xjmidi

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش
ئىزدەش
كۆرۈش: 4210|ئىنكاس: 0

تىڭشىغۇچ ۋە ياڭراتقۇ توغرىسىدا (1)

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

升级   100%

扫一扫,手机访问本帖
    بىز ئىلگىرىكى   يۇمشاق دىتاللار توغرىسىدا تولا سۆزلەپ كەتتۇق .مەيىلى قانداق ئۇسۇلدا مۇزىكا ياكى ئاۋاز ئەسىرى ئىشلەپ چىقايلى ، بىز ئەڭ ئاخىرىدا  يەنىلا ياڭراتقۇ ياكى تىڭشىغۇچ ئارقىلىق ئۆزىمىز ياراتقان مۇزىكىلارنى ئاڭلىيالايمىز .مۇزىكا ئىشلەش جەرياندا بىز ھەر دائىم ياڭراتقۇ بىلەن ھەپىلىشىمىز .ئۇنى مۇزىكا ئىشلەش ئۈسكىنىلىرى ئىچىدىكى ئەڭ مۇھىم ئۈسكىنىلەرنىڭ بىرى دىيشكە بولىدۇ . شۇڭا بۇ سائەتلىك دەرسىمىزدە تىڭشىغۇچ بىلەن ياڭراتقۇ توغرىسىدا ئاز-تولا سۆزلەپ بىقىشنى توغرا تاپتۇق .
    ياڭراتقۇ كاناي بىلەن ياڭراتقۇ ساندۇقىدىن تەركىب تاپقان .كاناي ئادەتتە لابا دەپ ئىشلىتىلىۋاتىدۇ ، ئۇ  ئىلىكتېر ئىنىرگىيسىنى ئاۋاز ئىنىرگىيسىگە ئايلاندۇرۇپ بىرىدۇ، ئۇ ئاۋازئىنىرگىيسىنى مەلۇم بوشلۇقتا تارقىتىدىغان ئىنىرگىيە ئالماشتۇرغۇچ . مىكرافۇن بىلەن ياڭراتقۇنى ئۈن ئىلىش سىستىمىسىدىكى ئىككى ئۇچ دىيشىكە بولىدۇ.  لابا ئۆز ئىچىدىن نۇرغۇن تۈرلەرگە بۆلىنىدۇ . مەسلەن :ئىلىكتىرلىك لابا ،ئىىكتىروماگىنىتىلىق لابا،پىزوئىلىكتىرىك لابا ،كوندىنىساتورلۇق لابا، قىسىلغان ھاۋالىق لابا ، ئىئونلۇق لابا ، ماگىنىت مەيدان لىنتىلىق لابا .............قاتارلىق . ئۇلارنىڭ ئىشلىتىلىش ئورنى ئوخشاش بولمايدۇ . بىزنىڭ ئىشلىتىدىغىنىمىز ئاساسى جەھەتتىن ئىلىكتىرلىك لابادىن ئىبارەت .

1.jpg

ئىلىكتىرلىك لابانىڭ قۇرۇلمىسى


ھازىر ياڭراتقۇ ساندۇقىنىڭ تۈرلىرى ناھايىتى كۆپ . قۇرۇلمىسى جەھەتتىن تۈرگە ئايرىغاندا ،ئىتىك شەكىللىك ،تەتۈر فازا شەكىللىك ،قۇرۇق قەغەز كۇنۇس ساندۇق ،سىرلىق ئوردا ساندۇق ،ئىككىنجى دەرىجىلىك فازا ساندۇق ،ئالدى كاناي ساندۇق ، كەينى كاناي ساندۇق ،ساندۇق شەكىللىك تۆۋەن ئاۋاز  كۆپتۈرمە ، تۇربا شەكلىلىك تۆۋەن ئاۋاز كۆپتۈرمە ،يۈكلەش شەكىللىك ،يوللاش لىنىيسى شەكىللىك ،تۇربا شەكىللىك قاتارلىق تەخمىنەن 10خىل ئوخشىمىغان تۈرلىرى بار .ئۇلارنىڭ ئاۋاز ئىلمى نەزىريىسى ئوخشاش ئەمەس .بىزنىڭ ئەڭ كۆپ ئىشلىتىدىغىنمىز ،ئىتىك شەكىللىك ،تەتۈر فازا  شەكىللىك ياڭراتقۇ ساندۇقىدىن ئىبارەت .


2.jpg

ئىتىك شەكىللىك ،تەتۈر فازا  شەكىللىك ياڭراتقۇ ساندۇقىنىڭ قۇرۇلمىسى


ئىتىك شەكىللىك ياڭراتقۇ ساندۇقىدا بولسا لابا پۈتۈنلەي ئىتىك ياڭراتقۇ ساندۇقىغا جايلاشتۇرلىدۇ . ،تەتۈر فازا  شەكىللىك ياڭراتقۇ ساندۇقىدا بولسا ئۆلچەم بويىچە تۆشۈك ئىچىلغان بولۇپ ،بىر دانە تەتۈر فازا تۇربىسى ئورۇنلاشتۇرۇلغان .كاناي خىزمەت قىلغان چاغدا ئارقىدىن ئىتىلىپ چىققان ئاۋاز دولقۇنى ئارقىلىق تەتۈر فازا تۇربىسى ئارقىدىن ئالدىغا قاراپ تارالدۇرىدۇ .لابانىڭ ئالدىدىن چىققان ئاۋاز بىلەن ئىككى ئاۋاز دولقۇنى دەستىلىنىپ بىراقلا ئىتىلىپ چىقىپ تۆۋەن ئاۋاز چاستوتا بۆلىكىنى كۈچەيتىدۇ .تەتۈر فازا شەكىللىك ياڭراتقۇ ساندۇقى نۆۋەتتە ئەڭ ئوموملاشقان ياڭراتقۇ ساندۇقىدۇر . نىمىشقا ياڭراتقۇ ساندۇقى ئىشلىتىلىدۇ ؟  لابانىڭ تەۋرەنمە پەردىسىنىڭ ئالدى كەينىنىڭ ئاۋازى بىر_بىرسىگە ئەكسىچە بولىدۇ .يەنى ياڭراتقۇ ساندۇقىنىڭ ئالدىدىن چىققان ئاۋاز ھەقىقى دولقۇن ،كەينى تەرىپىدىن چىققان ئاۋاز مەنپى دولقۇندۇر . چاستوتا 1~200Hz  دىن تۆۋەن ئاۋازنىڭ يۆلىنىشچانلىقى بولمايدۇ .بۇنداقتا ئۇلار ئۆز _ئارا خالاس بولىدۇ .  ئۇنىڭدىن باشقا ئادەم قۇلىقى 20Hzدىن 20000Hzگىچە ئارلىقتىكى ئاۋاز چاستوتىسىنى ئاڭلىيالايدۇ . تۆۋەندە بىز  20Hzدىن 20000Hzگىچە چاستوتا دائىرىسىدىكى ئاۋازلارنى تەرتىپى بويىچە  ئاڭلاپ باقايلى .
ئەمدى بىز  20Hzدىن 20000Hzگىچە چاستوتا دائىرىسىدىكى ئاۋازلارنى تەڭ بىرلا ۋاقىتتا قويۇپ ئاڭلاپ باقايلى .
ئۇنىڭ ئۈستىگە تاق لابانىڭ بارلىق ئاۋاز چاستوتا رايونىدىكى ئاۋاز دولقۇنىنى چىقىرىپ بىرەلىشى ناتايىن . شۇڭا  ئىككىدىن ئارتۇق ئوخشاش بولمىغان چاستوتا رايۇنىدىكى ئاۋاز دولقۇنىنى چىقىرىشقا لاھىيلەنگەن لابا ئورنىتىشقا توغرا كىلىدۇ .ئەلۋەتتە بۇ لابالار ياڭراتقۇ ساندۇقى ئىچىگە ئورۇنلاشتۇرلىدۇ . تۆۋەندىكىسى دائىم ئىشلىتىلىدىغان ئىككى خىل لابا .بىرسى تۆۋەن ئاۋازلىق لابا ،يەنە بىرى يۇقىرى ئاۋازلىق لابا . تۆۋەن ئاۋازلىق لابانىڭ دىيامىتىرى قانچە چوڭ بولسا ،تۆۋەن ئاۋازى شۇنچە ياخشى چىقىدۇ .

3.jpg

تۆۋەن ئاۋازلىق لابا  ۋە يۇقىرى ئاۋازلىق لابا


    تۆۋەندە بىز ياڭراتقۇنىڭ بىر قانچە خىل ئىقتىدار كۆرسەتكۈچلىرىنى سۆزلەپ ئۆتىمىز .


1.چاستوتا دائىرىسى
   
    ئادەم ئاڭلىيالايدىغان ئاۋاز چاستوتىسىنىڭ دائىرىسى  20Hzدىن 20000Hzگىچە ئارلىقتا بولىدۇ . ھالبۇكى ،ھەر قانچە ئىسىل ياڭراتقۇنىڭمۇ  بۇ چاستوتا دائىرىسىنىڭ ھەممىسىنى تولۇق ئىپادەىلەپ چىقىرالىشى مۈمكىن ئەمەس . ئۇ بىزنىڭ پەقەت ئارزۇ قىلىدىغان چاستوتا دائىرىمىزدىنلا ئىبارەت . ئەلۋەتتە بۇ دائىرە قانچە كەڭ بولسا شۇنچە ياخشى .  

2.چاستوتا ماسلىقى
     
     مۇقىم توك بىسىمى چىقارغان ئاۋاز چاستوتا سىگىنالى  ياڭراتقۇ ساندۇقى بىلەن ئۇلىنىپ ،بۇ چاستوتا سىگىنالىنى ئۆزگەرتكەن ۋاقىتتا ،ياڭراتقۇ پەيدا قىلغان ئاۋاز بىسىمى چاستوتىنىڭ ئۆزگىرىشىگە ئەگىشىپ كۈچىدۇ ياكى پەسىيدۇ ،شۇنداقلا فازا ئورنىنىڭ كىچىكىشى چاستوتىغا ئەگىشىپ ئۆزگۈرىدۇ .بۇ خىل ئاۋاز بىسىمى ۋە فازا ئورنى بىلەن چاستوتىنىڭ مۇناسىپ ئۆزگۈرۈش مۇناسىۋىتىنى بىز «چاستوتا ماسلىقى» دەپ ئاتايمىز .چاستوتا ماسلىقىنىڭ بىرلىكى «دىستېبىل » . دىستىبېل قىممىتى قانچە كىچىك بولسا ،ئاۋاز ساندۇقىنىڭ چاستوتا ماسلىقى ئەگىرى سىزىقى شۇنچە تەكشى بولىدۇ ،نائىنىقلىقى شۇنچە تۆۋەن بولىدۇ .

3.چاستوتا يۆنىلىشى

    ئاۋاز دولقۇنى چىققاندىن كىيىنكى تارقىلىش يۆنىلىشىدۇر . قانچە ياخشى ياڭراتقۇ بولسا ياڭراتقۇنىڭ مەيلى قايسى گىرادۇسلۇق ئورنىدىن ئاڭلىمايلى ئاۋاز ئۆزگىرشى ئانچە چوڭ بولمايدۇ ،ئەكسىچە قانچە ناچار ياڭراتقۇ بولسا ئاۋازئۆزگىرىش پەرىقى شۇنچە چوڭ بولىدۇ .

4.ئەڭ چوڭ چىقىرىش ئاۋاز بىسىمى دەرىجىسى

    ياڭراتقۇغا ئەڭ چوڭ قۇۋۋەت كىرگۈزگەن چاغدا ،ئۇ چىقىرىپ بىرەلەيدىغان ئەڭ چوڭ ئاۋاز دەرىجىسىدۇر .

5.ئەينەنسىزلىك

    ئۇ گارمۇنىيلىك دولقۇن ئەينەنسىزلىكى ،ئۆز ئارا مودۇلياتسىيدىن بۇزۇلۇش ۋە پەيىتلىك ئەينەنسىزلىك دەپ ئۈچ خىلغا بۆلىنىدۇ . بىزگە مەلۇملۇق ، ياڭراتقۇدىن چىققان ئاۋاز بىلەن ھەقىقى ئاۋاز  يەنىلا پەرىقلىنىدۇ ، بۇنىڭ سەۋەبى بەك كۆپ . ياڭراتقۇنىڭ تۈزۈلۈشى ، ماگىنىت مەيدانىنىڭ تەكشىسىزلىكى ،قەغەز كۇنۇسنىڭ تەۋرىنىشى ئىلىكتىر سىگىنالىنىڭ ئۆزگىرشىگە دەرھال يىتىشەلمەسلىكى ھەم سىزىقسىز دىفورماتسىيە ئامىلى قاتارلىقلار ھەممىسى ئەسلى ئاۋاز سىگىنالىدا يوق بولغان يىڭى بىر چاستوتا تەركىبىنى پەيدا قىلىدۇ . ئەمما قورقۇپ كىتىشىنىڭ زۆرۈرىيتى يوق .ھەر قانچە ئىلغار ياڭراتقۇ بولسىمۇ ئەينەنسىزلىكتىن خالى بولالمايدۇ .ئەلۋەتتە ،ئەينەنسىزلىكى قانچە كىچىك بولسا شۇنچە ياخشى .


6.سەزگۈرلۈك دەرىجىسى

     لاباغا كىرگۈزۈلگەن ئىلىكتىر قۇۋۋىتى 1Wبولغان ۋاقىتتا ، ياڭراتقۇنىڭ ئالدى تەرەپ ھەر قايسى ياڭراتقۇچ بۆلەكلىرىنىڭ گېئومېتىرىيەلىك مەركەزدىن بىر مىتىر يىراقلىقتا تۇرغاندا ، ئۆلچەشتىن كىلىپ چىققان ئاۋاز بىسىمى دەرىجىسى، ئۇنىڭ بىرلىكى «دىستىبېل » . سەزگۈرلۈك دەرىجىسىنىڭ ئاۋاز سۈپىتى ۋە ئاۋاز تۈسى بىلەن مۇناسىۋىتى يوق . ئەلۋەتتە سەزگۈرلىكى قانچە يۇقىرى بولسا شۇنچە ياخشى .

7.قارشىلىق
    لابانىڭ كىرگۈزۈلگەن سىگىنال توك بىسىمى بىلەن سىگىنال توك ئىقىمىنىڭ سىلىشتۇرما قىممىتى ، بىرلىكى «ئوم » .

8.قۇۋۋەت

     قۇۋۋەت ياڭراتقۇنىڭ ئومومى قۇۋۋىتىنى كۆرسىتىدۇ . بىراق ، قۇۋۋەت كۆرسەتكۈچىگە دائىم ئىككى خىل بەلگە سىلىنىدۇ . بىرسى ئۇزاق مۇددەتلىك قۇۋۋەت ، يەنە بىرى بەلگىلەنگەن قۇۋۋەت .  

9.ئۈنۈمدارلىق

    ئۈنۈمدارلىقى تۆۋەن بولسا ،ئاۋاز مىقتارىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش ئۈچۈن سىز چوقۇم قۇۋۋەت كۈچەيتكۈچنىڭ كىرگۈزۈش قۇۋۋىتىنى يۇقىرى كۆتۈرشىڭىز كىرەك .
    سۆزلەپ بۇ يەرگە كەلگەندە بىز قۇۋۋەت كۈچەيتكۈچىنى سۆزلىمەي تۇرالمايمىز . ئۇنداقتا قۇۋۋەت كۈچەيتكۈچ دىگەن نىمە ؟ قۇۋۋەت كۈچەيتكۈچ يەككە بىر ئۈسكىنە ھالىتىدىمۇ ھەم كىچىك توپلاشتۇرۇلغان توك يولى ھالىتىدىمۇ كۆرۈلىدىغان ئاۋاز قۇۋۋىتىنى كۈچەيتىش ئاپپاراتى بولۇپ ،نۆۋەتتە كۆپلىگەن ياڭراتقۇلاردا ئىچىكى قىسىمغا توپلاشتۇرۇلغان ھالەتتە ئورنىتىلىپ ئىشلەپچىقىرلىۋاتىدۇ .بىز بۇ خىلدىكى ياڭراتقۇلارنى «مەنبەلىك ياڭراتقۇ »ەپ ئاتايمىز .  ئەكسىچە ئايرىم قۇۋۋەت كۈچەيتكۈچكە ئىھتىياجىلىق بولغان ياڭراتقۇلارنى «مەنبەسىز ياڭراتقۇ »دەپ ئاتايمىز . قۇۋۋەتنىڭ ئىقتىدارى بىۋاستە ياڭراتقۇنىڭ ئاۋاز سۈپىتى بىلەن مۇناسىۋەتلىك  بولىدۇ . كومپىيوتېر مۇزىكىسدا مەخسۇس لاھىيلەنگەن  مەنبەلىك ياڭراتقۇ  ئىشلىتىلىدىغان بولۇپ ،بىز بۇ خىلدىكى مەنبەلىك ياڭراتقۇلارنى «كەسپى ياڭراتقۇ » دەپ ئاتايمىز .

4.jpg

TDA1521كۈچەيتكۈچ توپلاشتۇرۇلغان توك يولى IC


    بەلكىم يېڭى ئۆگەنگۈچى دوستلار ئاۋاز مەنبەسى ئىچىدىكى ئاۋاز تۈسىنىڭ ئاۋاز سۈپىتى  ئەڭ مۇھىم، ياڭراتقۇ ئانچە مۇھىم ئەمەس دەپ قارىغان بولۇشى مۇمكىن. ئەمىليەتتە ياڭراتقۇ بەك مۇھىم. شۇنداق دېيىشكە بولىدۇكى، سىزنىڭ ئاۋاز مەنبەيىڭىز، ئاۋاز كارتىڭىز ھەرقانچە ياخشى بولسىمۇ، ئەگەر سىزدە بىر جۈپ ياخشى ئاۋاز ياڭراتقۇ بولمىسا، ئۇنداقتا يەنىلا بىكار. كومپيۇتېر مۇزىكىلىرىنى ئىشلەش ئۈچۈن زۆرۈر بولغان ئاۋاز ياڭراتقۇنىڭ تەلىپى بىلەن ئائىلە ھۇزۇرلىنىشتا ئىشلىتىلىدىغان ئاۋاز ياڭراتقۇنىڭ تەلىپى ئوخشىمايدۇ. بىزگە مەلۇمكى، ئاۋاز ياڭراتقۇ قانچە قىممەت بولسا، «ئاۋاز سۈپىتى» شۇنچە ياخشى بولىدۇ،  ئادەتتىكى ئاڭلىغۇچىلار دەۋاتقان ئاۋاز سۈپىتى  بىز تەلەپ قىلغان ئاۋاز سۈپىتىگە ئوخشىمايدۇ.
    ئاددىي قىلىپ ئېيتقاندا، ياڭراتقۇ كارخانلىرى ئادەتتىكى ئىشلەتكۈچىلەرنىڭ مۇزىكىدىن  ھۇزۇرلىنىش  ئىھتىياجىنى قاندۇرۇش ئۈچۈن  ، ياڭراتقۇنىڭ ئاكۇستىكىلىق لايىھەسىگە ئاۋازنى بەلگىلىك گۈزەللەشتۈردىغان تىخنىكىلارنى قوشىدۇ، بىز ئۇنى «ئاۋاز بويىقى» دەپ ئاتايمىز. بۇ مۇزىكىدىن ھوزۇرلىنىدىغان مەستانىلەر ئۈچۈن ئەلۋەتتە بىر ياخشى ئىش، چۈنكى ئۇ ئاۋازنى تېخىمۇ توق ۋە خاسلىققا ئىگە قىلىدۇ، باس ئاۋازنى تېخىمۇ تىپىدىغان ھالەتتە ئاڭلىتىپ بىرىدۇ، ئوتتۇرا چاستوتىنىڭ ئېلاستىكىلىقى تېخىمۇ ياخشى بولىدۇ... بۇمۇ دەل ئادەتتىكى ئاڭلىغۇچىلار قوغلىشىدىغان ئىش.
    ھالبۇكى، بىز مۇزىكا ئىشلىگۈچىلەرگە نىسبەتەن ئېيتقاندا، بۇ خىل «ئاۋاز بويىقى»نى بىر خىل ئاپەت دېيىشكە بولىدۇ.
كومپيۇتېر مۇزىكىسى ئىشلەشكە باشلىغىنىغا ئۇزۇن بولمىغان نۇرغۇن دوستلار مۇنداق «غەلىتە ئىش»قا يولۇققان بولۇشى مۇمكىن : مۇزىكىنى تولۇق ئىشلەپ تەڭشەپ بولۇپ، ئۆزىنىڭ خىزمەت ئۆيىدىكى ياڭراتقۇدا ئاڭلىسا، ئۈنۈمى ناھايىتى ياخشى چىققاندەك ھىس قىلىدۇ.  ئەمما يانفۇن ، ماشىنا ، كۆپ ۋاستە ئاۋاز ياڭراتقۇسى ، سەھنە ئاۋاز ياڭراتقۇسى قاتارلىق ئوخشىمىغان مۇھىتلاردىكى ئاۋاز چىقىرىش ۋاستىلىرىدا قويغاندا ئۆزىنىڭ خىزمەت ئۆيىدىكى ياڭراتقۇدا ئاڭلىغاندەك يىقىملىق ئاڭلانمايدۇ . يا باس ئاۋاز بەك ئېغىر غوڭۇلدايدۇ، ياكى  يۇقىرى چاستوتا ئاۋاز بۆلىكى  يېقىمسىز ئاڭلىنىدۇ . ياكى بولمىسا  باس ئاۋاز بەك تەپمەيدۇ ياكى يۇقىرى چاستوتىلىق ئاۋاز بەك ئاجىز دىگەندەك....
    بۇ قانداق ئىش؟  سەۋەبى شۇكى ، سىزنىڭ ئاۋاز ساندۇقىڭىز سىزنىڭ قۇلىقىڭىزنى ئالدىدى. مەسلەن ، سىز مۇزىكىدىكى باس ئاۋاز قىسىمنى تەڭشەپ باس قىسىمنىڭ تەڭشىلىشى خىلى يىتەرلىك بولدى ،خىلى ئوبدان تىپىۋاتىدۇ دەپ قارىغان چىغىڭىزدىلا سىزنىڭ قۇلىقىڭىز ئاللىبۇرۇن ئاۋاز ساندۇقىڭىز تەرىپىدىن ئالدىنىپ بولغان . ئەمەلىيەتتە ، سىزنىڭ ئاۋاز ياڭراتقۇيىڭىزنىڭ زاۋۇتتىن چىققان ۋاقىتتىكى تەڭشەلگەن باس ئاۋازنىڭ ئۆزى چوڭ ، شۇڭا سىزگە باس يىتەرلىك تەڭشەلگەندەك تۇيغۇ بىرىدۇ ،ئەمىلىيەتتە بولسا  سىز مۇزىكىنى  تەڭشەپ رازى بولغان شۇ ۋاقىتتا تىخى باس يىتەرلىك كۈچەيتىلمىگەن. ئەكسىچە  ئاۋاز ساندۇقىڭىزنىڭ زاۋۇتتىن چىققاندىكى تەڭشەلگەن باس ئاۋاز ئۈنۈمى ناچار بولسا، سىز مۇزىكا تەڭشەۋىتىپ باس ئاۋازنى يىتەرلىك بولمىغاندەك ھىس قىلىپ باس ئۈنۈمنى كۈچەيتىدىغان قۇلاقنى تازا چەكتىن ئاشۇرۇپ تولغايسىز ، ئاندىن باس ئاۋاز بىر ئاز تەپكەندەك ھىس قىلىسىز .  ، ئەمەلىيەتتە بولسا ، باس ئاۋاز ئاللىبۇرۇن  چەكتىن ئېشىپ كەتكەن بولىدۇ.  سەھنىدىكى ئاۋاز ياڭراتقۇدا مۇزىكىنى قويغاندا باس ئاۋاز سەھنىدىكى ياڭراتقۇغا پاتماي سەت غوڭۇلداپ ھەممەيلەننى بىزار قىلىدۇ.
    شۇڭا، بىز كومپيۇتېردا مۇزىكا ئىشلىگەندە، چوقۇم ئۆزىمىزگە خاس بىر خىل ئاۋاز ياڭراتقۇيىمىز بولۇشى كېرەك، مانا بۇ دەل كەسپىي ياڭراتقۇدۇر.
    كەسپىي ياڭراتقۇنىڭ ئالاھىدىلىكى شۇكى، ئۇ ئاۋازنى گۈزەللەشتۈرۋەتمەيدۇ، بويىۋەتمەيدۇ. ئاۋازنىڭ مۇتلەق پاكىز، توغرا ، ئەينەن  بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىڭ، قۇلىقىڭىزنى ئالدىمايدۇ. پەقەت مۇشۇنداق ئالاھىدىلىك بار بولغان ئاۋاز ياڭراتقۇلا كومپىيوتېردا مۇزىكا ئىشلەشكە ئەڭ ماس كىلىدۇ.

  تۆۋەندە چەتئەللەردىكى ئۈن ئىلىش ئۆيىدە ئىشلىتىلىۋاتقان  بىر قانچە خىل كەسپى ياڭراتقۇلارنى كۆرۈپ باقايلى.

9.jpg


8.jpg


6.jpg


5.jpg




كۆزى سەزگۈر دوستلىرىمىز يۇقارقى رەسىملەرنى كۆرۈپ بولغاندىن كىين بىر ئوخشاشلىقنى بايقايدۇ . ئۇ بولسىمۇ   لابا تۇسقۇچى ئاق رەڭلىك ياڭراتقۇ يۇقارقى ئۈن ئىلىش ئۆيلىرىنىڭ ھەممىسدە تىزىپ قويۇلغان . ئەجىبا بۇ ئەڭ ئىلغار كەسپى ياڭراتقۇمىدۇ ؟ ئۇنداق ئەمەس ،لىكىن ئۇ بىزگە كومپىيوتېردىن چىققان ئاۋازنى ھىچقانداق سۈپەتلىمەي ئۆز پىتى ئاڭلىتىپ بىرىدۇ . بۇ ياڭراتقۇنى ئەينى چاغدا ، يەنى كەسپى ياڭراتقۇ دىگەن ئۇقۇم بارلىققا كەلمىگەن چاغدا yamaha شىركىتى مۇزىكا مەستانلىرى ئۈچۈن لاھيىلەپ چىققان . كىم بىلسۇن  مەستانىلەر بۇ ياڭراتقۇنىڭ ئاۋاز سۈپىتىدىن ئىنتايىن نارازى بولۇپ كۆپلىگەن باھالاش تارماقلىرى شۇ ۋاقىتتىكى ئەڭ ناچار ئاۋاز ياڭراتقۇ دەپ باھالاپ چىققان. بۇ سەۋەپلىك بۇ ياڭراتقۇنىڭمۇ باھاسى شىددەت بىلەن چۈشۈپ كەتكەن. ئەسلىدە بۇ ياڭراتقۇ ئەسلىدىكى ئاۋازغا نىسپەتەن ھىچقانداق گۈزەللەشتۈرۈش ، ئەلالاشتۇرۇش ئىلىپ بارمايدىكەن ، شۇ سەۋەپلىك ئەينى دەۋىردىكى مۇزىكا مەستانىلىرىنىڭ ئاڭلاش سەزگۈسىدە  ئاللىبۇرۇن شەكىللىنىپ قالغان ئاۋاز تۈسىنى يارىتىپ بىرەلمىگەن. كىيىن بەزى كەسپىي مۇزىكا ئىشلىگۈچىلەر بۇ ياڭراتقۇدىن پايدىلىنىپ تەڭشەلگەن مۇزىكىنىڭ باشقا ھەرقانداق ياڭراتقۇلاردا قويۇلسا  ناھايىتى ئۆلچەملىك ۋە يىقىملىق ئاڭلىنىدىغانلىقىنى بايقاپ ، بۇ ئىش  كەسپى خادىملارنىڭ دىققىنى تارتقان . YAMAHA شىركىتىنىڭ ئىنژىنىرلىرى بۇ ئىشنىڭ ماھيىتىنى ئۇققاندىن كىيىن دەرھال مەخسۇس كەسپىي مۇزىكا ئىشلىگۈچىلەر ، ئاۋاز كىرىشتۈرگۈچىلەر ئۈچۈن  يىڭى ئۆلچەمدە  NS-10M STUDIO خىلدىكى ئاۋاز ياڭراتقۇنى تەتقىق قىلىپ بازارغا سالدى. ئەلۋەتتە ، ھازىر بۇ ياڭراتقۇنى ئىزدەپمۇ تاپقىلى بولمايدۇ.  99-يىلى بۇ « ئاق تەخسە » ياڭراتقۇغا ياغاچ ماتىرىيالى ئىشلىتىلگەن دەپ ئىشلەپچىقىرىشتىن توختۇتۇلغان.

10.jpg


NS-10M STUDIO


تۆۋەندە ھازىر كەسپىي ئۈن ئىلىش ئۆيلىرىدە كۆپ ئىشلىتىلىۋاتقان  ياڭراتقۇلارنى كۆرۈپ باقايلى .

11.jpg

Genelec 1031A


12.jpg

Mackie HR824


13.jpg

Dynaudio BM6a


بۇ تىمىنىڭ داۋامىنى تۆۋەندىكى ئۇلانمىنى بىسپ داۋاملىق كۆرسىڭىز بولىدۇ.

تىڭشىغۇچ ۋە ياڭراتقۇ توغرىسىدا (2)


ماقالە تەييارلىغۇچى :  پەرھات ئابدۇرىھىم



كۆچۈرۈپ تارقىتشقا قەتئىي بولمايدۇ !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

QQ|ئالاقىلىشش ئۇسۇلى|ياردەم|يانفۇن|قاماقخانا|شىنجاڭ midi تورى|新疆midi网   

GMT+8, 2020-7-11 17:13 , Processed in 0.051597 second(s), 10 queries , Wincache On.

Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش