xjmidi

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش
ئىزدەش
كۆرۈش: 1053|ئىنكاس: 0

Waves دا تەپمە دۇمباقنى EQ ئارقىلىق تەڭشەشنىڭ ئۈچ قەدەم باسقۇچى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

升级   100%

扫一扫,手机访问本帖
تەپمە دۇمباق (باس دۇمباق) نىڭ مۇزىكىدىكى رولى چوڭ ، ياخشى تەپمە دۇمباق ئاۋاز ماتىرىيالى تاللاشتىن باشقا يەنە ئۇنىڭ ئاۋاز يولى ئىچىدىكى ئاۋاز ئۈنۈمىنىڭ مۇۋاپىق بولۇشى ئۈچۈن ئادەتتە EQ  ئارقىلىق بەزى زۆرۈر تەڭشەشلەرنى ئىلىپ بىرىشقا توغرا كىلىدۇ. يەنى تەپمە دۇمباقنىڭ تۆۋەن ئاۋاز چاستوتىسى (باس ئاۋازى) نى ئاشۇرۇش ، ئوتتۇرا-تۆۋەن چاستوتىسىنى قىلىن ۋە سالمىقى بار ھالەتتە تەڭشەيمىز.  شۇڭا بىز ئىشنى مۇشۇ ئۈچ نۇقتىدىن باشلاپ، تەپمە دۇمباقنىڭ چاستوتىسىنى تەڭشىسەك بولىدۇ.


1.تەپمە دۇمباقنىڭ تۆۋەن ئاۋاز چاستوتىسى (باس ئاۋازى) نى ئاشۇرۇش
ئەگەر تەپمە دۇمباقنىڭ ئاۋازىنى  بىۋاستە كۆكرەك قىسمىمىزغا بىسىملىق ھالەتتە سوقىلىۋاتقاندەك تۇيغۇغا ئىرىشمەكچى بولساق ، ئۇنىڭ ئاساسىي چاستوتىسىنى كۈچەيتىشىڭىز كىرەك ، بۇ ئادەتتە 40Hz بىلەن 100Hz ئارىلىقىدا بولىدۇ. ئۇنى تەڭشەش ئۈچۈن Waves Q10 تەڭپۇڭلاشتۇرغۇچ قىستۇرمىسىنى ئىشلىتىپ ،قوڭغۇراقسىمان ئەگرى سىزىقلىق دولقۇن سۈزگۈچتىن پايدىلىنىپ، بۇ چاستوتا دائىرىسىدىكى ئەڭ مۇۋاپىق ئورۇننى تىپىپ ئاندىن Q قىممىتىنى مۇۋاپىق تەڭشەپ باس ئاۋاز ئۈنۈمىنى ئاشۇرساق بولىدۇ.


2.ئوتتۇرا-تۆۋەن چاستوتىسىنى قىلىن قىلىپ تەڭشەش
تەپمە دۇمباقنى ئاڭلىغان چىغىمىزدا بەلكىم ئۇنىڭ مەلۇم دەرىجىدە سالمىقى بار ئەمما قىلىنلىقى يىتەرلىك ئەمەستەك بىلىنىشى مۈمكىن .  چۈنكى ئۇنىڭ ئاساسىي چاستوتا قىسمى گەۋدىلەنگەن بولسىمۇ ، لېكىن يەنىلا گارمونىك دولقۇن كەمچىل بولۇشى مۇمكىن . شۇڭا بىز Renaissance Bass قىستۇرمىسىنى دۇمباق ئاۋاز يولىغا قىستۇرۇپ سىناپ باقساق بولىدۇ. يەنى قىستۇرمىنىڭ ئاستىنقى قىسىمدىكى Freq سىيرىلما كۇنۇپكىسىنى ئاساسىي چاستوتا قىسمى دائىرسىگە تەڭشەپ ( 40Hz بىلەن 100Hz ئارىلىقىدا تەڭشىسەك بولىدۇ) ، ئاندىن Intensity ئارقىلىق گارمۇنىك تەركىبىنى كۈچەيتسەك بولىدۇ.

2020.jpg



3.سوقۇلۇش كۈچىنى ئاشۇرۇش ۋە سالمىقى بار ھالەتتە تەڭشەش
تەڭشەپ بۇ باسقۇچقا كەلگەندە تەپمە دۇمباقنىڭ ئاۋازى بىر خىل تولغان ۋە ئىغىر ھالەتتە ئاڭلىنىدۇ، ئەمما تەپمە دۇمباقنىڭ سوقۇلۇش كۈچى يەنە يىتەرلىك ئەمەس، كىرىشتۈرۈلگەن ئاۋاز يوللىرىنىڭ ئىچىدىن نامايەن قىلىپ چىقارغىلى بولمايدۇ. شۇڭا Scheps 73 قىستۇرمىسىنى تەپمە دۇمباق ئاۋاز يولىغا قىستۇرۇپ كونكرېت ئەھۋالىغا ئاساسەن، ئوتتۇرا چاستوتا كۇنۇپكىسى ئۈستىدە ئازراق تەڭشەش ئېلىپ بارساق بولىدۇ. يەنى  1k-8k گىرتىس چاستوتا رايۇنىنى كۈچەتسەك تەپمە دۇمباقنىڭ سوقۇلۇش كۈچىنى ئاشۇرغىلى بولىدۇ.

2021.jpg


ماقالە تەييارلىغۇچى : پەرھات ئابدۇرىھىم

ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

QQ|ئالاقىلىشش ئۇسۇلى|ياردەم|يانفۇن|قاماقخانا|شىنجاڭ midi تورى|新疆midi网   

GMT+8, 2020-4-2 02:11 , Processed in 0.016574 second(s), 10 queries , Wincache On.

Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش