xjmidi

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش
ئىزدەش
كۆرۈش: 2393|ئىنكاس: 0

[ئادەم ئاۋازى ئۈنۈم قىستۇرمىسى] Celemony Melodyne 5 Studio v5.0.0.048 ئادەم ئاۋازىنىڭ يۇقىرلىقىنى تەھرىرلەش دى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

升级   100%

扫一扫,手机访问本帖
دىتال نامى : Celemony Melodyne 5 Studio v5.0.0.048   ئادەم ئاۋازىنىڭ يۇقىرلىقىنى تەھرىرلەش دىتالى
مەشغۇلات مۇھيىتى:  WiN
فورماتى : WiN32/64 - EXE/VST/VST3/RTAS/AAX
RETگۇرۇپپىسى ھەقسىزلەشتۈرگەن نۇسقىسى
سىغىمى:  23.8MB
ئىلان قىلىنغان ۋاقتى: 2020-يىلى 5-ئاي 82-كۈنى

1590562971_c.jpg


قىسقىچە چۈشەندۈرۈش :


بۇ Celemony شىركىتىنىڭ ئاۋاز يۇقىرىلىقىنى تەھرىرلەش دىتالى بولۇپ، ناخشا ۋە چالغۇ ئاۋازىنىڭ كۈيدىن قىچىش مەسلىسىنى ئەپچىللىك بىلەن ھەل قىلىشقا بولىدۇ .
ئۇنى مۇستەققىل ئىجرا قىلىپ ئىشلەتكىلى ۋە مۇزىكا سىستىمىلىرىغا يۈكلەپ قىستۇرما شەكىلدە ئىشلەتكىلى بولىدۇ.  Celemony شىركىتىنىڭ بۇ ساھەدىكى نەتىجىسى نۇرغۇنلىغان مۇزىكا قاتتىق دىتاللىرى ۋە يۇمشاق دىتاللىرى ئىچىش شىركەتلىرىنى ئۆزىگە جەلىپ قىلغان. ھازىر مودا مۇزىكا يۇمشاق دىتالى Studio One 3.5.2 بۇ دىتالنى ئۆزىگە توپلاشتۇرۇشقا ئىجازەت ئالغان بولۇپ ، ئۇنىڭدىن باشقا بۇنىڭدىن بۇرۇن sonar مۇزىكا ئىشلەش دىتالىمۇ Celemony شىركىتى بىلەن زىچ ھەمكارلاشقان. بۇ دىتال كومپىيوتېردا مۇزىكا ئىشلىگۈچىلەر ، ئاۋاز ئالغۇچىلارنىڭ كومپىيوتېرىدا بولۇشقا تىگىشلىك قۇرال دىتال.  تىلغا ئىلىشقا ئەرزىيدىغىنى شۇكى Celemony شىركىتىنىڭ Direct Note Access تىخنىكىسى بىزگە تىخمۇ ماسلاشقان ، يىقىملىق ئاۋازلارنى ئاڭلاش پۇرسىتى بىلەن تەمىن ئەتتى.
Direct Note Access بولسا Celemony شىركىتىنىڭ تەتقىق قىلىپ چىققان ئاۋاز يۇقۇرلىقىنى سىزىش تېخنىكىسى بولۇپ ، ئادەم ئاۋازى ۋە چالغۇ ئاۋازىنى تېز سۈرئەتتە ئانالىز قىلىپ ئاۋازنىڭ ئورنىنى بىزگە كۆرسىتىپ بىرىدۇ . بىرلا بۇيرۇق بىلەن ھەرخىل قىلىپتىكى كۈي شەكللىرىنىڭ ئاۋاز باسقۇچلىرى بويىچە ئاھاڭ ئورنىنى ئۆزگەرتىپ بىرەلەيدۇ ، قىيىپ كەتكەن ئاۋازلارنى ئاپتۇماتىك ياكى ئەمىلى قول سىلىش ئارقىلىق تۈزۈتىشكە بولىدۇ . ھەرخىل تەييار مىلودىيە ، تەييار ئاككوردلارنى ئازراق ئۆزگەرتىش ئارقىلىق ئىشلەۋاتقان مۇزىكىغا ياخشى ماسلاشتۇرۇشقا بولىدۇ .ئەمىلى نەخ مەيداندا ئىسكىرىپكا چالغاندا ، ناخشا ئوقوغاندا مۇشۇ قىستۇرمىنى قوزغۇتۇپ قويۇپ كۈي شەكلى ۋە كۈي ئورنىنى بەلگىلەپ قويغاندىن كىيىن ئورۇندىغۇچى كۈيدىن قاچسا مەزكۇر قىستۇرما بۇ خاتالىقىنى بىرنجى ۋاقىتتا تۈزۈتۈپ چىقىرىپ بىرىدۇ .

Melodyne Studio سىزنى بارلىق Melodyne ئىقتىدارى بىلەن تەمىنلەيدۇ، تۈزىتىش ۋە ئىجادىي قوللىنىش، چەكسىز سان ئوربىتىسىدا بىۋاسىتە كۆزىتىش ئۇسۇلى ئارقىلىق ئۈنگە ئېلىنغان ئاۋاز ۋە مۇزىكا مەزمۇنىنى تەھرىرلىسىڭىز بولىدۇ، باشقا ئاۋاز قورالى ئارقىلىق چوڭقۇر ئۆزگەرتىش ئېلىپ بارسىڭىزمۇ بولىدۇ.

Melodyne سىزنى بىر خىل يېڭىچە ئۇسۇل بىلەن ئاۋاز چاستوتىسىنى بىر تەرەپ قىلىشىڭىزغا يارەم قىلىدۇ.  خۇددى سېھرىگەرلىكتەك. Melodyne بىلەن ھەمكارلىشىش ئىنتايىن كۆڭۈللۈك .

گۈزەل تەھرىرلىك ئىمكانىيىتى، گەۋدىلىك ئاۋاز سۈپىتى ۋە بىۋاسىتە مۇزىكا مەشغۇلاتى Melodyneنى تەڭداشسىز قورالغا ئايلاندۇرىدۇ، ئۇ بولمىسا ھازىرقى زامان مۇزىكا ئەسەرلىرىنىڭ تەسىر كۈچىنى تەسەۋۋۇر قىلغىلى بولمايدۇ.

بۇ  نۇسخنىڭ  يۈكلەش سۈرئىتى بۇرۇنقى نۇسخىدىن كۆپ تېز .

ئىزاھات :
بىز يەنە  باشقا شىركەتلەرنىڭمۇ  ئەڭ ئالقىشقا ئىرىشكەن بارلىق ئۈنۈم قىستۇرملىرىنى  رەتلەپ قويدۇق ، مۇزىكا ئىشلەش ۋە ئاۋاز بىر تەرەپ قىلىش خىزمىتىدە سىز بۇ قىستۇرمىلار ئارقىلىق ئۆز ئەسىرىڭىزنى يۇقىرى سۈپەتلىك ئاۋاز ئۈنۈمىگە ئىرىشتۈرەلەيسىز. ئىھتىياجىلىق دوستلار ئالاقىلەشسەڭلار بولىدۇ.  

قاچىلاش كۆرسەتمىسى:


RETنىڭ قاچىلاش تەرتىپىگە قاراڭ

چۈشۈرۈش مەنزىلى:

بەيدۇ تور دىسكىسىدىن چۈشۈرۈش ئادىرىسى:
https://pan.baidu.com/s/1fi0LysdVtIQPsP2m3ZZcYw
ئىلىش كودى: 2333

زاپاس چۈشۈرۈش ئادىرىسى :


چۈشۈرۈش ئادىرىسى

ئەسكەرتىش:


تور بىكىتىمىزدە  تەمىنلەنگەن بارلىق يۇمشاق دىتاللار ۋە دەرىسلىكلەرنىڭ بىر قىسىمى ئىنتىرنىت تورىدىن كەلگەن ، بىر قىسىمى تورداشلار يوللىغان مەنبەلەر بولۇپ ، مەيلى قايسى خىلدىكىسى بولمىسۇن بۇ يۇمشاق دىتاللارنىڭ ئىگىلىك ھوقوقى شۇ دىتالنى ئىشلىگەن شىركەت ۋە شەخسكە تەۋە . ئەگەر سىز تور بىكىتىمىز ئارقىلىق ئىرىشكەن يۇمشاق دىتاللارنى ياقتۇرۇپ قالغان بولسىڭىز ئەسلى نەشىرىنى سىتىۋىلىپ ئىشلىتىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز . تور بىكىتىمزدە تەمىنلەنگەن مەنبەلەرنى ئىشلىتىش جەريانىدا كىلىپ چىققان ھەر قانداق زىيانغا تور بىكىتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ .
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

QQ|ئالاقىلىشش ئۇسۇلى|ياردەم|يانفۇن|قاماقخانا|شىنجاڭ midi تورى|新疆midi网   

GMT+8, 2020-7-8 00:29 , Processed in 0.023211 second(s), 10 queries , Wincache On.

Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش