xjmidi

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش
ئىزدەش
كۆرۈش: 1277|ئىنكاس: 2

[cakewalk/sonar] Sonar دا ۋوكودېر ئۈنىمى ھاسىل قىلىش

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

升级   100%

扫一扫,手机访问本帖
ۋاقتى: 2010-11-23 19:54:14 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |كۆرۈش شەكلى
Sonar غا خىلى بۇرۇنلا  ۋوكودېر ئۈنىمى ھاسىل قىلىش ئىقتىدارى قوشۇلغان ،بىراق ئۇ Pentagon I نامىلىق بىرىكمە چالغۇ كۆزنىكى ئىچىگە يوشۇرنىۋالغان . بىز بۈگۈن بۇ ئىقتىدارىنى يوشۇرنىۋالغان جايدىن تارتىپ چىقىرايلى .
بىز  ۋوكودېر ئۈنىمى ھاسىل قىلىشقا ئىھتىياجىلىق بولساق  Pentagon I نى بىر بىرىكمە چالغۇ شەكلىدە ئەمەس ،بەلكى بىر دانە ئۈنۈملۈگۈچ ھالىتىدە قوللىنىمىز .
ئاۋاز يولى ئۈستىدە مائۇسنىڭ ئوڭ كۇنۇپكىسىنى بىسىپ ، Soft Synths  نىڭ ئىچىدىن
Pentagon Iنى تاللايمىز . مەزكۇر ئاۋاز يولىنى بىز« ئاۋاز چاستوتا \ چالغۇ يولى » دەپ ئاتايمىز ، چۈنكى ئۇ ھەر ئىككى خىل ئىقتىدارغا تەڭ ئىگە بولغان .

ئاندىن ،بىر دانە MIDI يولى قۇرۇپ ،MIDI يولىنىڭ چىقىرىش ئىغىزىنىڭ تەڭشكىنى Pentagon I غا توغىرلايمىز.
« ئاۋاز چاستوتا \ چالغۇ يولى » نىڭ ئاۋاز چاستوتا كىرگۈزۈش تەڭشىكىنى مىكرافۇنغا توغىرلايمىز ھەم   Input Echo  نىڭ تەڭشىكىنى On غا توغىرلايمىز .

Pentagon نىڭ ئاۋاز تۈسى تىزىملىكىدىن ئۆزىمىز ياقتۇردىغان ئاۋاز تۈسىدىن بىرنى تاللايمىز . بۇ پەيىتتە ئۇ ۋوكودېرنىڭ يۈكلىمە دولقۇنى بولىدۇ ، ئارقىدىن Pentagon نىڭ كۆزنىكىدىكى Pentagon بەلگە رەسىمىنى چىكىمىز ،چىققان تىزىملىكىتىن Voice Modulator نى ئوچۇق ھالەتكە تەڭشەيمىز . ئەگەر سىز ھەققى ئادەمنىڭكىگە ئوخشايدىغانراق ئۈنۈمگە ئىرىشمەكچى بولسىڭىز Formant Filter نى ئاچسىڭىز بولىدۇ .
ئەمدى ،بىر تەرەپتىن مىكرافۇندا گەپ قىلغاچ ،MIDI رويالنى چىلىڭ ،مانا سىز باياتىن بىرى تەققەززا بولىۋاتقان ۋوكودېر ئۈنىمى ھاسىل بولىدى .

ئىزاھات ، ۋوكودېر ئۈنىمىنى  پەقەت مىكرافۇن ئارقىلىقلا تىزگنلىگىلى بولۇپلا  قالماستىن بەلكى ،بىر بۆلەك LOOPئاۋازى ئارقىلىقمۇ تىزگىنلىگىلى بولىدۇ .



ماقالە تەييارلىغۇچى : پەرھات ئابدۇرىھىم

كۆچۈرۈپ تارقىتىشقا بولمايدۇ.

升级   100%

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2010-11-25 19:35:50 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
FL نىڭ ئۆزىدىمۇ بۇ خىل ئۈنۈم ھاسىل قىلىش بۆلىكى بار .
بۇ خىلىدىكى ئۈنۈم ھاسىل قىلىش دىتاللىرى ناھايىتى كۆپ بولۇپ ، ئەگەر باشقا نۇسقىلىرىغا ئىھتىياجىلىق بولسىڭىز توردىن ئىزدەپ باقسىڭىز بولىدۇ. ھالقىلىق سۆز «声码器» . ئىزدەپ تاپقاندىن كىيىن كومپيوتېرغا قاچىلىسىڭىز Cubas دىمۇ MIDI رويال ئارقىلىق كونترول قىلىپ ئىشلەتكىلى بولىدۇ .
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

QQ|ئالاقىلىشش ئۇسۇلى|ياردەم|يانفۇن|قاماقخانا|شىنجاڭ midi تورى|新疆midi网   

GMT+8, 2020-7-6 07:17 , Processed in 0.026121 second(s), 10 queries , Wincache On.

Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش