بىر خىلى تەقىلىدى بىرىكمە چالغۇ .ئۇ تەقلىدى توك يولى ئارقىلىق ئاۋازنى بىرىكتۈرۈپ يىڭى ئاۋاز ھاسىل قىلالايدۇ . مەشغۇلات ئۇسۇلى ئاددى بولۇپ  پەقەت سىملارنى ئۇلاش ئىغىزنى ئۆزگەرتىش ۋە قۇلاقچىلارنى بۇراش ئارقىلىق  يىڭى ئاۋازلارنى ئىجاد قىلىپ چىقىشقا بولىدۇ .

2.jpg


Buchla 200e  تەقىلىدى بىرىكمە چالغۇ


يەنە بىر خىلى رەقەملەشتۈرۈلگەن بىرىكمە چالغۇ بولۇپ ،بىز دائىم كۆرۈپ تۇردىغان بىرىكمە چالغۇلار دىن ئىبارەت .ئۇ cpu ۋە DSP ئۆزىگى ئارقىلىق ھىساپلاش ئىلىپ بىرىش ئۇسۇلى ئارقىلىق ئاۋاز ھاسىل قلىدۇ . بۇ خىل بىرىكمە چالغۇلارنىڭ ئىقتىدارى ناھايىتى كۈچلۈك بولۇپ ،ئادەتتە ئاۋاز تەرتىپلەشتۈرگۈچ بولىدۇ .ھەتتا نۇر دىسكا ئويۇش ئىقتىدارىمۇ بار .بىۋاستە ھالدا ئەسەرلىرىمىزنى ئىشلەپ پۈتتۈرۈپ چىقالايمىز . شۇڭا مۇشۇ تۇردىكى بىرىكمە چالغۇلار ھازىر «مۇزىكا خىزمەت پونكىتى »دەپ ئاتالماقتا .تۆۋەندىكىسى ھازىر كۆپ ئۇچۇرايدىغان«مۇزىكا خىزمەت پونكىتى »تىپىدىكى  بىرىكمە چالغۇلار .

3.jpg

YAMAHA موتىف رەقەملىك بىرىكمە چالغۇ


5.jpg

Roland Fantom-X8



KORG KRONOS 2.jpg

KORG KRONOS 2



     قاراشقا بىرىكمە چالغۇ بىلەن ئىلىكتىرونلۇق رويال ناھايىتى ئوخشۇشۇپ كىتىدۇ .ئۇنداقتا ئۇلارنىڭ زادى قانداق پەرقى بار ؟ ئەڭ تۆۋەن باھادىكى ئىكتىرونلۇق رويال بولغان تەقدىردىمۇ  ئۇنىڭ ئاۋاز چىقىرىشقا مەسئۇل زاپچىسى ئەمىلىيەتتە بىر «بىرىكمە چالغۇ »دىن ئىبارەت . ئەمما كومپىيوتېر مۇزىكىسى ساھەسىدە ئىشلىتىلىۋاتقان بىرىكمە چالغۇنىڭ ئاساسلىق ئىقتىدار كۆرسەتكۈچى بولسا ئاۋاز تۈسىگە تەھىرىرلەش ئىلىپ بىرىش ئىقتىدارىدىن ئىبارەت . ئادەتتىكى ئىلىكتىرونلۇق روياللار ئەمىلى ئورۇنلاش ، مەشىق قىلىش ، مائارىپ تەربىيلەش ساھەسىگە ماسلاشتۇرۇلۇپ لاھىيلەنگەن. ئالى دەرىجىلىك ئىلىكتىرونلۇق روياللاردا ناھايىتى ئىلغار بولغان ئاپتۇماتىك تەڭكەش ئىقتىداى بار بولۇپ ،كۆپ قىسىم بىرىكمە چالغۇلاردا بۇ خىل ئىقتىدار ھازىرلانمىغان. ئەمما كەسپى تۈردىكى بىر تۈرلۈك بىرىكمە چالغۇلار ئالاھىدىرەك قىلىپ لاھىيلەنگەن بولۇپ ،بۇ دەل مۇزىكا ئىشلەش رويالىدۇر .ئۇلارنىڭ ئاۋاز تۈسى تەھرىرلەش ئىقتىدارى ئانچە كۈچلۈك ئەمەس ،بىراق ئاپتۇماتىك تەڭكەش قىلىش ئىقتىدارى قوشۇلغان .ھەم نەق مەيداندا تەڭكەش قلىش ھەم مۇزىكا ئىشلەش ساھەسىگە ماسلاشتۇرۇلغان .تۆۋەندە بىز كۆپ ئۇچىرايدىغان مۇزىكا ئىشلەش رويالدىن بىر قانچنى كۆرۈپ باقايلى .


1000.png


Korg - Pa1000



900.png


YAMAHA- PSR SX900



بىز ھەممەيلەن بىلىمىز ، بىرىكمە چالغۇغا بارمانچۇق سەپلەنگەن .midiتىخنىكىسى پەيدا بولغاندىن كىيىن ئىلىكتىرونلۇق چالغۇلار midiچىتىش ئىغىزى ئارقىلىق  ئۆز-ئارا تۇتاشتۇرلۇپ ئىقتىدارى يەنىمۇ كۈچەيتىلدى . كۆپلىگەن بىرىكمە چالغۇلارنىڭ ئۆز _ئارا تۇتاشتۇرلىشى ناھايىتى خۇشاللىنارلىق ئىش بولسىمۇ ،بىراق ئىشخانىمزنىڭ ھەممە يىرى ساپلا بارمانچۇق بىلەن ئىگەللىنىپ ،قىستاڭچىلىق پەيدا قلىدى .تىخنىكلار بۇ قىيىنچىلىقنى كۆزدە تۇتۇپ بارمانچۇق ئىشلىتىلمىگەن «بىرىكمە چالغۇ»ئىشلەپ چىقتى .بۇ دەل بىز ھازىر قوللىنىۋاتقان «ئاۋاز مەنبەسى »دىن ئىبارەت . ئەمىلىيەتتە ئاۋاز مەنبەسى بىلەن بىرىكمە چالغۇنىڭ پەرقى پەقەت بارمانچۇقتىلا ئەمەس . بارمانچۇق چىقىرىپ تاشلانغاندىن كىيىن ئۇنىڭ تەننەرخى تۆۋەنلىدى ،ھەجىمىمۇ كىچىكلىدى . كۆرىنىشتە چالغۇغا ئوخشىمايلا قالدى .


9.jpg


YAMAHA موتىف ئاۋاز مەنبە ئاپپىراتى



10.jpg



Roland XV-5080 ئاۋاز مەنبە ئاپپىراتى





    ئاۋاز مەنبەسى ۋە بىرىكمە چالغۇلارنىڭ ئاۋاز تۈسى ئادەتتە ئاۋاز تۈسى جەدىۋەل ھۆججىتى ئىچىىگە خاتىرلىنىپ ئىشلەتكۈچىگە تەمىنلىنىدۇ .كومپىيوتېر يۇمشاق دىتالى ئىچىدە يۇقارقى ئاۋاز تۈسى جەدىۋەل ھۆججىتىنى يۈكلىگەندىن كىيىنلا ناھايىتى قولايلىق ھالدا يۇمشاق دىتال ئىچىدە ئاۋاز تۈسىنى ئىشلەتكىلى بولىدۇ .ئەلۋەتتە بۇتوغرىسىدا بىز كىيىنكى دەرىسلىرىمىزدە داۋاملىق توختىلىمىز .

11.jpg


XV-5080ئاۋاز مەنبە ئاپپىراتىنىڭ Nuendo دىكى ئاۋاز تۈسى تىزىملىكى



    ئاۋاز مەنبەسى ۋە بىرىكمە چالغۇلارنىڭ نىگىزلىك ئاۋاز تۈسى مۇقىم بولىدۇ .ئەلۋەتتە كىڭەيتكۈچ قىستۇرۇش ئوقورى ئارقىلىق ئاۋاز تۈسى كارتىسى سەپلەپ ئاۋاز تۈسىنى يىڭىلاشقا بولسىمۇ، بىراق تەننەرخى بەك يۇقۇرلاپ كىتىدۇ . ئەگەر ئاۋاز تۈسى كارتىسى بىر تال نۇر دىسكىغا ئايلاندۇرۇلۇپ ،خالىغانچە يىڭىلغىلى بولسىچۇ ؟ ئۇنداقتا ناھايىتى قولايلىق بولغان بولاتتى . ئاۋاز ئۈلگىسى ئاپپاراتى يۇقارقى داۋلىغا ئاساسەن ياساپ چىقىلغان . ئاۋاز ئۈلگىسى ئاپپاراتى بىزنى ھەقىقى ئاۋاز تۈسى دۇنياسىغا باشلاپ كىردى .سىز قانداق چالغۇنىڭ ئاۋاز تۈسىگە ئىھتىياجىلىق بولسىڭىز ئۆزىڭىز خالىغانچە ياسىيالايدىغان بولدىڭىز . مەسلەن ،سىز راۋاپ ئاۋازىغا ئىھتىياجىلىق ،ئۇنداقتا ئاۋازى ياخشى راۋاپتىن بىرنى تىپىڭ . ئاندىن ئۆلچەمىلىك تۈزەپ تەييارلاڭ .ياخشى ئۈن ئىلىش مۇھىيتىدا ھەر بىر پەدىسىنى ئايرىم -ئايرىم ئۈنگە ئىلىپ ئاۋاز ئۈلگىسى ئامبىرى قۇرۇڭ . قىززىقىپ قالسىڭىز ھەر خىل تەڭكەش ،چىلىش ئۇسۇللىرىنىمۇ بىر _بىرلەپ ئۈنگە ئىلىپ تەييارلاڭ . ئاخىردا ئاۋاز ئۈلگىسى ئاپپاراتى ئارقىلق بۇ ئاۋازلارنى رويالىڭىزنىڭ ھەر بىر بارمانچۇقىغا ئۇلاڭ .كۈچ مىقتارىنى بەلگىلەڭ . كۈچ مىقتارى 100بولغاندا زەخمەكنى تاق ئۇرغان نورمال چىلىنغان ئاۋاز چىقسۇن ،كۈچ مىقتارى 110بولغاندا مەرغۇللاتقان ئاۋاز چىقسۇن ،ئاۋاز مىقتارى 70بولغاندا زەخمەكنى ئىلىپ چالغان ئاۋاز چىقسۇن .............ئەمدى يەنە «راست راۋاپنىڭ ئاۋازىكەن ، يالغان راۋاپنىڭ ئاۋازىكەن »دەمسىز ؟

13.jpg


AKAI S6000 ئاۋاز نۇسقىلاش ئاپپىراتى


    يۇقاردىكىسى  بىر ئاۋاز ئۈلگىسى ئاپپاراتى بولۇپ  ،ئۇنىڭغا بىر دانە نۇر دىسكا ئوقۇغۇچ سەپلەنگەن . سىز پەقەت ئاۋاز ئۈلگىسى پىلاستىنكىسى قىستۇرسىڭىزلا يىڭىلانغان ئاۋاز تۈسىنى ئاڭلىيالايسىز .

    ئەمىلىيەتتە رەقەملەشتۈرۈلگەن بىرىكمە چالغۇ ، ئاۋاز مەنبەسى قاتارلىقلارنىڭ ئىچىدىكى ئەنئەنىۋى ئاۋازلانىڭ ھەممىسى بىرىكتۈرۈش ئۇسۇلى بىلەنلا ياسالغانمۇ ئەمەس .كۆپ قىسىم ئالى دەرىجىلىك ئىلىكتىرونلۇق چالغۇلارنىڭ ئاۋازنى يەنىلا ھەقىقى چالغۇلارنىڭ ئاۋازنى نۇسقىلاشتۇرۇش ئارقىلىق ياسالغان .ئەلۋەتتە بۇ ئۈلگە ئاۋازلار ئادەتتە پىرسلاشتىن ئۆتۈپ ھەجىمى كىچىكلىتىپ بىر تەرەپ قىلىشتىن ئۆتكەن .
    يۇقاردا سۆزلىگەنلىرىمىزنىڭ ھەممىسى قاتتىق دىتال شەكلىدىكى ئاۋاز مەنبەسى ۋە بىرىكمە چالغۇ ئۇقۇمى . ھازىر كومپىيوتېر مۇزىكا ساھەسىدە يەنە بىر خىل ئاۋاز مەنبەسى  بار بولۇپ  ئۇنىڭ شەكلى يوق ، سىز پەقەت كومپىيوتېر ئىكرانىدا ئۇنى كۆرلەيسىز ،ئۇ بولسىمۇ يۇمشاق دىتال شەكلدىكى ئاۋاز مەنبەسىدۇر . ئەمدىلەتىن كومپىيوتېر مۇزىكىسىغا كىرىشكەندە سىزگە ئۇچىرايدىغىنى يۇمشاق دىتال شەكلىدىكى ۋولنومېتر بولۇپ ،ئۇ پەقەت بىر خىل بىرىكتۈرۈش شەكلدۇر .ۋولنومېتر  ئاۋاز مەنبەلىرىنڭمۇ ئىقتىدارلىرى يۇقىرلىرى بار .مەسلەن : ئەمىلىيەتتە سىز كومپىيوتېرغا Windows  نى قاچىلسىڭىزلا سىزنىڭ كومپىيوتېردا بىر  يۇمشاق دىتال شەكلىدىكى ۋولنومېتر ئاۋاز مەنبەسى تەييار بولغان بولىدۇ . ئۇ بولسىمۇ مىكروسوفىت تەمىنلىگەن يۇمشاق دىتال شەكلىدىكى ۋولنومېتر ئاۋاز مەنبەسىدۇر .

14.jpg


مىكروسوفىتنىڭ يۇمشاق دىتال شەكلىدىكى ۋولنومېتر ئاۋاز مەنبەسى


بىراق بۇ خىلدىكى ئاۋاز مەنبەلىرى دەسلىپىدە كومپىيوتېردا midi مۇزىكا قويۇشقىلا كارغا كەلدى .چۈنكى midi رويالدىن بىرىلگەن سگىنال كومپىيوتېردىن ئاۋاز شەكلىگەئايلىنىپ بىزنىڭ قۇلىقىمىزغا ئاڭلىنىپ بولغىچە بىر قانچە سىكىنۇتلۇق كىچىكىش پەيدا بولۇپ ،يۇمشاق دىتال شەكلىدىكى ئاۋاز مەنبەلىرىنىڭ باشلانغۇچ تەرەققىياتىغا ئىغىر توسالغۇ ئىلىپ كەلدى . مۇزىكا يۇمشاق دىتالى تۈزۈشتىكى باشلامچى شىركەت Steinberg شىركىتى يۇقارقى توسالغۇنى ASIO ئۆلچىمىنى تۈزۈپ چىقتى . بۇ ئىنگىلىزچىدىكى Audio Stream Input Output نىڭ قىسقارتىلمىسى بولۇپ ، ئۇيغۇرچە مەنسى «ئاۋاز چاستوتىسى ئىقىمىنى كىرگۈزۈش_چىقىرىش »دۇر .  بۇنىڭ بىلەن ھىلىقى نەس باسقان كىچىكىش ۋاختى زور دەرىجىدە قىسقارتىلدى .بۇنىڭ بىلەن يۇمشاق دىتال شەكلىدىكى ئاۋاز مەنبەلىرىنىڭ دەۋرى رەسمى باشلاندى .

15.gif


ASIO ئۆلچىمىنىڭ بەلگىسى



ASIO  مەشغۇلات سىستېمىسىنىڭ قاتتىق دېتالغا بولغان مەركەزلىك كونتروللۇقىدىن پۈتۈنلەي قۇتۇلدى ، ئۇ ئاۋاز بىر تەرەپ قىلىش يۇمشاق دېتالى بىلەن قاتتىق دېتال ئارىسىدا كۆپ يوللۇق يوللاشنى ئىشقا ئاشۇرۇش بىلەن بىر ۋاقىتتا، سىستېمىنىڭ ئاۋاز چاستوتىسى ئېقىمىغا بولغان ئىنكاس ۋاقتىنى ئەڭ قىسقا ھالەتكە چۈشۈردى. ASIO نى قوللايدىغان ئاۋاز كارتىسىنىڭ ئاۋاز چاستوتىسىغا ئىنكاس قايتۇرۇش ۋاقتى ئون نەچچە مىللىسېكۇنت ھەتتا كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغان بىر نەچچە مىللىسېكۇنت ئىچىدە تۆۋەنلىدى. بۇ ئىشلەتكۈچىلەرنىڭ «رېئال ۋاقىتلىق» تەلىپىنى تولۇق قاندۇردى.

      ASIO بولغاچقا، ھەر خىل يۇمشاق ئاۋاز مەنبەلىرى يامغۇردىن كېيىنكى بامبۇك نوتىلىرىدەك ئۈزۈلمەي پەيدا بولدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە ھازىرقى يۇمشاق ئاۋاز مەنبەسى قىستۇرما دېتال شەكلىدە خىزمەت قىلىدىغان بولۇپ . «قىستۇرما دېتال» دېگىنىمىز، رەھبەر يۇمشاق دېتالىغا تايىنىپ ھەرىكەت قىلىدىغان پىروگراممىنى كۆرسىتىدۇ. قىستۇرما دېتال خۇددى رەھبەر دىتالنىڭ بىر قىسمىغا ئوخشايدۇ، ئىشلىتىش ئىنتايىن قولايلىق. HALion Sonic 3 ئاۋاز مەنبە قىستۇرمىسى 25 گىگابايىتتىن ئارتۇق نۇسخىلانغان ئاۋاز تۈسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان VST خىزمەت پونكىتى بولۇپ، پۈتۈنلەي يىڭى ئۆلچەم بويىنچە تۈزۈپ چىقىلغان مۇكەممەل ئۇنۋىرسال  ئاۋاز مەنبە قىستۇرمىسىدىن ئىبارەت.

25.png


Steinberg - HALion Sonic ئاۋاز مەنبە قىستۇرمىسى




    ئۆزىمىزگە كىرەكلىك ئاۋاز مەنبەلىرىنى تاللاشتا يەنىلا ئەمىلىي شارائىتىمىزنى ، ئىقتىسادىمىزنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇپ تۇرۇپ ئاندىن قارار قىلساق بولىدۇ.
ئادەتتە كىنو -تىلىۋىزىيە ، ئويۇن پىروگىراممىلىرى ، چوڭ تىپتىكى سەنئەت كىچىلىكلىرىنىڭ مۇزىكىلىرىنى ئىشلەشتە ئاساسلىقى ئوركىستېر ئاۋاز مەنبەسى قاچىلاپ ئىشلەتسىڭىز ئىھتىياجىڭىزدىن تامامەن چىقالايدۇ. ئەمدى ئاۋاز سۈپىتى جەھەتتە كۆپ قاتلاملىق نۇسخىلاپ تەييارلانغان ئاۋاز مەنبەلىرىنى تاللاپ ئىشلەتسىڭىز ئاۋاز سۈپىتى جەھەتتە كاپالەتكە ئىگە بولىدۇ، بىراق بۇنداق يۇقىرى سىغىمدىكى ئاۋاز مەنبەلىرىنى ئىشلىتىشتە كومپىيوتېرنىڭ سەپلىمىسى راۋرۇس بولۇشى لازىم.
مودا ئىقىمدىكى مۇزىكىلارنى ئىشلەيدىغان دوستلار ئادەتتە ئىنقلىق دەرىجىسى يۇقىرى بولغان دۇمباق ئاۋاز مەنبەسى ، گىتار ئاۋاز مەنبەسى ، بارمانچۇقلۇق چالغۇلار توپلىمى ،  باس قاتارلىق ئاساسلىق ئاۋاز مەنبەلىرىنى ئىشلەتسە بولىدۇ.
مىللى مودا ئىقىمدىكى مۇزىكىلارنى ئىشلەيدىغان دوستلار بولسا KORG KRONOS 2 قا ئوخشاش ئورگان تورىدىن ئاۋاز تۈسلىرىنى بىۋاستە چۈشۈرۈپ ئۈزلۈكسىز كىڭەيتكىلى بولىدىغان قاتتىق دىتال شەكلىدىكى بىرىكمە چالغۇلار بىلەن يەنە بىر قىسىم كونتاكىت ئاۋاز ئامبىرىدا تەمىنلەنگەن ئۆزگىچە زامانىۋى ئاۋاز تۈسلىرىدىن پايدىلانسا بولىدۇ. ئەگەر ۋاقتى يار بەرسە كونتاكىت ئاۋاز نۇسخىلاش دىتالىدىن پايدىلىنىپ ئۆزىگە خاس بولغان بىر قىسىم ئاۋاز تۈسلىرىنى نۇسخىلاپ ياساپ باقسا تامامەن بولىدۇ.

111j.jpg


Native Instruments Kontakt 6 v6.2.0 ئاۋاز تۈسى نۇسخىلاش دىتالى



     كومپيوتېر مۇزىكا ساھەسىدە كەڭ كۆلەمدە ئىشلىتىلىۋاتقان يۇمشاق دىتال شەكلىدىكى ئاۋاز مەنبەلىرىنى توغرىسىدا ئۇچۇرغا ئىرىشمەكچى بولسىىڭىز تور بىكىتىمىزنىڭ يۇمشاق دىتال سەھىپىسدىن يۇمشاق دىتال ئۇچۇرلىرىنى كۆرۈپ بىقىڭ.

ماقالە تەييارلىغۇچى :  پەرھات ئابدۇرىھىم

ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ !

ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

QQ|ئالاقىلىشش ئۇسۇلى|ياردەم|يانفۇن|قاماقخانا|شىنجاڭ midi تورى|新疆midi网   

GMT+8, 2020-4-2 01:04 , Processed in 0.034389 second(s), 10 queries , Wincache On.

Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش