xjmidi

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش
ئىزدەش
كۆرۈش: 1122|ئىنكاس: 0

MIDI رويال توغرىسىدا چۈشەنچە

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

升级   100%

扫一扫,手机访问本帖
MIDI رويال كومپىيوتېر مۇزىكىسى ئۆگىنىۋاتقانلارغا نىسپەتەن ئانچە ناتونۇش نەرسە ئەمەس ، ئەمما MIDI رويال بىلەن باشقا تۈردىكى روياللارنىڭ زادى قانداق ئوخشىمايدىغان پەرقى بار ، زادى قانداق خىلدىكى MIDI رويال ئۆزىمىزگە ئەڭ ماس كىلىدۇ دىگەنلەرنى ھەقىقىي چۈشىنىش ئۈچۈن تۆۋەندىكى مەزمۇنلار دىققىتىڭىزدە بولسۇن.
MIDI دىگەن نىمە؟
MIDI دىگەن ئاتالغۇ musical instrument digital interface نىڭ قىسقارتىلغان نامى بولۇپ ، چالغۇ ئەسۋاپلارنىڭ سىفىرلىق ئۇلاش ئىغىزى دىگەن مەنانى بىلدۈرىدۇ. ئۇ بىر خىل سىفىرلىق ئۇچۇرلارنى ئۇزۇتۇش ئۆلچىمى . MIDI نى ھازىرقى زامان ئېلىكترونلۇق چالغۇلىرىنىڭ جان تومۇرى دىيشىكە بولىدۇ.
MIDI سىستىمىسى مۇزىكا چىلىشتىكى ماھارەت ۋە ئىنچىكە ھالقىلارنى كونتىرول قىلىدىغان بىر يۈرۈش كودنى ئۆز ئىچىگە ئالدىغان بولۇپ ، بۇ رەقەملىك كود «MIDI ئۇچۇرى» دەپ ئاتىلىدۇ ، ئۇنىڭدىن باشقا ئۇ يەنە ئاددى بىر ئىلىكتىرونلۇق زاپچاس بۆلىكىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان بولۇپ، بۇ زاپچاس بۆلىكى ئارقىلىق ئوخشاش بولمىغان رەقەملىك چالغۇ ئەسۋاپلارنى بىر -بىرى بىلەن ئۇلىغىلى بولىدۇ، بۇ ئارقىلىق مۇزىكانىت ئىنتايىن مۇرەككەپ ۋە كۆپ خىل ئاۋاز ئۈنۈمىنى ھاسىل قىلالايدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا  MIDI ئارقىلىق چالغۇ ئەسۋاپلارنى كومپىيوتېر بىلەن تۇتاشتۇرغىلى ، ئورۇنداش ھالىتىنى كومپىيوتېر ئارقىلىق كونتىرول قىلغىلى بولىدۇ.
تور بىكىتىمىز xjmidi نامىنى قوللانغان بولۇپ ، ئالدىدىكى ئىككى ھەرىپ  دۆلىتىمىزنىڭ غەرىبىدىكى ئۆزگىچە مۇزىكا بايلىقىغا ئىگە دىيارىمىزغا ۋەكىللىك قىلسا ، كەينىدىكى تۆت ھەرىپ دەل midi تىخنىكىسىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ.
ئەمدى ئاساسىي تىمىغا قايتىپ كىلەيلى.
MIDI رويال دىگەن نىمە؟
MIDI رويال دىگىنىمىز  MIDI ئۇچۇرلىرىنى چىقىرىپ بىرەلەيدىغان رويال، بۇ خىلدىكى رويال ئۆزىدە ناھايىتى كۆپ  MIDI سىگىنال كونتىروللاش ئىقتىدارىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولىدۇ.
MIDI رويال ھەققىدە قىسقىچە بايان
MIDI رويالنى  ئىلىكتىرونلۇق رويال ، رەقەملىك پىئانىنو ، بارمانچۇقلۇق بىرىكمە چالغۇ قاتارلىق سىفىرلىق چالغۇلار ئىچىدىن ئەڭ ئاسان پەرق ئەتكىلى بولىدۇ.  ئۇنىڭ ئەڭ مۇھىم خاسلىقى بولسا MIDI سىگىنالنى يەتكۈزۈش بولۇپ ،  MIDI رويالنىڭ ئىلىكتىرون قىسمى ئاۋاز مەنبە تاختىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالمايدۇ.  شۇڭا ئۇنى يەككە ھالەتتە ئىشلەتكەندە ھىچقانداق ئاۋاز چىقىرالمايدۇ. ئادەتتە ئۆلچەملىك  MIDI رويال كۆپلىگەن MIDI سىگىنال كونتىروللاش ئىقتىدارىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولىدۇ. سىرتقى ئاۋاز مەنبەسىگە ئۇلانغاندىن كىيىن MIDI رويال قىلالايدىغان ئىش ناھايىتى كۆپ بولىدۇ.



1.png


باشقا ئىلىكتىرونلۇق بارمانچۇقلۇق چالغۇلارغا سىلىشتۇرغاندا MIDI رويالنىڭ ئارتۇق ئىقتىدارلىرى يوق ، ئاۋاز تۈسى ، ئاپتۇماتىك ، رىتىم قاتارلىق ئەڭ ئەقەللىي ئىقتىدارلار MIDI رويالدا ھازىرلانمىغان. ئەكسىچە MIDI رويالدا كۆڭۈل بۆلىدىغان ئاساسىي ئىقتىدار بولسا ئۇنىڭ MIDI سىگىنال كونتىروللاش ئىقتىدارىدۇر. ئەڭ ئادەتتكى MIDI رويالدا Pitchbend (ئاۋاز قايدۇرۇش غالتىكى ) ، Modulation (ئاۋاز تىتىرتىش \كونتىروللاش) كۇنۇپكىسى سەپلەنگەن بولىدۇ.  بىراق بۇ خىلدىكى MIDI روياللار ئەڭ تۆۋەن ئىھتىياجدىكى ئىشلەتكۈچىلەرگە قارىتا ئىشلەپچىقىرلغان بولۇپ، نورمال سەپلىمىدىكى MIDI روياللاردا ناھايىتى كۆپ بۇرىما كۇنۇپكا ، سىيرىلما كۇنۇپكا ، كۆپ ئىقتىدارلىق باسماق .....قاتارلىق ئاۋاز تۈسىنى كونتىروللاش ، ئورۇنداش ھالىتىنى ئۆزگەرتىشكە دائىر بىر مۇنچە كونتىرول كۇنۇپكىلىرى بولىدۇ. ئەمىلىيەتتە ياخشى سەپلىمىدىكى بىر MIDI رويال   ئاۋاز مەنبە توك يول تاختىسى ئىلىۋىتىلگەن بىر بىرىكمە چالغۇغا باراۋەر ھىساپتا بولىدۇ. MIDI رويالنڭ يەنە باشقا ئارتۇقچىلىق تەرەپلىرىمۇ بار ، مەسلەن : ئۇنى ئاددىيلاشتۇرۇپ ئىنتايىن نىپىز ، يەڭگىل ، قىسقا ، ناھايىتى كىچىك قىلىپ ياساشقا بولىدۇ ، شۇنداقلا باھاسىمۇ ناھايىتى ئەرزان .  كومپىيوتېر ، تاختا كومپىيوتېر ، يانفۇن مۇزىكا ئەپلىرىدە مۇزىكا ئىشلەش ئوموملاشقان بۇ دەۋرىمىزدە مۇزىكا ئىشلەش بۇرۇنقى ۋاقتىلاردىن كۆپ قولايلىقلاشتى .  تەرەققىيات ۋە يۈزلىنىشنى ئالدىن بايقىغان نۇرغۇن شىركەتلەر مەخسۇس تاختا كومپىيوتېر ۋە يانفۇنلارغا ئۇلىغىلى بولىدىغان مىكرو تىپتىكى MIDI روياللارنى ئىشلەپ چىقاردى. بۇ روياللارنى GarageBand、SampleTank、Fruit قاتارلىق مۇزىكا ئەپلىرى بىلەن بىرلەشتۈرۈپ ئىشلەتكەندە دەرىجىدىن تاشقىرى يۆتكىمە مۇزىكا خىزمەتخانىسى قۇرغىلى بولىدۇ.
ئەلۋەتتە ھەركىم ئۆزىنىڭ ئىقتىسادى ئەھۋالى ، ئىشلىتىش دائىرسىگە قاراپ MIDI رويالنڭ باھاسى ، چوڭ - كىچىكلىكى ۋە باشقا ئىقتىدارلىرىنى ئويلاشسا بولىدۇ. ئەمما MIDI رويالنڭ باھاسى قانچە ئەرزان بولسا سەپلىمىسى شۇنچە تۆۋەن بولۇشى ھەتتا ئەڭ ئەقەللىي   MIDI سىگىنال كونتىروللاش ئىقتىدارلىرىمۇ تەمىنلەنمەسلىكى مۈمكىن.
تۆۋەندە MIDI رويالنڭ سەپلىمىسى ئىچىدىكى بىلىشكە تىگىشلىك بولغان مۇھىم ساۋاتتىن بارمانچۇقنىڭ سەپلىمىسى توغرىسدا ئاز -تولا سۆزلەپ ئۆتىمىز.
ئىغىرلىق قۇرۇلمىسى سەپلەنمىگەن بارمانچۇق (velocity-sensitive)
ئىغىرلىق قۇرۇلمىسى سەپلەنمىگەن بارمانچۇق ئادەتتە  پۇرژىنا ئارقىلىق بارمانچۇقنىڭ بىسىلغاندىن كىيىن تېز سۈرئەتتە ئورنىغا قايتىپ كىلىدىغان قىلىپ لاھيىلەنگەن بولۇپ ، بۇ خىلدىكى بارمانچۇق سەپلەنگەن MIDI رويال  بارمانچۇقىنىڭ ئادەمنىڭ قولىغا بىرىدىغان كۈچ تۇيغۇسى ئىنتايىن يەڭگىل بولۇپ ،  بارمانچۇقنىڭ بىسىلغاندىن كىين ئۆز ئورنىغا قايتىپ كىلىش سۈرئىتى تىز بولغاچقا بارمانچۇقنى ئىنتايىن تېز سۈرئەتتە قايتىلاپ بىسىشقا بولىدۇ.

1.png


ئىغىرلىق قۇرۇلمىسى سەپلەنمىگەن بارمانچۇقنىڭ قۇرۇلمىسى


بۇنداق قۇرۇلمىدىكى ئىلىكتىرونلۇق رويال ، بىرىكمە چالغۇ ،  MIDI روياللار ئىنتايىن كۆپ. بۇ خىل بارمانچۇقنىڭ قولغا بىرىدىغان سىزىمىنى korg pa , yamaha psr تىپىدىكى روياللارنى چىلىپ باققان دوستلارنىڭ ھەممىسى ھىس قىلالايدۇ.

يىرىم ئىغىرلىق قۇرۇلمىسى سەپلەنگەن بارمانچۇق
كىيىن كىشىلەر ئاددى سۇلىياۋ ۋە پۇرژىندىن تۈزۈلگەن ئىغىرلىق سەپلەنمىگەن بارمانچۇقنىڭ قولغا بىرىدىغان سىزىمىنى ياخشىلاش ئۈچۈن ، ئەڭ بىۋاستە ئۇسۇلنى تىپىپ چىققان. يەنى بارمانچۇقنىڭ ئىغىرلىق مىقتارىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن بارمانچۇقنىڭ ئىچكى قىسمىغا مېتال پارچىسى قاچىلاپ ، بارمانچۇقنىڭ بىسلىش ۋەزنىنى بەلگىلىك دەرىجىدە ئاشۇرغان.

0.png


بۇ خىلدىكى بارمانچۇق ئارقىلىق بىۋاستە بىۋاسىتە ئېغىرلىقنى تەڭشەش ئۇسۇلى يېرىم ئېغىرلىقنى تەڭشەش دەپ ئاتىلىدۇ. بۇنداق ئۇسۇلدا ياسالغان بارمانچۇقلار يىرىم ئىغىرلىق قۇرۇلمىسى سەپلەنگەن بارمانچۇق دەپ ئاتىلدۇ. بۇ خىلدىكى بارمانچۇقىنى ياساش ئۇسۇلى ئاددىيلا مېتال پارچىسىنى قاچىلاپ ئىغىرلىقىنى ئاشۇرۇشتىن تىخمۇ ئىنچىكە ، تىخمۇ تىخنىكىلىق ھالەتتە ھەر خىل ئۇسۇلدا ئۆزگەرتىپ بىقىلغان.
يىرىم ئىغىرلىق قۇرۇلمىسى سەپلەنگەن بارمانچۇق باشقا ئىككى خىلدىكى بارمانچۇقنىڭ بىر قىسىم ئىقتىدارىنى ئۆزىگە مۇجەسسەم قىلغان بىر خىل لاھىيە بولۇپ، بارماق سىزىمى ھەقىقىي پىئانىنونىڭكىگە يىقىنلاشقاندىن تاشقىرى ،بۇرۇندىن ئىغىرلىق قۇرۇلمىسى سەپلەنمىگەن بارمانچۇق ئىشلىتىلگەن رويال ، ئاككوردىيون قاتارلىقلارنى چىلىپ بارماق سىزىمى يىتىلىپ بولغان مۇزىكانىتلارغا نىسپەتەن ھەقىقىي پىئانىنونىڭ بارمانچۇق سىزىمىگە ماسلىشىشقا ئۆتكۈنچى شارائىت ھازىرلاپ بەرگەن ھەمدە بارمانچۇقنىڭ پۈتۈپ چىقىش باھاسىمۇ ئۇنچە يۇقىرى بولمىغان. قول سىزىمى بەك راھەت بولۇپ ، بارمانچۇقنى باسقاندىن كىيىن بارمانچۇقنىڭ ئۆز ئورنىغا قايتىپ كىلىش سۈرئىتىمۇ ئىغىرلىق قۇرۇلمىسى سەپلەنمىگەن بارمانچۇقتىن قىلىشمىغان. بۇ خىلدىكى بارمانچۇق تىزلا ئالىي ، ئوتتۇرا دەرىجىلىك بىرىكمە چالغۇ ، بىر قىسىم ئىلىكتىرونلۇق روياللاردا كەڭ كۆلەمدە ئىشلىتىلگەن.

1.png


يۇقارقىسى بولسا يىرىم ئىغىرلىق قۇرۇلمىسى سەپلەنگەن بارمانچۇق ئىشلىتىلگەن  ئىلىكتىرونلۇق رويال Yamaha XF7 ، ئۇنى چالغان ۋاقىتتىكى بارماق سىزىمى ھەقىقەتەن پەيزى.
يىرىم ئىغىرلىق قۇرۇلمىسى سەپلەنگەن بارمانچۇق بارلىققا كىلىپ  ئۇزاق ئۆتمەي ، يەنە بىر قىسىم مەسىلە ئوتتۇرغا چىقىشقا باشلىغان. يەنى ، قولى بارماقلىرى ئاللىبۇرۇن ھەقىقىي پىئانىنونىڭ بارمانچۇقىغا كۆنۈپ بولغان كەسپىي پىئانىنوچىلار بۇنداق  يىرىم ئىغىرلىق قۇرۇلمىسى سەپلەنگەن بارمانچۇق ئىشلىتىلگەن روياللارنى چالغاندا قول سىزىمى يەنىلا ھەقىقىي پىئانىنونىڭ قول سىزىمى بىلەن روشەن پەرىقلىندىغانلىقىنى ، چالغاندا بارمانچۇققا ھىچقانچە كۈچ ئىشلەتمىسىمۇ بىسىلىپ كىتىۋاتقانلىقىنى ، ھەقىقىي پىئانىنو چالغان تۇيغۇنى تاپالمايۋاتقانلىقىنى ھىس قىلغان. بۇنىڭ بىلەن تىخنىكا ساھەسىدە يەنە بىر قوزغۇلۇش بولۇپ ،بارماق سىزىمى ھەقىقىي پىئانىنوغا ئوخشاش بولغان بارمانچۇق لايىھەسىنى تىپىپ چىقىشقا ئىزدىنىشكە باشلىغان.

پۈتۈن ئىغىرلىق قۇرۇلمىسى سەپلەنگەن بارمانچۇق

كەسپىي پىئانىنوچىلارنىڭ كۈچلۈك سادالىرى ئارقىسىدا تىخنىكلار تىزلىكىتە مۇناسىۋەتلىك تەتقىقاتىنى باشلىۋەتكەن. ھەقىقىي پىئانىنونىڭ ئىچكى قۇرۇلمىسىنى كۆرۈپ باققان دوستلار چوقۇم بىلىدۇ. پىئانىنونىڭ بارمانچۇق سىستىمىسى مۇرەككەپ تىخنىكىلىق ھۈنەر سەنئەتنىڭ مەھسۇلى. بارمانچۇقنى باسقاندىن باشلاپ تاكى بارمانچۇق بولقىسى تارىغا تىگىپ ئاۋاز چىقىرىپ ئاندىن بارمانچۇق ئۆز ئورنىغا قايتىپ كەلگۈچە بولغان ۋاقىتتا 57 دانە زاپچاس بۆلىكى پىشاڭ پىرىنسىپىغا ئاساسەن بارماقتىن چىققان كۈچنى تارىغا ئۇزۇتۇپ ئاندىن بارمانچۇقنى ئۆزىنىڭ ئىغىرلىقى بىلەن ئۆز ئورنىغا قايتۇرۇپ كىلىدۇ.

2.png


ھەقىقىي پىئانىنو بىردانە مىخاينىك قۇرۇلما بولۇپ ، پىئانىنونىڭ بارمانچۇق سىستىمىسى بىلەن پىئانىنو تارىسى فىزىكىلىق ھەركەت قانۇنىيتى بويىچە ئۇچۇرشۇپ ئاندىن ئاۋاز چىقىرىدۇ، ئۇنىڭ ئىچىدىكى ھەربىر زاپچاس قول سېزىمىگە بەلگىلىك تەسىر كۆرسىتىدۇ.

4.gif


بىر تال بارمانچۇقنى چىلىپ ئاۋاز چىقارغاندىكى  پۈتكۈل فىزىكىلىق جەريان ۋە بىرلەشمە ھەرىكەت قۇرۇلمىسى ئىنتايىن نازۇك ھەم مۇرەككەپ بولۇپ، ئۇ  نۇرغۇن پىشاڭ، تايىنىش نۇقتىسى، پۇرژىنا، بارمانچۇق بولقىسى ۋە سىلكىنىشنى پەسەيتكۈچ قاتارلىقلارنىڭ ئۆز- ئارا زىچ ماسلىشىشى ئارقىسىدا ۋۇجۇتقا چىقىدۇ. بۇنداق مۇرەككەپ قۇرۇلما سەۋەبىدىن پەيدا بولغان قول سىزىمى بايام بىز دەپ ئۆتكەن ئاددى ھالدىكى پۇرژىنا ۋە مىتال پارچىسى ئارقىلىق پەيدا قىلغان بارماق سىزىمدىن كۆپ پەرىقلىنىدۇ.

پىئانىنو تارىسىنىڭ ئۇزۇن قىسىقىلىقى ئوخشاش بولماسلىقى سەۋەبىدىن  بارمانچۇق بولقىسىنىڭ پىشاڭ ئۇزۇنلىقى ۋە ئېغىرلىقىمۇ پەرقلىنىدۇ. شۇڭلاشقا باس ئاۋاز رايونى كۇنۇپكىسىنىڭ قول سېزىمى بىلەن يۇقىرى ئاۋاز رايونىنىڭ قول سېزىمى ئوتتۇرىسىدا مۇئەييەن پەرق پەيدا بولغان. قانچە بوم ئاۋاز رايۇنىنى چالسا قول  سېزىمى كۈچلۈك ، بارماقنىڭ كۈچىشى چوڭراق بولىدۇ. ئەكسىچە قانچە زىل ئاۋاز رايۇنىنى چالسا قول سېزىمى تېخىمۇ يېنىك بولىدۇ، بارماقنىڭ كۈچىشى  ئاجىزلايدۇ.

4.png


شۇنداق قىلىپ ھەر قايسى چالغۇ ياساش كارخانلىرى ھەقىقىي پىئانىنونىڭ   مىخانىك قۇرۇلمىسنىڭ ئالاھىدىلىكىگە ئاساسەن ،ئۆزىگە خاس بولغان ئىلىكتىرونلۇق روياللارغا قوللىندىغان  پۈتۈن ئىغىرلىق قۇرۇلمىسى سەپلەنگەن بارمانچۇق لايىھەلەپ چىققان.
تۆۋەندىكى رەسىم Yamaha نىڭ  پۈتۈن ئىغىرلىق قۇرۇلمىسى سەپلەنگەن بارمانچۇق ئىشلىتىگەن ئىلىكتىرونلۇق پىئانىنونىڭ قۇرۇلما ئىسخېمىسى بولۇپ،  ھەقىقىي پىئانىنونىڭ بارمانچۇق قۇرۇلمىسىغا قارىغاندا كۆپ ئاددىيلاشتۇرۇلغان، پەقەت بىر پىشاڭلىق قۇرۇلما ئارقىلىق بارمانچۇق بولقىسىنى ھەركەتلەندۈرەلەيدۇ.

12.png




ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

QQ|ئالاقىلىشش ئۇسۇلى|ياردەم|يانفۇن|قاماقخانا|شىنجاڭ midi تورى|新疆midi网   

GMT+8, 2020-4-2 01:02 , Processed in 0.040870 second(s), 10 queries , Wincache On.

Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش